مۇسۇلمانلار

نامازدا قىيام دېگەن نېمە؟

«نامازدا قىيام» دەپ بىر گەپ باركەن. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئادا قىلىش يولىچۇ؟
جاۋاب:
«قىيام» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى رۇسلانماق، تۇرماق، ئۆرە تۇرماق، دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھ مەنىسى، نامازدا ئىفتىتاھ تەكبىرىنى ۋە قۇرئاندىن ئوقۇلۇشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاز مىقدارنى ئوقۇش ئەسناسىدا ئۆرە تۇرۇش دېگەن بولىدۇ[1]. بۇ ئىش (يەنى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازنى باشلىغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرماق) پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت»- ھەج 22/26.
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- ھەج 22/77.
بۇ ئىككى ئايەتتىن، بىر رەكەت نامازنى ناماز قىلغان ئاساسلىق ئىشلارنىڭ قىيام (ئۆرە تۇرماق)، رۇكۇ ۋە سەجدە ئىكەنلىكى چىقىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:
ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەندە بوۋاسىر كېسىلى بار ئىدى، رەسۇلۇللاھتىن نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىمنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە ئولتۇرۇپ ئوقۇ، بۇنىڭغىمۇ كۈچۈڭ يەتمىسە يېتىپ ئوقۇ»[2].
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ۋە ھەدىسكە ئاساسەن، ئۆزرىسى يوق كىشىلەرنىڭ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ باشلىشى ۋە قىرائىتىنى ئۆرە تۇرۇپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا قۇلاق قاققاندىن كېيىن قىرائەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل قىلىنغان دۇئالاردىن بىرىنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. ئۇ دۇئالارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى مۇنداق:
1– «وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضَ حَنِيفًا مُسْلِمًاوَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ إِنَّ صَلاَتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَاىَ وَمَمَاتِيلِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ لاَ شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُالْمُسْلِمِينَ»
«مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقىقەتكە بۇرالدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم، ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»[3].
2- «سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلاَإِلَهَ غَيْرُكَ»
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ ئەيبىڭ ۋە ھېچ كەمچىلىكىڭ يوقتۇر، مەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. سەن ھەر ئىشىڭنى ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىسەن. ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، شەنىڭ ئۇلۇغدۇر، سەن ناھايىتى كاتتا زاتسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»[4].
3- «اللَّهُمَّ بَاعِدْ بَيْنِي وَبَيْنَ خَطَايَاىَ كَمَا بَاعَدْتَ بَيْنَالْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ اللَّهُمَّ أَنْقِنِي مِنْ خَطَايَاىَ كَالثَّوْبِالأَبْيَضِ مِنَ الدَّنَسِ اللَّهُمَّ اغْسِلْنِي بِالثَّلْجِ وَالْمَاءِوَالْبَرَدِ»
«ئى ئاللاھ! مەن بىلەن خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىسىنى مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغاندەك يىراقلاشتۇرغىن. ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغاندەك پاكلىغىن. ئى ئاللاھ! مېنى قار، سۇ ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن»[5].

[1]– ئەبۇ بەكىر سىفىل، «قىيام» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 514- بەت.

[2]– بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 19.

[3]– مۇسلىم، سالاتۇلمۇسافىرىن 201؛ ئەبۇ داۋۇد. سالات 118، 119؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 17.

[4]– تىرمىزى، سالات 179؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 119-120؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 18.

[5]– بۇخارى، ئەزان 89؛ مۇسلىم، مەساجىد 147 (598)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 120-121؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 15.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر