مۇسۇلمانلار

بۇ نېمىشقا ئۇنداق؟

سوئال:
مەن «ھەج ۋە ئۆمرە ھەققىدە ساۋات» نى ئۇقۇغاندىن كېيىن بەزى پائالىيەتلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىدىم. مەسىلەن: ھاجىلار نېمىشقا سەئىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۇرتۈپ ياكى چاچنى كەستۈرۈپ ئېھرامدىن چىقىدۇ؟
جاۋاب:
قېرىندىشىم، ئىبادەتنىڭ شەرتى، شەكلى ۋە سۈپىتى قاتارلىقلاردا پەقەت بىرلا سەۋەب بولىدۇ. ئۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر قىلىشى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسىتىشىدۇر. بىر ئىشنىڭ ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ سەۋەب تېپىلسا، ئۇنى ئەينەن ئادا قىلىش ئىبادەتتۇر. يەنى ئىبادەت دېگەندە «نېمىشقا»دەپ سورالمايدۇ. بۇيرۇلغاننى ئەينەن قىلىش ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.
دىنىمىزدا ھەجنىڭ ياكى ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىقىش ئۈچۈن ئەرلەر باشلىرىنى چۈشۈرتۈشكە ياكى كەستۈرۈشكە، ئاياللار چاچلىرىنىڭ ئۇچ قىسمىدىن بىر بارماق مىقدارى كەستۈرۈشكە بۇيرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن  ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى قىلغان مۇسۇلمانلار بۇ ئىبادەتلىرىنى ئۇ شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
سىزنىڭ نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ دېيىشىڭىز، نېمىشقا مېنىڭ قېشىم كۆزۈمنىڭ ئۈستىدە؟ دېگەندىن ھېچ پەرقى يوق بىر سۆزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشتا قويغان قانۇنلىرى بىلەن دىندا بەلگىلىگەن قانۇنلىرى ئوخشاشتۇر. دۇنيادا ھېچكىمنىڭ كۈن نېمىشقا شەرقتىن چىقىپ غەربتە ئولتۇرىدۇ؟ ياكى نېمىشقا دەرەخنىڭ يىلتىزى زېمىنىنىڭ ئاستىدا، شاخ-پۇتاقلىرى زېمىننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ؟ دەپ سوراشقا ھەققى بولمىغاندەك، ھېچكىمنىڭ ھېچبىر ئىبادەت شەكلىنىڭ «نېمىشقا»سىنى سوراش ھەققى يوقتۇر. ئەكسىچە ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولسا بۇيرۇلغاننى ئەينەن ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، خالاس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر