مۇسۇلمانلار

بۇ قەرزنى ئالايمۇ؟

سوئال:
مەن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئاھالىلەر كومىتېتى بىزگە ئىشسىزلىق كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىدىكەن، شۇ كىنىشكا ئارقىلىق كەم دېگەندە 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىكەن، بۇ ئالغان قەرزنى ئۈچ يىلغىچە قايتۇرۇپ بولالىساق ئۆسۈم چىقمايدىكەن، ئۈچ يىلغىچە قايتۇرالمىسام ئۆسۈم ھېسابلايدىكەن. بۇ قەرزنى يا ئېلىشنى يا ئالماسلىقنى بىلەلمىدىم، يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
جاۋاب:
ئۇ قەرزنى ئۆسۈمدىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئۈچ يىلغىچە ئۇ پۇلنى قايتۇرالمىسىڭىز ئۆسۈمگە يەنى جازانىگە كىرىپ قالىسىز. بۇ چاغدا قۇتۇلىشىڭىز تەس. ئۆسۈم قاتمۇقات كەلگىلى باشلايدۇ. ئىلكىڭىزدىكى نەرسىلىرىڭىز ئۆسۈم تۆلەش بىلەن تۈگەيدۇ، ھەتتا باشقا قەرزلەرگە كىرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاخىرەت جازاسىمۇ بار. (سۈرە بەقەرەنىڭ 275- ۋە داۋامى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمسىگە قاراڭ).
باشتا دېگىنىمدەك سىز ئۇ قەرزنى ئۈچ يىل ئىچىدە قايتۇرۇشقا يۈزدە بەش يۈز ئىشەنچىڭىز بولمىسا ئۇ پۇلنى ئالماڭ. بۇنىڭ ئورنىغا ئاتا-ئانىڭىزدىن، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزدىن ۋە قولۇم-قوشنىلىرىڭىزدىن ئاز بولسىمۇ ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ كىچىك بولسىمۇ بىر ئىش باشلاڭ. مانا مۇشۇنداق ئىشقا ئاللاھ بەرىكەت بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا تالاق سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئايەتلىرىدە «كىم ئاللاھدىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق بېرىدۇ» دەپ ئېيتقان.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا «مۇسا ۋەجىڭگە بېقىپ ئوسا، يوتقىنىڭغا بېقىپ پۇتۇڭنى سۇن» دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەر بار. نەپسىنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىپ شەيتاننىڭ ھە-ھۇ دەپ بېرىشىگە ئالدىنىپ خاتا يولغا قەدەم قويۇپ سېلىپ بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قېلىش ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتقا ئىشەنگەن بىر مۇئمىن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك يوقىتىشتۇر (ئاللاھ ساقلىسۇن).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر