مۇسۇلمانلار

ئۇ قىزنى ئېپقاچايمۇ؟

سوئال
قانداق قىلىشىم كېرەك؟
مەن بىر قىز بىلەن توي قىلىپ ئاجراشقان. ئاندىن كېيىن يەنە بىر قىز بىلەن تويلاشماقچى بولغان ئىدىم…
ئۆيدىكىلەرنىڭ قوشۇلماسلىقى ۋە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز توي قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. يېقىندا قىزنىڭ تېلېفونى ئېتىلىپ قالدى. بىلىشىمچە ئۇ قىزنى ئائىلىسىدىكىلەر باشقا بىرىسىگە بەرمەكچى بولۇپتۇ، ھەم چاي ئىچكۈزۈپمۇ بوپتۇ…
بەزىدە كۆڭلۈمدە «مەن بىر ئىنسان، ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقۇم بار، مۇشۇنداق كۈنلەردە ئۇنىڭ قېشىدا بولالمىسام مېنىڭ نەرىم بىر ئەركەككە ئوخشىسۇن» دەپ ئويلايمەن. ئەمەلىي گەپكە كەلسەم، مەن ئەمدى «مەن مۇسۇلمان» دەپ، مېھرىبان پەرۋەردىگارىم ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، تەقدىرگە تەن بېرىپ سۈكۈت بىلەن تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ ياكى «ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى مەن ئۇيغۇردەك ياشاي» دەپ، ئۇنى بىر كېچىدە ئېلىپ كېلىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب:
خېتىڭىزنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى بىر دىنى مەسىلە توغرۇلۇق سوئال سورىغانلىقنى ئەمەس، بەلكىدە بىر تۇرمۇش مەسىلىسى ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خېتىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتسىز قىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتتىم. مەن سىزگە تۆۋەندە مەسلىھەت بېرىشكە، نەسىھەت قىلىشقا ۋە توغرىسىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن. ئاللاھ سىزگە، سىز ئۈچۈن ئىككىلى دۇنيادا خەيرلىك بولغىنىنى نېسىپ قىلغاي:
بۇرادەر! سىزنى نەپسىڭىزنىڭ ھەۋىسى بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى چىرمىۋاپتۇ. قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇڭ، ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭ. سىز بىر قېتىم توي قىلىپ بولغان كىشى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنداق قىزلارنىڭ «دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ» يۈرمەي، ئۆزىڭىزگە چۈشىدىغان بىر چوكان بىلەن توي قىلىپ ھاياتىڭىزنى ياشاڭ. شۇنى بىلىپ قويۇڭكى:
بىر كىشىنىڭ ئاللاھ، مېھرىبان پەرۋەردىگارىم، تەقدىر…. دېگەندەك ئىسلامىي سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا «ياخشى بەندە» بولۇشىغا يەتمەيدۇ. ياخشى بەندە بولۇش ئۈچۈن ئىسلامىيەتنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇش كېرەك! ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا شەخسىي مەنپەئەتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پايدا-زىيانغا قارىماستىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن بويسۇنۇشىمىز لازىم. تەقۋادار بىر قىز/خانىمنى «ئىندەككە كەلتۈرۈش» ئۈچۈن «تەقۋا»، «مەقسەت ھاسىل» بولغاندىن كېيىن «لەقۋا» بولۇش ئەسلا ۋە ئەسلا مۇسۇلمانلىق ئەمەس!
«ئۇيغۇرلۇق» ۋە «ئەركەكلىك» مۇ ئۆز مىللىتىگە ۋاپا قىلىش، ئۆز مىللىتىگە پايدا يەتكۈزەلمىسىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك بىلەن بولىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئېلىپ ئاندىن قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇش ئۇيغۇرلۇقمۇ ئەمەس، ئەركەكلىكمۇ ئەمەس.
«ئۇيغۇرلۇق» ئۇيغۇرنىڭ خۇشاللىقىغا سۆيۈنۈش، قايغۇسىغا ئېچىنىش، پايدىسىغا كۆيۈنۈش، زىيىنىغا توسالغۇ بولۇش، زېھنىنى، زىكرىنى، پىكرىنى، پېئلىنى ئۇيغۇرنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن بولىدۇ.
«ئەركەكلىك» چىشىنى قوغداش، ئۇنى ھېمايە قىلىش، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىش، ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ بەختىيار ھالدا ياشىشى ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش بىلەن بولىدۇ.
بىز قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنى «ئاللاھنىڭ ئامانىتى» سۈپىتىدە ساقلىمىغانلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە «ئەر» لىك قىلمىغانلىق ۋىجدانسىزلىق بولسا، باشقا بىر قىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقتىن ۋە ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت دىنى ۋە مىللىي تەۋەررۈكلەرنى سۈيىئىستېمال قىلىش ساختىپەزلىقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر