مۇسۇلمانلار

قوللىرىمىزنى نەدە قويىمىز؟

سوئال:
نامازنى تەكبىر بىلەن باشلايمىز. بۇ تەكبىرنى كەلتۈرۈۋېتىپ يەنى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەۋېتىپ ئىككى قولىمىزنى كۆتىرىدىكەنمىز. بۇ تەكبىر قانداق تەكبىر؟ بۇ تەكبىرنى قانداق كەلتۈرىمىز؟ تەكبىرنى كەلتۈرگەن چېغىمىزدا قولىمىزنى قانداق كۆتۈرىمىز؟ نەگىچە كۆتۈرىمىز؟ قوللىرىمىزنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتىپ نامازغا شۇرۇئ قىلغاندىن كېيىن قوللىمىزنى نەدە قويىمىز؟ كىندىكىمىزنىڭ ئاستىدىمۇ؟ ياكى كىندىكىمىزنىڭ ئۈستىدىمۇ؟ ۋە ياكى كۆكسىمىزنىڭ ئۈستىدىمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي جاۋاب بەرسىڭىز، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئىفتىتاھ تەكبىرى نامازنىڭ شەرتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن نامازنى باشلىماق ئۈچۈن ئىككى قولنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە كەلتۈرۈلگەن تەكبىردۇر. بۇ تەكبىر باشلاش تەكبىرى دېگەن مەنىدە «تەكبىرى ئىفتىتاھ» دېيىلگەندەك، نامازنىڭ سىرتىدا قىلىنىشى ھالال بولغان ئىشلارنى ھارام قىلىش تەكبىرى دېگەن مەنىدە «تەكبىر تەھرىمە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ[1].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەتتۇر، بېشى تەكبىردۇر، ئاخىرى سالامدۇر»[2].
بەزى ئالىملار ئەئلا سۈرىسىنىڭ: «رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئوقۇغان» دېگەن مەنىدىكى ئايىتىنى ئىفتىتاھ تەكبىرىگە دەلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئوقۇماق» نامازنىڭ بېشىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ناماز ئوقۇماق دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماستىن نامازنى باشلىغىلى بولمايدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامازنىڭ بېشىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشى ئۇنىڭ «رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئوقۇشىدۇر»[3].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازنىڭ بېشىدا ئۇ تەكبىرنى قانداق ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغان چېغىدا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەيتتى»[4].
ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان باشقا بىر ھەدىستە[5] مۇنداق دېيىلىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ بېشىدا ئىككى قولىنى، بارماقلىرى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان شەكىلدە مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتقان[6].
بۇنىڭغا ئاساسەن، ناماز قىلماقچى بولغان كىشى قوللىرىنى يۇقىرىدىكى بەلگىلەنگەن شەكىللەردە كۆتۈرۈپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازنى باشلايدۇ ۋە قوللىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ.
نامازدا ئوڭ قول سول قولنىڭ ئۈستىدە قويۇلۇپ باغلىنىشى، سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ[7]، لېكىن قوللارنىڭ قەيەردە قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق كۆزقاراشلار بار. فىقىھ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويۇلىدۇ دېسە، بەزىلىرى كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويۇلىدۇ دەيدۇ، بەزىلىرى بولسا كۆكسنىڭ ئۈستىدە قويۇلىدۇ دەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن خەۋەرلەرنى تەھلىل قىلىشىپ بۇ نەتىجىگە بارىدۇ. يەنى نامازدا ئۆرە تۇرغاندا قوللارنىڭ قەيەردە قويۇلىدىغانلىقى مەسىلىسى فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرى بىلەن بەلگىلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ تولىسى قوللارنى يا كىندىكنىڭ ئاستىدا ياكى كىندىكنىڭ ئۈستىدە باغلاشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىمامى تىرمىزى قەبىسە ئىبنى ھۇلبنىڭ: «رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىمام بولاتتى ۋە سول قولىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتاتتى» دېگەن رىۋايىتىنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن، «ساھابە كىرام ۋە ئىلىم ئەھلىدىن بەزىلىرى قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتاتتى، بەزىلىرى بولسا كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتاتتى. بۇ كۆرسىتىدۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جائىزدۇر» دەيدۇ.
تىرمىزى بۇ سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، لېكىن قوللارنى كۆكسنىڭ ئۈستىدە قويۇشنىڭ لازىملىقىغا دائىر ھېچقانداق رىۋايەت زىكىر قىلمايدۇ[8].

[1]– سەففەت كۆسە، «تەكبىر» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2011، 40- جىلد، 342- بەت.

[2]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 73-74، تاھارەت 31؛ تىرمىزى، تاھارەت 3، مەۋاقىت 62؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 1/123.

[3]– فەخرىددىن رازى، تەپسىرى كەبىر؛ قۇرتۇبى، ئەلجامىئۇ لىئەھكامىلقۇرئان.

[4]– بۇخارى، ئەزان 83، 84، 85، 86؛ مۇسلىم، سالات 22 (390)؛ مۇۋاتتا، سالات 16؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 117؛ تىرمىزى، سالات 190؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 1، 2، 3؛ ئبنى ماجە، ئىقامەت 15.

[5]– مۇسلىم، سالات 54 (401)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 117؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 15؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 107، 139، 187.

[6]– ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن ئىمامى تاھاۋى ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قوللارنىڭ قەيەرگىچە كۆتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەر ئىككى كۆزقاراشنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «پەيغەمبىرىمىز قوللىرى كىيىمنىڭ ئىچىدە چاغدا ناماز ئوقۇسا مۈرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدىغانلىقى، لېكىن قوللىرى كىيىم ئىچىدە بولمىغان ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇسا قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدىغانلىقى» دىن ئىبارەت كۆزقاراشنى تاللىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى ئىمامى تاھاۋى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قوللىرىنى مۈرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى» زىكىر قىلغان ھەدىسىنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاۋا سوغۇق ۋاقىتلاردىكى پېئىلىنى بايان قىلغانلىقىنى، ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «پەيغەمبىرىنىڭ ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قوللىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى» زىكىر قىلغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قوللىرى ئەركىن-ئازادە بولغان (يەنى سوغۇق بولمىغان) ۋاقىتلاردىكى پېئىلىنى بايان قىلغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدا بىر زىتلىق يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئەبۇ ھەنىفە، ئىمامى مۇھەممەد ۋە ئەبۇ يۇسۇف رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ كۆزقارىشىدۇر.- تاھاۋى، شەرھۇ مەئانىل ئاسار، 1- جىلد، 195- ۋە 197- بەتلەر. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىزاھات ئۈچۈن قاراڭ: ئەلائۇددىن ئەبۇ بەكىر ئىبنى مەسئۇد ئەلكاسانىي، بەدائىئۇسسەنائىئ فى تەرتىبىششەرائىئ، دارۇلھەدىس، قاھىرە 2005، 2- جىلد، 28- بەت.
ئىمامى شافىئىي (ر.ھ) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ۋائىل ئىبنى ھۇجر (ر. ز) لەرنىڭ يۇقىرىدىكى پەرقلىق ئىككى رىۋايىتى بىلەن ۋائىل ئىبنى ھۇجر (ر.ز) نىڭ: «كېيىن ساھابىلەرنىڭ قوللىرىنى كۆكسىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن شەكىلدىكى باشقا بىرى رىۋايىتىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىدۇ ۋە ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئالىقانلىرىنى مۈرىلىرىگە قەدەر كۆتۈرگەنلىكىنى، ۋائىل ئىبنى ھۇجر بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا قەدەر كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغان. ۋائىلنىڭ: ‹كېيىن ساھابىلەرنىڭ قوللىرىنى كۆكسىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم› دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ۋائىل ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغاندا مەۋسۇم قىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەرنىڭ ئۈستىدە ئېغىر ۋە قېلىن كىيىملەر بار ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قوللىرىنى مۈرىلىرىگە قەدەر ئەمەس، كۆكسىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا قەدەر كۆتۈرگەن ئىدى»- ئەبۇلھۇسەين يەھيا ئىبنى ئەبىلخەير ئىبنى سالىم ئەلئىمرانى ئەليەمەنى، ئەلبەيان فى مەزھەبى ئىمام شافىئى، ئىتىنا: قاسىم مۇھەممەد نۇرى، دارۇل مىنھاج، بېيرۇت، 2000، 2- جىلد، 173- بەت.

[7]– بۇ ھەدىسلەر ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە ئۆتىدۇ.

[8]– قاراڭ: تىرمىزى، سالات 187. قىيامدا (يەنى نامازدا ئۆرە تۇرغاندا) قوللارنى كۆكسنىڭ ئۈستىدە قويۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتقانلار مۇنۇ رىۋايەتكە ئاساسلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قوياتتى، ئاندىن ئۇ قوللارنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە باغلايتتى» (ئەبۇ داۋۇد، سالات 118-119). لېكىن ئەبۇ داۋۇدنىڭ ھەدىسلىرىنى شەرھلىگەن خەلىل ئەھمەد ئەسسەھارەنفورى (ۋاپاتى: 1346 ھىجرىيە) بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئەتراپلىق بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ رىۋايەتتىكى «ئاندىن ئۇ قوللارنى كۆكسىنىڭ ئۈستىدە باغلايتتى» دېگەن ئىپادىنىڭ ھەدىسنىڭ ئەسلى تېكىستىدە بولمىغانلىقىنى، كېيىن ھەدىسقا قوشۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھەر پۇرسەتتە مۇنداق دەيدۇ: «نامازدا قوللارنىڭ قەيەردە قويۇلۇشى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك كۆزقاراش بار: قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىدا باغلىماق، قوللارنى كىندىكنىڭ ئۈستىدە، لېكىن كۆكسنىڭ ئاستىدا باغلىماق ۋە قوللارنى ھېچ باغلىماسلىق… ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك قوللارنى باغلىماق پەقەت ئىككى شەكىلدە بولىدۇ: بىرى كىندىكنىڭ ئاستىدا باغلىماق، يەنە بىرى كىندىكنىڭ ئۈستىدە باغلىماق. بۇنىڭغا ئاساسەن، قوللارنى كۆكسنىڭ ئۈستىدە باغلىماق مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن چىققانلىق ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر بىرلىكىگە مۇخالىپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. (خەلىل ئەھمەد ئەسسەھارەنفورى، بەزلۇلمەجھۇد فى ھەللى ئەبى داۋۇد، تەھقىق: مۇھەممەد زەكەرىييا ئىبنى يەھيا ئەلكاندەھلىۋى، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 4- جىلد، 482-485- بەتلەر. ئەبۇ داۋۇدنى شەرھلىگۈچىلەردىن سۇبكىي (ۋاپاتى 1352 ھىجرىيە) بۇ ھەدىسنىڭ مۇرسەل بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. (مەھمۇد مۇھەممەد خەتتاب ئەسسۇبكىي، ئەلمەنھەلۇل ئەزبىل مەۋرۇد شەرھۇ سۇنەنى ئەبى داۋۇد، ئەلمەكتۇبەتۇل ئىسلامىييە، رىياد، 5- جىلد، 166- بەت.
مۇرسەل ھەدىس:سەنەدىدىن بىر ساھابە چۈشۈپ قالغان ھەدىس، تابىئىنلاردىن بىرى سەنەدىدە ساھابىنى زىكىر قىلماستىن بىۋاسىتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ رىۋايەت قىلغان ھەدىس، دېمەكتۇر. مۇرسەل ھەدىسلەر زەئىپ ھەدىسلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇرسەلنىڭ زەئىپ ھېسابلىنىشىنىڭ سەۋەبى سەنەدىنىڭ مۇتتەسىل (ئۇلىنىپ كەلگەن) بولماسلىقىدۇر. مۇرسەل دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا راۋىسىنىڭ ئۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان ساھابىنى زىكىر قىلماستىن بىۋاسىتە رەسۇلۇللاھتىن نەقىل قىلىشىدۇر. مۇرسەل ھەدىس دەلىل بولالمايدۇ. بۇ كۆزقاراش ئۈستىدە ھەدىس ھافىز ۋە مۇنەققىدلىرى بىردەك ئىتتىپاق قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنى ئەسەرلىرىدە تىلغا ئالىدۇ. مۇسلىم، ئۆزىنىڭ «سەھىھ» ىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ۋە ھەدىسچىلەرنىڭ قەتئىي قانائىتى شۇدۇركى، مۇرسەل ھەدىس دەلىل بولالمايدۇ» (سۈبھى ئەسسالىھ، ھەدىس ئىلىملىرى ۋە ھەدىس ئىستىلاھلىرى، تەرجىمە، م. ياشار قاندېمىر، 4- باسمىسى، ئەنقەرە 1986، 137-139- بەتلەر). 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر