مۇسۇلمانلار

مۇزارەبەت ۋە باشتاق يۈرۈش

سوئال:
1- بىر كىشى پۇل، يەنە بىر كىشى كۈچ چىقىرىپ قىلىدىغان تىجارەت مەسىلىسىدە پايدا-زىيان قانداق ئايرىلىدۇ؟
2- ئەرلەرنىڭ باش كىيىم كىيىش مەسىلىسىگە يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز؟
جاۋاب:
1- بىر كىشى پۇل چىقىرىپ يەنە بىر كىشى كۈچ چىقىرىپ قىلىدىغان تىجارەت دىنىمىزدا مۇزارەبەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا تىجارەت قىلىنىپ ھېسابقا ئولتۇرۇلغان چاغدا ئالدى بىلەن پۈتۈن چىقىملار پايدىدىن ئېلىنغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پايدا باشتا سۆزلەشكەن بويىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. ناۋادا پايدا چىقىمغا يەتمىسە چىقىملار دەسمايىدىن ئېلىنىدۇ. بۇ تەقدىردە پۇل چىقارغان كىشى پۇلىنىڭ بىر مىقدارىنى كۈچ چىقارغان كىشى كۈچىنى ۋە ۋاقتىنى زىيان تارتقان بولىدۇ. بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان بەك تەقۋادار كىشىلەر بولۇشى لازىم. بولمىسا جېدەل-ماجىرا تۈگىمەيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز فىقھى كىتابلىرىنىڭ بەيئى (سۇدا-سېتىق) بۆلۈمىنىڭ مۇزارەبەت بابىغا ياكى تىجارەت ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس كىتابنىڭ مۇزارەبەت بابىغا قارىغايسىز.
2- ئەرلەرنىڭ باش كىيىم كىيىش كىيمەسلىكى توغرۇلۇق دىنىمىزدا بىر بەلگىلىمە يوق. لېكىن بۇ ئىشتا غەيرىي مۇسۇلمانلارغا  ئوخشاپ قالماسلىق ئاساستۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن باشتاق يۈرىدىغانلار چاچ پاسونلىرىنى ئاياللارنىڭ ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ چاچ پاسونلىرىغا ئوخشتىۋالماسلىقى لازىم. چۈنكى:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان»- بۇخارى 5885؛ ئىبنى ماجە 1558،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ» بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.         

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر