مۇسۇلمانلار

ئۆلۈككىمۇ، ئۆلۈك ئۈچۈنمۇ؟

سوئال:
ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۆلۈپ كەتكەن  ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلىمىز؟ ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز؟ ياكى قۇرئاندىن سۈرىلەرنى ئوقۇساق ياخشى بولىدۇ؟ تۇپراق بېشىغا چىققاندا قانداق قىلساق سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ؟
جاۋاب:
ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىمىزنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۈستۈن قىلىنىشى، قەبرىسىنىڭ نۇرلۇق ۋە ھېسابىنىڭ يەڭگىل بولۇشى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلساق بولىدۇ، ھەتتا شۇنداق دۇئا قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دۇئاسىنى قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىش بىلەن بىزگە ئۆزىمىز، ئاتا-ئانىمىز ۋە بارلىق مۇئمىنلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىزنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ دۇئا مۇنداق:
«رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ»
«پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب كۈنىدە ماڭا، ئاتائانامغا ۋە پۈتۈن مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن»- ئىبراھىم 14/41.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلغان بىر قىسىم دۇئالىرى:
«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلغىن ، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئاخىرەتتىكى جايىنى ئېسىل قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى سۇ، قار، مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئۇنى خاتالىقلىرىدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغاندەك پاكلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىدىن ياخشى ئۆي، ئۆز ئەھلىدىن ياخشى ئەھل، ئۆز ئايالىدىن ياخشى ئايال ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە داخىل قىلغىن، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
«ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىرىمىزنى ۋە چوڭ-كىچىكلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىزنى ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام ئاستىدا تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئىمان ئاستىدا ۋاپات قىلدۇرغىن»
«ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك، تىرىكلىرىمىزنى، چوڭ-كىچىكلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىزنى ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام ئاستىدا تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئىمان ئاستىدا ۋاپات قىلدۇرغىن. بىزنى ئەجىردىن مەھرۇم قويمىغىن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى ئازدۇرۋرەتمىگىن»- ( تىرمىزى، جەنائىز 37؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60).
«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى مۆلدۈرلەر (راھەت بېغىشلايدىغان رەھمەتلىرىڭ) بىلەن يۇغىن، ئۇنى كىيىم يۇيۇلۇپ پاكىزلانغاندەك يۇيۇپ پاكىزلىغىن» – (تىرمىزى، جەنائىز 38).
«ئى ئاللاھ! پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى سېنىڭ ئامانلىقىڭدا ۋە سېنىڭ پاناھىڭدىدۇر، ئۇنى قەبىر ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، سەن ۋاپالىقسەن، مەدھىيەگە لايىق زاتتۇرسەن، ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن ۋە رەھمەت قىلغىن، چۈنكى سەن ئەڭ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زاتتۇرسەن» – (ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز22).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا قەبىرلەردىكىلەرگە سالام بېرىشىمىزنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىزنى ئۆگەتكەن. سالام بېرىش شەكلى تۆۋەندىكىچە:
«سالام سىلەرگە بولسۇن ئى قەبرىلەردىكى ئەر – ئايال مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۆزىمىزگە ئاللاھ تائالادىن ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمىز. بىزمۇ ئاللاھ خالىسا سىلەرگە قوشۇلىمىز».
شۇنىڭ ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىققان ۋاقتىمىزدا ئۇ يەردە قۇرئان ئوقۇمايمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئامۇ قىلمايمىز. قىلىدىغىنىمىز ئۇلارغا يۇقىرىدىكى شەكىللەردە سالام بېرىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن يۇقىرىدىكى شەكىلدە دۇئا قىلىشتىنلا ئىبارەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر