مۇسۇلمانلار

قۇرئاندىن پال بېقىش خاتامۇ

سوئال:
دىيارىمىزدا بەزى كىشىلەر قۇرئان كەرىمنى ئېچىپ قاراپ پال باقىدىغان، بەزىلەر قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ (ئۆچ-ئامراق) قىلىدىغان ۋە بەزىلەر بولسا بەزى ئايەت ياكى بەزى سۈرىلەرنى مۇئەييەن بىر ساندا ئوقۇپ (ئەدەدىگە يەتكۈزۈپ) بەزى ئىنسانلارنىڭ بەزى ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ قويغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان، شۇنداقلا قىلدۇرغانلار بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب:
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە دېيىلگەندەك قۇرئان كەرىم تەقۋادار كىشىلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بىر كىتابتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى تاللاپ پالچىلىق، رەمچىلىق، چىراغچىلىق ۋە سېھىرگەرلىك قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر. ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلغانلارغا ئىشىنىش ياكى ئەگىشىش ناھايىتى چوڭ غاپىللىقتۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:
1- «كىمكى بىر پالچىنىڭ دېگەن سۆزىگە ئىشەنسە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئىنكار تانغان بولىدۇ»- ئىمام بەززار كۈچلۈك سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
«كىمكى پالچىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، بەرگەن جاۋابىغا ئىشەنسە، قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ»- ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇنىڭغا ئاساسەن، پالچى ۋە رەممالارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن سوئال سوراپ، ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىغا ئىشەنگەنلەر شەك-شۈبھىسىز كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.
پالچىلىق قىلغانلار غەيبنى بىلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان كىشىلەردۇر، شۇنداقلا كاپىردۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە غەيبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، غەيبنى مۇھەممەد (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) مۇ بىلمەيدۇ، باشقىلار تېخىمۇ بىلمەيدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:
«قُلْ لَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار دېمەيمەن، مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن، سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن›»- ئەنئام 6/50.
بۇ توغرىدا خالىغانلار ئەنئام 6/59، 73؛ ئەئراف 7/188؛ يۇنۇس 10/20؛ ھۇد 11/31؛ سەبەئ 34/3- قاتارلىق ئايەتلەرگە قارىسا بولىدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمان كىشى قۇرئاندىكى بۇ ئېنىق ۋە ئوچۇق ئايەتلەرنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ، بەزى كىشىلەرنى غەيبنى بىلەلەيدۇ دەپ ئىشەنسە ياكى مەن غەيبنى بىلەلەيمەن دەپ دەۋا قىلسا، ئۇنداق كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىغا تېنىپ كاپىر بولۇپ كېتىدۇ.
تۈركىيە ئىستىقلال مارشىنىڭ يازغۇچىسى شائىر مۇھەممەد ئاكىف ئەرسوي (رەھىمەھۇللاھ) نىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش ھېكمىتىنى ۋە ئۆز زامانىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ  بۇ ھېكمەتكە يارىشا ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى باشقا غەرەزلەر ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى مەزمۇن قىلىپ يازغان بىر شېئىرى بار. مەن ئۇ شېئىرنىڭ يەشمىسىنى بۇ پەتىۋانىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويۇشنى مۇناسىپ كۆرۈپ قوشۇپ قويدۇم:
«لەۋزى ئۇلۇغ» دەپ چۈشىنىلگەن قۇرئان،
ھېچ بىرىمىز ئۇنىڭ مەنىسىگە قىزىقمىغان،
بىلىڭلاركى، خالايىق ئۇشبۇ ئۇلۇغ قۇرئان،
پال بېقىشقا يا ئۆلۈككە ئوقۇشقا نازىل بولمىغان.
 
 
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر