مۇسۇلمانلار

دېمىدە قىلىش خاتا دەپسىز3

سوئال:
سىز ئايەتلەرنى شىپالىق ئۇچۇن دېمىدە قىلىپ ئىچىش خاتا دەپسىز! ئۇنداقتا سۈرە يۇنۇس57 ـ ئايەت، سۈرە  بەنى ئسرائىل 82 – ئايەت، سۈرە فۇسسىلەت 44 ـ ئايەتلىرىگە نېمە دەيسىز؟
جاۋاب:
ئۇ ئايەتلەر، تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرى مۇنداق:
3- «وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى أُولَئِكَ يُنَادَوْنَ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ»
تەرجىمىسى:
«ئەگەر بىز ئۇ قۇرئاننى ئەجەمچە بىر قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟ دەيتتى. ئېيتقىنكى: ئۇ ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا بىر ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا بىر كورلۇقتۇر. ئەنە شۇلار يىراقتىن چاقىرىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ›.»- فۇسسىلەت 41/44.
تەپسىرى:
سۈرە يۇنۇسنىڭ 57- ۋە سۈرە ئىسرانىڭ 82- ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك بۇ ئايەتتىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغان (مۇئمىنلار)غا مەنىۋى شىپا بولىدىغانلىقى، ئىشەنمىگەن ۋە ئىشەنچ قىلمىغان (كاپىر)غا مەنىۋى گاسلىق ۋە كورلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ئۈچ ئايەتتىكى «شىپا»، بىر ئايەتتىكى «زىيان»، بىر ئايەتتىكى «گاسلىق» ۋە «كورلۇق» مەنىۋى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئانغا ئىمان ئېيتقانلار كېسەل بولمايدىغان ئىش يوق، قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىغانلار كېسەل بولۇپ يېتىپ كېتىدىغان ياكى نېمە ئىش قىلسا زىيان تارتىپ ئالدىغا ماڭالمايدىغان ۋە ياكى قۇلىقى ئىشتمەس، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدىغان ئىشمۇ يوق.
دېمەككى، بۇ تۆت ئەھۋال مەنىۋىدۇر، يەنى قۇرئان مۇئمىنلارنىڭ قەلبىدىكى شەك-شۈبھە، كۆڭلىدىكى يامان غەرەز، تەسەۋۋۇرىدىكى خۇراپات، چۈشەنچىسىدىكى جاھالەت ۋە نادانلىق پەردىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى توغرا چۈشىنىدىغان، شۇنداقلا ئىككىلىسىدە بەختلىك ياشاش ئۈچۈن ساغلام ئېتىقاد بىلەن، شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدە، سالىھ (كېرەككە كېلىدىغان) ئەمەللەرنى قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. مانا بۇ قۇرئاننىڭ ئىچكى كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇشىدۇر.
شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىم مۇئمىنلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىق، مۇئامىلىسىدىكى ئوساللىق، سۆز-ھەرىكىتىدىكى يامانلىق قاتارلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ئۇلارنى ئەخلاقى گۈزەل، مۇئامىلىسى دۇرۇس، سۆز-ھەرىكىتى ياخشى ئالىيجاناب كىشىلەر ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تاشقى كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇشىدۇر.  
قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنە شۇنداق شىپا بولۇشىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەكچى بولغانلار ئۇنىڭ نازىل بولغان چېغىدىكى جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ نادانلىق ۋە جاھىللىق، قالاقلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك، شەپقەتسىزلىك ۋە مەرھەمەتسىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ، ئۇلارنى قانداق ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىسلام تارىخىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلىرىدىن ئوقۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردە ئۇلار 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈۋاتقان، نومۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جىگەر پارىسى بولغان قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋاتقان جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئىچىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىۋى دورىسى بىلەن پۈتۈن كېسەللىكلىرىدىن ساقىيىپ قىيامەتكە قەدەر ئادالەت تىمسالى، ۋاپاكارلىك ئۈلگىسى، مېھرى-شەپقەت ئۆرنىكى ۋە كۆيۈمچانلىق نەمۇنىچىسى بولغان كىشىلەرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئايەتتە قۇرئاننىڭ «شىپا» لىقىنىڭ «ئىمان ئېيتقانلارغا» خاس ئىكەنلىكىنىڭ بايان قىلىنىشىمۇ ئۇنىڭ «شىپا» لىقىنىڭ مەنىۋى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر قۇرئان ئايەتلىرى تېبىبنىڭ ياكى دوختۇرنىڭ دورىلىرىدەك ماددىي شىپا بولسا ئىدى، ئۇنىڭ مۇئمىن، كاپىر دەپ ئايرىماي ھەر كىشىنىڭ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكى (ئاغرىقى) غا پايدا قىلىدىغان بىر پارچىسى بولغان بولاتتى، ئۇ نازىل بولغاندىن بۇيان ئۆتكەن 14 ئەسىرلىك بىر زاماندا ئىنسانىيەت ئۇنى تەجرىبە قىلىپ كۈنىمىزگە كەلگەندە ئۇ دېمىدە قىلىنغان سۇ ياكى نان ۋە ياكى باشقا نەرسە ئېلىنغان قۇتۇلار تىزىلىپ سېتىلىدىغان دۇكانلار تەرەپ-تەرەپتە ئېچىلغان بولاتتى، ھەتتا كۈنىمىزدىكى تاللار بازىرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا «قۇرئان دېمىدىسى» بۆلۈمى بولغان ۋە ئۇ يەردە «جىگەر كېسىلى دېمىدىسى، ئۆپكە كېىسلى دېمىدىسى، باش ئاغرىق دېمىدىسى، قورساق ئاغرىقى دېمىدىسى….» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان قۇتۇلار ئۆز رېتى بويىچە تىزىلغان بولاتتى. لېكىن ئىنسانىيەت ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئاللاھ بەرگەن دەردنىڭ داۋاسىنى، ئاللاھ سالغان كېسەللىكنىڭ شىپاسىنى ئاللاھ ياراتقان ئۆسۈملۈكلەردىن ئىزدەپ، كېسەل داۋالاشتا كۈنىمىزدىكى سەۋىيەگە يەتتى.
دېمەككى، كېسەللىكنىڭ شىپاسى قۇرئاننىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ سۈف-كۆچلەپ ئىچىشتە ئەمەس، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشتىدۇر. دەرۋەقە ھېچبىر كېسەل كىشى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپىنى ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ ئىچمەيدۇ ياكى ساقىيىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىم رېتسېپىنى ئوقۇمايدۇ. ئەكسىچە، رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىدۇ.
 زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالا-مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇپ دۇنيادا ئىنسانچە ياشىشى ئۈچۈن ئىلاھى دورا بولغان قۇرئان كەرىمنى ساۋاب قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇشتىن كۆپراق ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇشى، نەھىيلىرىدىن يىراق تۇرۇشى، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بېرى قۇرئان كەرىمنى لايىق رەۋىشتە ئوقۇپ ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىمىغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىمائىي جەھەتتە ئىتتىپاقسىز، ئىقتىسادىي جەھەتتە پېقىر، مەدەنىيەت جەھەتتە قالاق، سىياسىي جەھەتتە دوگما ھالەتتە ياشاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەلگەن نۇقتا شۇكى:
بۈگۈن يەر يۈزىدە پارتلىغان ھەر بومبا مۇسۇلماننىڭ دىيارىدا پارتلىماقتا، ئاققان كۆز ياشلىرى مۇسۇلماننىڭ كۆزىدىن ئاقماقتا، مۇسۇلماننىڭ بالىلىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە، مۇسۇلماننىڭ ئاياللىرى دەپسەندە قىلىنماقتا، مۇسۇلماننىڭ غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا.
ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدىن باشقا نېمە «گۇناھى» بار؟
ئاللاھ تەئالا قۇرئاندا مۇسۇلمانلارغا ئىززەت ۋەدە قىلغان تۇرۇقلۇق كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ئىچىدە ياشىماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟!
ئادەتتە زىيان تارتقان شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ شىركەتنى پايدا تېپىش يولىغا يۆنەلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمىمىز مۇسۇلمان تۇرۇپ زىيان تارتىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىشىمىزنىڭ زامانى كەلمىدىمۇ؟!
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
تۈگىدى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر