مۇسۇلمانلار

دېمىدە قىلىشنى خاتا دەپسىز!

سوئال:
سىز ئايەتلەرنى شىپالىق ئۇچۇن دېمىدە قىلىپ ئىچىش خاتا دەپسىز! ئۇنداقتا سۈرە يۇنۇس57 ـ ئايەت، سۈرە بەنى ئسرائىل82 – ئايەت، سۈرە فۇسسىلەت 44 ـ ئايەتلىرىگە نېمە دەيسىز؟
جاۋاب:
ئۇ ئايەتلەر، تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرى مۇنداق:
1«يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ»
تەرجىمىسى:
«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن بىر نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە بىر شىپا، مۇئمىنلارغا بىر ھىدايەت ۋە بىر رەھمەت كەلدى»- يۇنۇس 10/57.
تەپسىرى:
بۇ سۈرىنىڭ (يۇنۇس سۈرىسىنىڭ) 45- ئايىتىدىن باشلاپ 56- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلىرىدە ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايان ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار زىكىر قىلىنىدۇ. ئاندىن 57- ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ نەسىھەت، شىپا، ھىدايەت ۋە رەھمەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە قىلىنغان بايان ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش، شۇنداقلا ئاخىرەتتىكى ھېسابنى ئويلىماي ياشاش ئىمان ۋە ئەمەلدە ئازغۇنلۇق دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىم بۇ 57- ئايەتتە ئالدى بىلەن بۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا قارشى ئىنسانلارغا نەسىھەت قىلماقتا ۋە ئۇلارنى ۋاقىپلاردۇرماقتىدۇر. ئاندىن ھەر ئىنساننىڭ كۆڭۈل دۇنياسىدىكى مەنىۋى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا يۆنەلمەكتە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى پاكلاپ، ئۇ يەرگە توغرا ئېتىقاد ۋە ياخشى خىسلەتلەرنىڭ يەرلىشىشىگە سەۋەبچى بولغۇچى ھۆكۈملەرنى كەلتۈرمەكتىدۇر. ئاندىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ شىپا بولغۇچى ھۆكۈملىرىنى قوبۇل قىلغان مۇئمىننىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈشىگە، ئەبەدىي نىجاتلىققا يۆنىلىشىگە، ھەق يولدا مېڭىشىغا رەھبەرلىك قىلماقتىدۇر، ئاخىرىدا بۇ كامال دەرىجىلىرىنى ھاسىل قىلغان مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالماقتىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسەن مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى تەرسالىق ۋە ئويلىمايلا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېتىش خۇيى بىلەن باشتىلا توغرا ۋە خەيرلىك نەرسىلەرگە «ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنلەر» قۇرئاننىڭ نۇرىدىن پايدىلىنالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەرىم ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ. ئەئراف سۈرىسىنىڭ 179- ئايىتى بۇ ئەھۋالنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيراً مِّنَ الْجِنِّ وَالإِنسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لاَّ يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لاَّ يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لاَّ يَسْمَعُونَ بِهَا أُوْلَـئِكَ كَالأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُوْلَـئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ»
«شۈبھىسىزكى، بىز جىنلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئىشىتمەيدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا ۋە قويغا ئوخشاشتۇر. بەلكىدە، ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»- ئەئراف 7/179.
خۇلاسە:
يىغىپ ئېيتقاندا يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 57-ئايىتى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى دېمىدە قىلىپ ئىچىشكە دەلىل بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىنى تاللاپ دېمىدە قىلىش ۋە قىلدۇرۇپ ئىچىش بىدئەتتۇر، خۇراپاتتۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە خىلاپتۇر، ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا زىتتۇر، ئەقىلگە، مەنتىقكە ۋە ئىلىمگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقتۇر.
داۋامى بار…..

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر