مۇسۇلمانلار

قۇرئان ئوقۇپ ھەق ئېلىش

سوئال:
سىز قۇرئان ئوقۇپ ھەق ئىلىش ھارام دەيسىز! خوش، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ھەدىسقا نېمە دەيسىز؟
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ بىر نەچچە ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار سۇ بويىدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چايان چېقىۋالغان بىر كىشى بار ئىدى، سۇ ئەھلىدىن بىر كىشى ساھابىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ؛ ئارىمىزدا يىلان ياكى چايان چېقىۋالغان كىشى بار ئىدى. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇنى داۋالاپ ئايىتى شىپا ئوقۇيدىغان كىشى بارمۇ؟ دېدى. ئاندىن ساھابىلەردىن بىرسى بېرىپ، بىر نەچچە قوي بېرىشكە، ئۇ كىشىگە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ، ئۇ كىشى ساقىيىدۇ، ئاندىن ئۇ ساھابە قويلارنى ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار بۇ ئىشنى ياقتۇرماي سەن ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەجىر ھەق ئاپسەن دەپ ئەيىبلەيدۇ . ئۇلار مەدىنىگە كەلگەندە؛ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەجىر ھەق ئاپتۇ. دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام؛ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەجىر ، ئىش ھەققى ئالىدىغان نەرسەڭلارنىڭ ئەڭ لايىق، ھەقلىقراقى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر. ساڭا ئۇ سۆزنىڭ ئايىتى شىپا بولۇپ كېسەلگە داۋا بولۇشىنى نېمە بىلدۈرگەن ئىدى؟ ھەقىقەتەن توغرا قىلىپسىلەر، تەقسىم قىلىڭلار، ماڭىمۇ بىر ئۈلۈش نېسىۋە ئېلىپ قويۇڭلار دېدى. بۇخارى توپلىغان سەھىھ. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى تېبابەتنىڭ كىتابىدا توپلىغان 5296 – ھەدىس
جاۋاب:
قۇرئان كەرىم «تەقۋادارلارغا يېتەكچى» بولۇشى ئۈچۈن ۋە تىرىكلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتى، ياسىن سۈرىسىنىڭ 70 ـ ئايىتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ ھەدىس قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش روھىغا، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ يەردە شۇنى بىلىش لازىمكى، شەرئىي ھۆكۈم بىر ھەدىستىنلا ئېلىنمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى قويۇپ ئاندىن بىر ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.
ئېتىراز:
ئۇ ھەدىس سەھىھ ھەدىس قاتارىغا كىرىدىكەنغۇ؟ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىكى: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەجىر، ئىش ھەققى ئالىدىغان نەرسەڭلارنىڭ ئەڭ لايىق، ھەقلىقراقى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر» دېگەن ئىبارىلەر باركەنغۇ؟ بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
جاۋاب:
بۇرادەر! سىز ئىككى كۈندىن بۇيان رىۋايەت قىلىپ ھارمىغان ئۇ «ھەدىس» مەنا ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا زىتتۇر! پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «قۇرئاننى ئوقۇڭلار، قۇرئان بىلەن بىر نەرسە يېمەڭلار…..» دېگەن سەھىھ ھەدىسىگە خىلاپتۇر. يەنە كېلىپ ئۇ ھەدىس سەنەد ئېتىبارى بىلەن سەھىھ ئەمەس، «ھەسەن ھەدىس» دۇر. ھەسەن ھەدىس بىلەن سەھىھ ھەدىس زىتلەشسە سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانچىلىقتا ئەڭ باشقا قۇرئان كەرىم قويۇلىدۇ!
قۇرئان كەرىم يا تەبلىغ ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭغا ھەق ئېلىنمايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن: «مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن بىر ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجىرىمنى ئاللاھ بېرىدۇ» دېگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.- قاراڭ: يۇنۇس 10/72؛ ھۇد 11/29، 51؛ شۇئەرا 26/109، 127، 145، 164، 180؛ سەبەئ 34/47.
يا ئىبادەت ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. ئىبادەتنىڭ ساۋابى ئاللاھدىن ئۈمىد قىلىنىدۇ. چۈنكى ساۋابىنى ئاللاھدىن غەيرىيدىن ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇنى ھەر ئەقىل ئىگىسى مۇسۇلمان چۈشىنىدۇ.
مۇسۇلمان دېگەن ئىمان-ئېتىقادىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى، مۇئامىلە-مۇناسىۋىتىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى سەھىھ ھەدىسلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك. ماڭىدىغان يېرىگە سۈركەپ قويۇلغان كۆمۈر قارىسىنى كۆرۈپ ماڭالمىغان «ھاشار چۈمۈلىسى» گە ئوخشاش شۇنچىزا ئايەت، شۇنچىزا سەھىھ ھەدىسنى ئۇنتۇغان ھالدا، بىر «ھەسەن ھەدىس»نى كۆرۈپ ئەندىكىپ كېتىش ئەقىللىك مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر