مۇسۇلمانلار

ئاتا-ئانام گۇمراھ

سوئال:
ئاتا ـ ئانامنى ھەرقانچە قىلىپمۇ توغرا يولدا ماڭغۇزالمايۋاتىمەن. قانداق قىلسام بولىدۇ؟
جاۋاب:
سىزنىڭ بۇ توغرىدا ئۇلارغا «چىرايلىقچە نەسىھەت» قىلىشتىن باشقا قىلىدىغان بىر ئىشىڭىز يوق. چۈنكى ھىدايەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى توغرا يولدا قىلماق، توغرا يولدا مۇۋەپپەق قىلماق، توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەك، بۇ «ھىدايەت قىلماق» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى توغرا يولغا يېتەكلىمەك، توغرا يولنى كۆرسەتمەك، توغرا يولغا باشلىماق. پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ۋە ھەر مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغىنى ۋە قىلالايدىغىنى ئىككىنچى ھىدايەتتۇر. چۈنكى بىرىنچى ھىدايەتنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قىلالمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ…»
«ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ…»- بەقەرە 2/272.
«إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ»
«ئى مۇھەممەد! سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»- قەسەس 28/56.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايەتتە «خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ» غانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ يەردىكى «خالىغان» پېئىلىنىڭ پائىلى ئاللاھ بولسا، مەنا: «ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن بولىدۇ. ئەگەر پائىل كىشى بولسا، مەنا: «ئاللاھ ھىدايەتنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، يەنى ھىدايەتنى قوبۇل قىلغان كىشىگە ھىدايەتنى بېرىدۇ» دېگەن بولىدۇ.
ئىككىنچى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى «خالىغان» پېئىلىنىڭ پائىلى ئاللاھ بولغان تەقدىردە، «ئاللاھ ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن ھىدايەت تاپقانلارنى خالايدۇ، چۈنكى كىمنىڭ ھىدايەت تاپقان، كىمنىڭ ھىدايەت تاپمىغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېگەن بولىدۇ. ئەگەر «خالىغان» پېئىلىنىڭ پائىلى كىشى بولغان تەقدىردە «ئاللاھ ھىدايەتنى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ھىدايەتنى خالىمىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» دېگەن بولىدۇ.
«خالىغان» پېئىلىنىڭ پائىلى ئاللاھ بولسىمۇ، كىشى بولسىمۇ مەنا ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن بىر پىرىنسىپ قويغان، بىر سىستېما ئورناتقان. ئىنسانلارنىڭ ھىدايەتنى تېپىشى، ھىدايەتتە بولۇشى، ھىدايەتتە مۇۋەپپەق بولۇشى ئەنە شۇ پىرىنسىپ، ئەنە شۇ سىستېما بويىچە بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتلەر ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ»
«ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/258؛ ئال ئىمران 3/86؛ مائىدە 5/51؛ ئەنئام 6/144؛ تەۋبە 9/19، 109؛ قەسەس 28/50؛ ئەھقاف 46/10؛ سەف 61/7؛ جۇمۇئە 62/5؛
«…وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ»
«ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/265؛ مائىدە 5/67؛ تەۋبە 9/37.
«…وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ»
   «ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- مائىدە 5/108؛ تەۋبە 9/24، 80؛ سەف 61/5؛ مۇنافىقۇن 63/6.
«إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ»
« ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
«إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ»
«ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ»- مۇئمىن 40/28.
دېمەككى، ئاللاھ تەئالا كاپىر، پاسىق، زالىم، يالغانچى، تۇزكور (ناشۈكۈر) ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ۋە ھەر مۇئمىن مۇسۇلماننىڭ قىلالايدىغىنى ھىدايەتكە باشلاشتۇر، خالاس. يەنى باشقىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ۋە باشلاشتۇر. ئاللاھ تەئالا پەيغەمبىرىمىزگە بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:  
«وَكَذَلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحاً مِّنْ أَمْرِنَا مَا كُنتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلَا الْإِيمَانُ وَلَكِن جَعَلْنَاهُ نُوراً نَّهْدِي بِهِ مَنْ نَّشَاء مِنْ عِبَادِنَا وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ»
«ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدەك، بىز ساڭا ئەمرىمىزدىن بىر روھ ۋەھىي قىلدۇق. سەن كىتاب نېمە، ئىمان نېمە بىلمەيتتىڭ. لېكىن بىز ئۇنى بىر نۇر قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن بىز خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىمىز. سەن توغرا يولغا باشلايسەن»- شۇرا 42/52.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان ھىدايەت يولىغا يېتەكلەش (ھىدايەتكە باشلاش) ۋەزىپىمىزنى قىلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ زىيان تارتماسلىقىمىز ئۈچۈن مېڭىشىمىز كېرەك بولغان بىردىنبىر يول ئىمان- ئېتىقادىمىزنى ۋە ئەمەل-ئىبادىتىمىزنى تەلەپكە لايىق قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشىمىز، يەنى بىراۋغا ھەقنى چۈشەندۈرۈشىمىز، ھەقنى يەتكۈزۈشىمىز، ھەقنى كۆرسىتىشىمىز ۋە ھەقكە يېتەكلىشىمىز، شۇنداقلا بۇ يولدا كەلگەن جاپا-مۇشەققەتكە سەۋر قىلىشىمىز ۋە باشقىلارنىمۇ سەۋر قىلىشقا دەۋەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ»
«زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان ئىچىدە ئەمەس»- سۈرە ئەسىر (قۇرئان كەرىمنىڭ 103- سۈرىسى).
لېكىن ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، بىزنىڭ نەسىھەتىمىزنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ قەلبىدە سەمىمىي ھالدا ھىدايەتكە ئىنتىلىش، ھىدايەتنى سۆيۈش ۋە ھىدايەتنى قوبۇل قىلىش مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىدۇ، بولمىسا ھىدايەت قىلمايدۇ، شۇنداقتىمۇ بىزگە تەبلىغ قىلغاننىڭ ساۋابى بولۇۋېرىدۇ .
يىغىپ ئېيتقاندا بىر يامان ئىشنى كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئۇ يامان ئىشنى قىلغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ قويۇشتۇر، خالاس، يەنى ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى تۇتمايۋاتقانلارنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا لايىق بىر پەيتتە، ئۇيغۇن بىر جايدا، يۇمشاق تىل بىلەن، ئىلمىي يوسۇندا «چىرايلىقچە نەسىھەت» قىلىشىمىز لازىم. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى:
ئاللاھ تەئالا  ھەر كىشىگە دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارغا قولىدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلغانلار، ئۆزلىرى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرسا ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يامانلىقىنىڭ بۇلارغا بىر زىيىنى بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە 5/105.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاتا-ئانىڭىزغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭ، توغرا يول ئۈستىدە مېڭىشنىڭ ئىككىلا دۇنيالىق بەخت- سائادىتىمىزنىڭ يېگانە كاپالەتچىسى بولغانلىقىنى ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل بىلەن چۈشەندۈرۈڭ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنىڭ تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ماڭمايۋاتقانلىقىغا ئەسلا رازى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا توغرا يولغا كەلمىسە سىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋېرىڭ، دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى بولۇڭ. سىز توغرا يولدا بولسىڭىز مائىدە سۈرىسىنىڭ 105-ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۇلارنىڭ توغرا يولدا بولمىغانلىقى سىزگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ. وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: «ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن.
ئەگەر ئۇلار سېنى سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلما، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆت. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەش. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن»– لۇقمان 31/14.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن توسىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشىمىزگە بۇيرۇيدۇ.
ھازىرقى كۈندە دىندىن يىراقلىشىپ كەتكەن كىشىلەرگە گەپتىن كۆپراق ئەمەل بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. يەنى سىز ئەخلاقىڭىزنىڭ گۈزەل، مۇئامىلىڭىزنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ توغرا يولغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. ھەر توغرا گەپ ھەر جايدا ئاقمايدۇ. لېكىن ھەر توغرا ئىش، ھەر گۈزەل ئەخلاق، ھەر دۇرۇس مۇئامىلە ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا تەسىرلىك بولىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر