مۇسۇلمانلار

تەسبىھلەر قاچان ئوقۇلىدۇ

سوئال:
       نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە تەسبىھلەرنى پەرزدىن كېيىنلا ئوقۇش كېرەكمۇ؟ ياكى سۈننەتنىمۇ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئوقۇشقىمۇ بولامدۇ؟ بەزىلەر پەرزدىن كېيىنلا ئوقۇش كېرەك، سۈننەتتىن كېيىن ئوقۇشقا قەتئىي بولمايدۇ دەۋاتىدۇ، راست شۇنداقمۇ؟
جاۋاب:
پەرزنى ئوقۇپلا تۇرۇپ سۈننەت نامازغا شۇرۇ قىلىش توغرا بولمايدۇ. پەرزنى ئوقۇغان يەردىن يۆتكىلىپ باشقا بىر يەردە سۈننەتنى ئوقۇپ ئاندىن ئۇ زىكىر ۋە تەسبىھلەرنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بىر نامازنى يەنە بىر نامازغا ئۇلاپ يەنى بىر نامازدىن سالام بېرىپلا يەنە بىر نامازنى ئوقۇش ياخشى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ھەدىسلەر بار.
پەرز نامازلاردىن كېيىن ئاللاھۈممە ئەننەتسسەلام…نى ۋە ئايەتەلكۇرسىينى بىر قېتىمدىن ئوقۇش، سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەرنى ئوتتۇز ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش، لائىلاھە ئىللەللاھنى بىر قېتىمدىن ئوقۇش پەيغەمبىرىمىز تەشۋىق قىلغان ئىبادەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ناماز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ناماز سالام بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ زىكىر-تەسبىھلەرنى پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇش تەشۋىق قىلىنغان بىر ئىش بولۇپ ئەمر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ، لېكىن گۇناھكار بولمايدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن بۇ زىكىر-تەسبىھلەرنى پەرزنى ئوقۇپ بولۇپ ئوقۇسىڭىزمۇ ياكى پەرزنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيىڭىزگە ماڭغاچ ئوقۇسىڭىزمۇ ۋە ياكى سەپتىن چىقىپ مەسچىتنىڭ ئىچىدە باشقا يەرگە يۆتكىلىپ شۇ يەردە سۈننەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئۇ زىكىر-تەسبىھلەرنى پەرز نامازدىن كېيىنلا ئوقۇش ياخشى، سۈننەت نامازلاردىن كېيىن ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەدىسلەردە پەرز نامازدىن كېيىنلا زىكىر-تەسبىھ ئوقۇڭ دەپ بىر ئەمر بولمىغاندەك سۈننەت نامازلاردىن كېيىن زىكىر-تەسبىھ ئوقۇماڭ دەپ بىر چەكلىمىمۇ يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىچىك ئىشلاردا ئۇ قەدەر قىلىپ كېتىشكە ھاجەت يوق. مۇستەھەپ دەرىجىلىك ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ياكى مۇستەھەپ دەرىجىلىك ئىشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى-كېيىن قىلىمەن دەپ پەرز بولغان ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇش ئەقىللىك ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس.
 بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك بولغان مەسىلىمىز پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش بولۇشى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ پىكرى، زىكرى ۋە قابىلىيىتى ئۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئىشلىتىلمىگۈدەك دەرىجىدە قىممەتلىكتۇر.
دىيارىمىزدا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلماقچى بولغان بۇرادەرلىرىمىزنىڭ، مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنى يۇقىرىدىكىدەك ئاددىي مەسىلىلەر بىلەن بۆلمەي مەسچىتكە كىرمىگەن لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلارنى مەسچىتكە ئەكىرىشكە تىرىشىشى لازىم. چۈنكى بىر شائىرنىڭ «كوچىدا ماڭماق قىيىن نامى مۇسۇلمان دەستىدىن، مەسچىتى قالماقتا بوش يەر ئالسىمۇ گەر رەستىدىن» دېگىنىدەك يولدا مۇسۇلمانغا پۇتلىشىپ ماڭغىلى بولمايدۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان مەسچىت-جامەلىرىمىز مۇسۇلمان كىرمىگەنلىكتىن ياكى ئاز كىرگەنلىكتىن بوش قالماقتا.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر