مۇسۇلمانلار

پەتىگە بارغاندا دۇئا قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
باشقىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بارغاندا دۇئا قىلىشقا بولمامدۇ؟ بولسا بۇ دۇئالاردا قول كۆتۈرۈشكىچۇ؟ يول كۆرسەت بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا نۇرغۇنلىغان كۆرسەتمىلىرى بار. مەسىلەن:
پەيغەمبىرىمىز ئۆيگە كىرگەندە، ئۆيدىن چىققاندا، بىر يەرگە بارغاندا، ھاجەتخانىغا كىرگەندە، ھاجەتخانىدىن چىققاندا، بازارغا كىرگەندە، ئۇلاغقا مىنگەندە، مەسچىت-جامەلەرگە كىرگەندە ۋە ئۇ يەرلەردىن چىققاندا…. بىر قىسىم دۇئالارنى ئوقۇغان. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ ھەر باسقۇچىدا دۇئا قىلىشىمىز توغرۇلۇق كۆرسەتمىلىرى بار. بۇلار مەخسۇس دۇئا كىتابلىرىدا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز تەلىم بەرگەن ئەنە شۇ دۇئالارنى قىلغان ۋاقتىمىزدا قولىمىزنى كۆتۈرۈپ قىلساقمۇ بولىدۇ، قولىمىزنى كۆتۈرمەي قىلساق بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرەر ئەمرى بولمىغىنىدەك، بىرەر چەكلىمىسىمۇ يوق.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق دىيارىمىزدا بەزى كىشىلەر مۇشۇنداق كىچىك مەسىلىلەردە بىلىپ-بىلمەي ئىختىلاپ تېرىۋاتىدۇ. بەزىلەر قەستەن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. «قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق» لېكىن ئۆزىنى موللا گۇمان قىلىپ قالغان بەزىلەر شۇنداق ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە-پاسات تېرىۋاتىدۇ.
بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەرنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغاندا ياكى بىرەر ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن بىرەر جايغا بارغاندا قول كۆتۈرۈپ قىسقىلا بىر دۇئا قىلىدىغان ئىش بار. بۇ ئىش بىزنىڭ مىڭ يىللىق ئادىتىمىز. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبىرىمىز بارغان يەردە شۇ يەرگە قاراپ بىر دۇئا قىلغانلىقى مەلۇم. دۇئادا قول كۆتۈرۈش سۈننەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئادىتىنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. يەنى بىزنىڭ بۇ قىلغىنىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتىغا ئۇيغۇن.
كۈنىمىزدە قانداق شەكىلدە قىلسا قىلسۇن بىر كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئەمەل-ئىبادىتىنى قىلىۋاتقان بولسا يېتىم ئاقساقاللىق قىلىپ ئۇنىڭغا لوقما سالغۇسى كېلىپ قالىدىغانلار ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن خەۋىرى يوق، ئەمەل ئىبادەت قىلىشتىن غاپىل يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر