مۇسۇلمانلار

نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىشقا بولمامدۇ؟ بولسا بۇ دۇئالاردا قول كۆتۈرۈشكىچۇ؟ يول كۆرسەت بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
نامازنىڭ دۇئاسى، دۇرۇتتىن كېيىن سالام بېرىشتىن ئىلگىرى قىلىنىدۇ. سالام بېرىش بىلەن ناماز ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى نامازدا ئوقۇلىدىغان قىرائەت، زىكىر-تەسبىھ، تەشەھھۇد، دۇرۇت ۋە دۇئا قاتارلىقلار ئوقۇلۇپ بولىدۇ، دېگەن بولىدۇ. يەنى سالام نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتىدۇر. بۈگۈن. مەسجىدى ھەرەمدە، مەسجىدى نەبەۋىدە ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسچىتلەردە نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە جامائەت ئىختىيارىغا قۇيۇۋېتىلىدۇ. خالىغانلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، خالىغانلار نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ، خالىغانلار زىكىر-تەسبىھ ئېيتىدۇ، خالىغانلار ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىدۇ، ھەتتا خالىغانلار مەسچىتتىن چىقىپ كېتىدۇ.
نامازنىڭ ئىچىدىكى دۇئالاردا قول كۆتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن: ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۇئا ۋە ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالاردا قول كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى نامازنىڭ شەكىللىرى پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئۆگىتىلگەن. ئىككى سەجدىدە ئىككى قول يەرگە قويۇلىدۇ، ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قوللار ئىككى يوتىنىڭ ئۈستىدە بارماقلارنىڭ ئۇچلىرى تىزلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان شەكىلدە قويۇلىدۇ. ئەگەر نامازنىڭ بۇ باسقۇچلىرىدا دۇئا قىلغان كىشى قوللىرىنى كۆتۈرسە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازنىڭ بۇ باسقۇچىدىكى تەلىماتىغا بويسۇنمىغان بولىدۇ. ئەمما باشقا دۇئالاردا قول كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ توغرىدا مۇناسىۋەتلىك پەتىۋاغا قارىغايسىز.
نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،
يۈز يىللاردىن بېرى يەر يۈزىدىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىت-جامەلەردە، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت-جامەلىرىدە نامازدىن كېيىن ئىمامنىڭ ياكى مۇئەززىننىڭ باشچىلىقىدا جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىدىغان بىر ئادەت بار. بۇ ئادەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش تارىخى ۋە سەۋەبى ھەققىدە مېنىڭ بىر مەلۇماتىم يوق. لېكىن بۇ بىر ئەمەلىيەت.
دۇئا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق كۆرىمىزكى،
مۇسۇلمانلار نامازنىڭ سىرتىدىمۇ دۇئا قىلىشقا يەنى ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈن بىر نەرسە تىلەشكە تەشۋىق قىلىنىدۇ، ھەتتا ئەمىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«رەببىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن ئىجابەت قىلىمەن»- غافىر 40/60.
«رەببىڭلارغا يېلىنغان ھالدا پەس ئاۋاز بىلەن دۇئا قىلىڭلار»- ئەئراف 7/55.
«ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ»- بەقەرە 2/186.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن دۇئا قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرى بولۇپ، ئۇ بىر ئىبادەتتۇر. بۇنى پەيغەمبىرىمىز «دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر» دېگەن سۆزى بىلەن ئىزاھلىغان- (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
ئايەت-ھەدىسلەردە دۇئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەنمىگەن، شۇنداقلا نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىشتىن مەنئى قىلىنمىغان.
 شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ مۇسۇلمانلار ئەركىن قويۇۋېتىلگەن بىر ساھەدە ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن قىلغان بىر ئىش توغرۇلۇق «سەن گۇناھ قىلدىڭ» دېيىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق.
نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن دۇئا قىلىشنى بىدئەتمۇ دەيلى ماقۇل، بىدئەت بولغان تەقدىردىمۇ مۇسۇلماننى كاپىر قىلىۋېتىدىغان بىدئەت ئەمەسقۇ بۇ!
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئەنە شۇنداق ئاددىي مەسىلىلەر، كىچىك گۇناھلار، يەڭگىل بىدئەتلەر توغرىسىدا ۋاقتىنى، ئىلمىنى، پىكرىنى، زېھنىنى ۋە زىكرىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان بۇرادەرلىرىمگە ئىلتىماس قىلىمەنكى:
ھۆرمەتلىك بۇرادەرلىرىم! سىرتتا مەسچىت-جامەلەرگە ھېچ كىرمەيدىغان، ھېچ دۇئا قىلمايدىغان، يەنىلا ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بار، دىنىمىزدا پەرز قىلىنغان ئىشلارنى قىلمايۋاتقان، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بار. ئۇلارمۇ بىزنىڭ قاندىشىمىز، قېرىندىشىمىز، تۇغقىنىمىز ۋە يۇرتدىشىمىزدۇر. ئەنە شۇلارغا ھەقىقەتنى مۇۋاپىق پەيتتە، ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل بىلەن چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ؟
دىيارىمىزدا ئۇنداق ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مەسچىت-جامەلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە سېلىپ ئۇلارنى بۆلگەننىڭ كىمگە، نېمە پايدىسى بار؟

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر