مۇسۇلمانلار

دۇئادا قول كۆتۈرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
دۇئادا قول كۆتۈرۈش راستىنلا بىدئەتمۇ؟ نامازدىن كېيىن ۋە باشقىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بارغاندا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشچۇ؟ بۇلارمۇ بىدئەتمۇ؟ بۇلارنى سورۇشۇم، ھازىر بىر قىسىم بۇرادەرلىرىمىز نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىش، پەتىگە بارغاندا دۇئا قىلىش، دۇئاغا قول كۆتۈرۈش… قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلارنى بىدئەت، دەۋاتىدۇ؟ بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. يول كۆرسەت بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئالدى بىلەن شۇنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز لازىمكى: دۇئادا قول كۆتۈرۈش سۈننەتتۇر، چۈنكى:
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تەئالا، ئۆزىگە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن بەندىسىنىڭ قوللىرىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي ھەسەن، سەنئانىي جەييىد، ئەلبانىي سەھىھ دەيدۇ.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (ھەج ياكى ئۆمرە سەپەرلىرىگە ئوخشاش) ئۇزۇن سەپەر قىلىپ چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ باسقان بىر ئادەمنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ ئادەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى رەببىم!› دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمىكى، كىيىم – كېچىكى ۋە ئۇزۇقلىنىشى ھارام تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنىدۇ»دېگەن. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ.
3- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى مەككىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بەيتۇللاھنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپ، ئۇلاردىن ئۇزاپ، ئۇلارنىڭ كۆزى يەتمەيدىغان يەردىكى تۆپىلىككە يېتىپ بارغاندا، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: مۇنداق دۇئا قىلغان: «رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى زىرائەتسىز ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۇلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىشى مۇمكىن».بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
مانا بۇ ھەدىسلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇئادا قول كۆتۈرۈش يەنى ئاللاھقا ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ، ئالقىنىنىڭ ئىچى تەرىپىنى يۈزىگە توغرا كېلىدىغان شەكىلدە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش سۈننەتتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر