مۇسۇلمانلار

پويىزدا ناماز ئوقۇمدىم؟

سوئال:
پويىز، ئايروپىلان ۋە ئاپتوبۇسلاردا ناماز ئوقۇلامدۇ؟ ئوقۇلسا قانداق ئوقۇلىدۇ؟
 جاۋاب:
پويىزدا، ئايروپىلاندا ياكى باشقا بىر قاتناش ۋاسىتىسىدە كېتىۋېتىپ نامازلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن قولدىن كەلگەننى قىلىش لازىم. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش مۇمكىن بولماي ناماز ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىش خەۋپى بولسا، بۇ تەقدىردە نامازنى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇش كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«…فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ»
«…ئەگەر قورقساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى قانداق ئۆگەتكەن بولسا ئاللاھقا شۇنداق زىكىر ئېيتىڭلار»- بەقەرە 2/238-239.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى «ئەگەر قورقساڭلار» دېگەن سۆزىدىكى قورقۇش ئومۇمىي بولۇپ بارلىق قورقۇنچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى خىفتۇم پېئىلنىڭ مەفئۇلى (ھەرىكەت ئوبيېكتى) نىڭ زىكىر قىلىنماسلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەن، يىرتقۇچ ھايۋان، سۇ ئاپىتى، يەر تەۋرەش، ھەمراھلاردىن ئايرىلىپ قىلىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توختىماسلىقى ياكى چوڭ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى باشقۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتالماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ بىرىدىن قورققان كىشى نامىزىنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/ 286.
«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم»
«ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»[1].
يىغىپ ئېيتقاندا ئايروپىلان ، پويىز، ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىچىدە نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالسا، ئۇ نامازنى شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇش لازىم. سۇ بىلەن تاھارەت ئالالمىسا تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇش، قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇش، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئادەتتىكىدەك قىلالمىسا ئىشارەت بىلەن قىلىپ ئوقۇش كېرەك.

[1]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر