مۇسۇلمانلار

ھارام يېگەن توخۇ ھاراممۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە توخۇ فېرمىلىرىدا بېقىلىۋاتقان توخۇلارنىڭ گۆشى توغرىلىق ئوخشاش بولمىغان گەپ بولۇۋاتىدۇ، بۇ گەپ شۇ: «توخۇلارنىڭ يەم ـ  خەشىكىدە سۆڭەك پاراشوكى، ھايۋانات مېيى ۋە باشقا شۈبھىلىك نەرسىلەر بارىكەن، بۇ توخۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام».
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار شەھەرلەردە يۇقىرىقىدەك ئېيتىلغان شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان يەم ـخەشەكلەرنى توخۇلارغا، قويلارغا، كالىلارغا، بېلىقلارغا بېرىپ بېقىلىۋاتىدۇ، بىز بىلىمسىزلىكىمىزدىن بازارلاردا سېتىلىۋاتقان يۇقىرىقى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى سېتىش ۋە يېيىش ئىشىدا گاڭگىراپ قالدۇق، قانداق قىلىشىمىز توغرىسىدا پەتىۋا بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ رەھمەت قىلغاي ئامىن !
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
ئالدى بىلەن ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دېگۈچىلەرنىڭ شۇنى بىلىشى كېرەككى:
ئاللاھ تەئالا ھالال ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ»
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ»- نەھل 16/116.
ئىككىنچىدىن شۇنى بىلىشلىرى لازىمكى:
ھالال، ھاراملار پەقەت ئىنسانلارغىلا قويۇلغان ھۆكۈملەردۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچبىر ئايىتىدە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېچبىر ھەدىسىدە  ھايۋانلارغا قارىتىلغان «ماۋۇنى يېسەڭ بولمايدۇ، ئاۋۇ نەرسە ساڭا ھارام» دېگەن شەكىلدە بىر ھۆكۈم يوق.
ھايۋانلار شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كىتاب نازىل قىلىنمىغان، پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەن. شۇڭا ھايۋانلار ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، زاكات بەرمەيدۇ….. چۈنكى ئاللاھ تەئالانىڭ «ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى» (بەقەرە 2/29) دېگەن ئايىتىنىڭ دەلىلى بىلەن پۈتۈن ھايۋانلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان. شۇڭا ئۇلارغا خالىغىنىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلىنغان، ئۇلار خالىغىنىنى يېيەلەيدىغان قابىلىيەتتە يارىتىلغان.
«يەر يۈزىدىكى نەرسىلەر» نىڭ بىرى بولغان توخۇمۇ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىنسانلار ھارامدىن ئىبرەت ئېلىپ، ھالالدىن ئىستېمال قىلىپ مەنپەئەتلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن توخۇدىن ئىستېمال قىلىپ مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ. چۈنكى توخۇ ھالالدۇر. توخۇنىڭ ھالاللىقى يېگەن يەم- خەشىكىگە ئەمەس، توخۇلۇقىغا باغلىقتۇر، خالاس. يەنى توخۇ ئۈچۈن ھالال، ھارام دەپ ھۆكۈم يوق. شەرىئەتتە «قوناق يېگەن توخۇ ھالال، پوق يېگەن توخۇ ھارام» دەپ بىر ھۆكۈممۇ يوق.  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ھالال قىلغان ھايۋانلارنىڭ يېگەن نەرسىلىرىگە قاراپ ئاللاھنىڭ ھالال دېگەن ھۆكمىدىن پەرقلىق بىر ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلارنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھىلىنىش ئەدەپسىزلىكتۇر، لاۋزىلىقتۇر. مۇقەددەملىكتۇر. ئاللاھتىن قورقمىغانلىقتۇر.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاندا توخۇلارنى «كاپىر توخۇ، مۇسۇلمان توخۇ، ھارامخۇر توخۇ، تەقۋادار توخۇ» دەپ ئايرىشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق گەپنى دېيىش ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىلنى يوقاتقان بولۇش كېرەك.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر