باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال: ناماز ھىجرەتتىن ئىلگىرى قىلىنغانلىقىغا ۋە تاھارەت ئايىتىنىڭ مەدىنىدە نازىل قىلىنغانلىقىغا قارىغاندا مەككىدە نامازلار تاھارەتسىز قىلىنغانمىدى؟
جاۋاب:  تاھارەت بىلەن ناماز پەقەت بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ۋە بىز ئۇممەتكە ئەمەس، ئەكسىچە ھەر پەيغەمبەرگە ۋە ھەر ئۇممەتكە پەرز قىلىنغان. ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:
رەسۇلۇللاھ سۇ كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە تاھارەت ئەزالىرىنى بىرەر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى، ئاندىن: «بۇ بىر تاھارەتكى، بۇنى ئالمىغان كىشىنىڭ نامىزىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.
ئاندىن ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە: «بۇ بىر تاھارەتكى، بۇنى ئالغان كىشىگە ئاللاھ ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىدۇ. ئاندىن
ئاندىن ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە: «بۇ مېنىڭ تاھارىتىمدۇر ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ تاھارىتىدۇر» دېدى[1].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «بۇ مېنىڭ تاھارىتىمدۇر ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ تاھارىتىدۇر» دېگەنلىكىدىن قارىغاندا مەككىلىكلەر تاھارەتنى ۋە نامازنىڭ تاھارەت بىلەن ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى ئىدى.
ئۇسامە ئىبنى زەيدنىڭ دادىسى زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تۇنجى قېتىم ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن چېغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاھارەتنى ۋە نامازنى ئۆگەتكەن[2].
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازنى ۋە تاھارەتنى ئۆگىتىپ بىرلىكتە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغانلىقى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاھارەت ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئەسلا تاھارەتسىز ناماز ئوقۇمىغانلىقى سىيەر ئالىملىرى بىردەك ئىتتىپاقلاشقان بىر مەسىلىدۇر.
شۇنىڭدەك، پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالار تاھارەت مەككىدە ناماز بىلەن بىرلىكتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىلىق پەرز قىلىنغان، مەزكۇر ئايەت (مائىدە سۈرىسىنىىڭ 6- ئايىتى) نازىل بولۇپ مەۋجۇت ھۆكۈمنى تەكىتلىگەن، دەپ قارايدۇ[3].

[1]– ئىبنى ماجە، تاھارەت 47؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/98.

[2]– ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل 4/161.

[3]– ئابدۇلقادىر شەنەر، «ئابدەست (تاھارەت)»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 1- جىلد، 69- بەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ