مۇسۇلمانلار

بىر تاھارەت قانچە نامازغا يېتىدۇ

سوئال: بىر تاھارەت بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە ۋاخ ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: تاھارەت نامازنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. بىر تاھارەت سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا ئۇنىڭ بىلەن قىلىنىدىغان ناماز ھەققىدە ھېچقانداق سان چەكلىمىسى يوق. بىر تاھارەت بىلەن خالىغىنىڭىزچە ناماز ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
سۇلايمان ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتھ بولغان كۈنى پۈتۈن نامازلارنى بىر تاھارەت بىلەن ئوقۇدى ۋە ئاياغ كىيىمىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يا رەسۇلەللاھ! ۋەللاھى سەن بۈگۈن ھازىرغىچە قىلمىغان بىر ئىشنى قىلدىڭ، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇنى قەستەن قىلدىم يا ئۆمەر!» دېدى[1].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ «مەن بۇنى قەستەن قىلدىم» دېيىشى بىر تاھارەت بىلەن بىردىن ئارتۇق نامازنى ئوقۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.
بۇخارىدىمۇ ھەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەم ساھابە كىرامنىڭ سۇنۇپ كەتمىگەن مۇددەت ئىچىدە بىر تاھارەت بىلەن بىرقانچە ۋاخ نامازنى ئوقۇغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ[2].

[1]– مۇسلىم، تاھارەت 86 (277).

[2]– بۇخارى، ۋۇزۇئ 54.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر