مۇسۇلمانلار

مەسچىتنىڭ ئەھمىيىتى

مەسچىتنىڭ ئەھمىيىتى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر، ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر، بىر جاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارى بولغانلىقىنىڭ ھۆججىتىدۇر. ھەتتا مەسچىت ئاللاھ تەئالانىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆيىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتكە كۆڭۈل بۆلۈش، مەسچىتكە كۆڭۈل بېرىش، مەسچىتكە كۆڭۈل قويۇش مۇئمىنلىقنىڭ ئالامىتى، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى، تەقۋادارلىقنىڭ نامايەندىسى ۋە ياخشىلىقنىڭ بەلگىسىدۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا مەسچىتنى سېلىش، مەسچىتنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، مەسچىتكە جايناماز سېلىش، چىراغ ياندۇرۇش، مەسچىتنىڭ تاھارەتخانىلىرىنى ياخشىلاش ۋە مەسچىتنى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارغا پۇل خەجلەش ئاخىرەتكە ئىمانى بولغان بايلارنىڭ ئىشىدۇر. شۇنىڭدەك، كۆپراق پۇلى بولغان بولسا كۆپراق بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، لېكىن قولى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا تاپقىنىنى ئايىمايدىغان پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئىشىدۇر. قىسقىسى مەسچىت سېلىش، مەسچىت سېلىشقا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىش، بىر جايدا مەسچىتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولۇش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدۇر.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى ئوقۇغان، زاكاتنى بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن»- تەۋبە 9- 18.
بۇ ئايەتتىكى «مەسچىتنى ئاۋات قىلىش» ئومۇمىي بىر ئىپادە بولۇپ، مەنىسى  مەسچىتنى ماددىي جەھەتتىن سېلىش، رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش ۋە بۇلارغا ياردەملىشىش، مەنىۋى جەھەتتىن مەسچىتتە ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، زىكىر-تەسبىھ ۋە دۇئا تىلەك قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش دېگەن بولىدۇ. يەنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى قىلغانلىق مەسچىتنى «ئاۋات قىلغانلىق» بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىر جايغا مەسچىت سالغانلىق ئۇ جاينى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل يەرلىرىدىن بىر يەرگە ئايلاندۇرغانلىق، ئۇ جاينىڭ مۇسۇلماننىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنىڭ قوزۇقىنى قاققانلىق، ئىسلامنىڭ شوئارىنى ئېگىز كۆتۈرگەنلىك، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلغانلىق، ئەجدادنىڭ يولىدا ماڭغانلىق بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ يەسرىپ دېگەن شەھەرگە كېلىپلا تۇنجى بولۇپ مەسچىت سېلىشى، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ تۇنجى قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيىتىنىڭ مەسچىت سېلىش بولۇشى، بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش، ئۇلارنىڭ بەش ۋاخ نامازنى بىر جايدا جامائەت بولۇپ ئوقۇش، ئۇلارنىڭ دىنى، ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىلمىي ئىشلىرىنى ئۆگىتىش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ شەھەرنىڭ بىر ئىسلام دىيارىغا ئايلانغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
ئۇ مەسچىت پۈتۈن دۇنياغا مەنىۋى نۇر چاچقانلىقى ئۈچۈن ئۇ مەسچىت سېلىنغان شەھەرنىڭ كونا ئىسمى بولغان «يەسرىپ» كىشىلەرنىڭ تەبىئىي بىر شەكىلدە دېيىشى بىلەن «نۇرلاندۇرۇلغان شەھەر» دېگەن مەنىدە «مەدىنە مۇنەۋۋەرە» دەپ ئاتالغان. دېمەككى، بىر جايغا مەسچىت سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش پەيغەمبەرنىڭ يولى، مەسچىت سېلىش ۋە سېلىشقا ياردەملىشىش مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ يولىدۇر.
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىپتىخارى بولغان ئەندۇلۇستىكى قۇرتەبە جامەسى، تۇنىستىكى زەيتۇنە جامەسى، دەمەشقتىكى ئەمەۋى جامەسى، مىسىردىكى ئەزھەر جامەسى، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسى قاتارلىق جامەلەر ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇل، چىقىرىلغان كۈچ ۋە تۆكۈلگەن تەرلەر ئەجدادىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىمان، ئالىي ھىممەت ۋە يۈكسەك غەيرەتكە  ئىگە كىشىلەر بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئۇ مەسچىت ۋە جامەلەر ئۆز ۋاقتىدا پۇلى بارلار پۇلىنى، بىلىمى بارلار بىلىمىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى چىقىرىپ ئاللاھ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. دېمەككى، بىزنىڭ ئەجدادىمىز ھېسابلىنىدىغان بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار ئىسلامنى، ئىماننى ۋە ئېھساننى توغرا چۈشەنگەن، چۈشەنگىنى بويىچە ياشىغان، يەنى ئۇلار ئەقلىنى، پىكرىنى، زېھنىنى ۋە زىكرىنى ئىسلام ئۈچۈن ئىشلەتكەندەك، جان ۋە مېلىنى، يۈز ۋە ئابرۇيىنى، ئىناۋەت ۋە ئېتىبارىنى، خىزمەت ۋە ھوقۇقىنى، ئەمەل ۋە مەنسىپىنى، قىسقىسى ئىلكىدىكى ھەر نەرسىسىنى ئىسلامغا ئاتىغان.
ئۇ مەسچىت ۋە جامەلەر سېلىنغاندىن بېرى ئۇ جايلاردا ناماز ئوقۇغان، ئېتىكاپ قىلغان، قۇرئان تىلاۋەت قىلغان، دۇئا- تىلەكتە بولغان ۋە زىكىر-تەسبىھ ئېيتقان، ھەتتا ئۇ جايلارنى ساياھەت نىيىتى بىلەن زىيارەت قىلغان ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنى سالغان، سېلىشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەر ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىشى ئۇلارنىڭ شۇ خىزمەتلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇشۇ دۇنيادا بېرىلگەن بىر مۇكاپات بولسا كېرەك.
تۈرك ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساق كۆرىمىزكى، ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلغان سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتىسى سېلىپ قويغان جامە بىلەن پەخىرلىنىپ ئولتۇرمىغان، ئەكسىچە ئۇلار ئۆز ئاتىسىنىڭ بۇ ئەسىرى بىلەن پەخىرلىنىش، ئۇنىڭغا مىننەتدار بولغانلىقىنى ئىپادىلەش ۋە ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە مەشھۇر بەيازىد جامەسىنى، ھەشەمەتلىك سۇلايمانىيە جامەسىنى، دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان تارىخىي مىراسلارنىڭ قاتارىغا ئېلىنغان سەلىمىييە جامەسىنى… سالغان. چۈنكى ئۇلار ياخشى ئادەمنىڭ ئەۋلادى بولۇشنىڭ ياخشى ئادەم بولۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى بىلگەن.
دەرۋەقە، دۇنيادا ھېچبىر چېمپىيون چېمپىيون دادىنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن چېمپىيون ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە ھەر چېمپىيون ئۆزىنىڭ سىپورت ساھەسى بويىچە پۈتۈن مۇسابىقىلاردا بىرىنچى بولۇپ چېمپىيون بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ سىپورت ساھەسى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلمانلىق، تەقۋادارلىق، مەردلىك، سېخىيلىق ۋە باتۇرلۇقتەق ئالىي خىسلەتلەر ساھەسىدىمۇ ھەر چېمپىيوننىڭ چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ۋە بىرىنچى بولۇشى شەرت. شۇنداق بولغاندا ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بولغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالالايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان»- ئال ئىمران 3/133.
«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپاتنىڭ ئىگىسىدۇر»- ھەدىد 57/21.
بۈگۈن دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەجدادىمىزنىڭ مەنىۋى ئىزلىرىنى ئۇچرىتىمىز، جۈملىدىن ئۇلار سالغان مەسچىت-جامە، مەكتەپ-مەدرىسە ۋە ئۆتەڭ-رىباتلار ھەر جايدا كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ مەنىۋى ئىزلىرىنى چەت دۆلەتلەردىمۇ ئۇچرىتىمىز. قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، قاغىلىق جامەسى، كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى، كۇچار قىغدۆڭ جامەسى، قۇمۇل ھېيتگاھ جامەسى، قۇمۇل جۈمە مەسچىتى، خوتەن چوڭ جامەسى، غۇلجا بەيتۇللاھ جامەسى… قاتارلىق مەسچىت-جامەلەر، پاكىستان ۋە ئەرەبىستاندىكى ھاجىخانىلار ئۇ مەنىۋى مىراسلارنىڭ بىرقانچىسىدۇر. بىز بۇ مەنىۋى مىراسلارنى كۆرگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. لېكىن بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز زۆرۈركى:
ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى بىزنىڭ «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىزغا يەتمەيدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىمىز شەرت، يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ئەۋلادى بولۇش باشقا، ياخشى ئادەم بولۇش باشقىدۇر. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئىختىيارسىز (نىيەتسىز)، ئىككىنچىسى ئىختىيار بىلەن (نىيەت بىلەن) بولىدۇ. بىزنىڭ «ياخشىلار» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمىزغا يارايدىغىنى بىرىنچىسى ئەمەس، ئىككىنچىسىدۇر.
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىت-جامەلەرنى رېمونت قىلىش، يوق جايلارغا زامانىۋى مەسچىت-جامەلەرنى سېلىش، مەسچىت-جامە سېلىشقا كىچىككىنە بولسىمۇ ياردەم قىلىش، ھەتتا مەنىۋى جەھەتتىن مەسچىت-جامە سېلىشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئۆزى ئىشلىگەنلىك، پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلىك، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىق، ئۆز ئەجدادىنىڭ يولىدا ماڭغانلىق بولىدۇ. قىسقىسى ئۆزىگە ئۆزى كۆيۈنگەنلىك بولىدۇ.  
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئۇنتۇمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتۇمىغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئانىسىدىن ئەمگەن سۈت بەدىنىدىن، مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاتىسى سىڭدۈرگەن مېھىر-شەپقەت دىلىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھەر ئۇيغۇر ئەۋلادى مەسچىت-جامە سېلىشقا ۋە مەسچىت-جامەلەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا مەسچىت سېلىش، سېلىشقا ياردەملىشىش، مەسچىتنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ۋە قىلىشقا ياردەملىشىش دىنغا خىزمەت، مىللەتگە شەپقەت، ئەجدادقا ھۆرمەت، تارىخقا ساداقەت كۆرسەتكەنلىك بولىدۇ. دىنى ئاڭغا، مىللىي تۇيغۇغا ئىگە بولغان، قەلبى ئاق، كۆڭلى پاك، ۋىجدانى ساق بولغان، ئېتىقادى تۈزۈك، چۈشەنچىسى سۈزۈك بولغان، ئەقىدىسى شېرىكتىن، ئىبادىتى بىدئەتتىن، تەسەۋۋۇرى خۇراپاتتىن ئۈزۈك بولغان كىشىلەر مەسچىت سېلىشقا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ ۋە بەش ۋاخ نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇشقا تىرىشىدۇ.  
مەسچىتكە چىقىش، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرگەنلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئىجرا قىلغانلىق، ئىسلامىي ئادەتنى ساقلاپ قالغانلىق ۋە مىللىي ئەنئەنىگە رىئايە قىلغانلىق بولىدۇ. باھانىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەسچىتكە قەستەن چىقماسلىق ۋە چىقىۋاتقانلارنى چىقىشتىن توسۇش شەيتانغا خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ، بىلىپ-بىلمەي مۇناپىقلىق يولىدا ماڭغانلىق بولىدۇ، خالاس.
بىرقانچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا «يولۋىسى يوق جاڭگالدا تۈلكە پادىشاھ بوپتۇ» دېگەندەك، چالا موللا ۋە كالتە كۆسەي قارىملارنىڭ بازىرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئۇلار بىلىپ-بىلمەي «تەبلىغ» قىلىپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن ئۇلار ئۆزىنىڭ موللىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ياكى بىلىپ-بىلمەي مۇناپىقلىق قىلىش ئۈچۈن: «ساقال قويمىغانلار كاپىر، مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس، ھازىرقى مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرقى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى ئۇنداق، مەزىنلىرى مۇنداق….» دېگەن پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت-جامەلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى سۇسلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
«ھەر جاھىل جەسۇردۇر» دېگەندەك ئۇ جاھىللارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس تەۋەررۈكلىرىدىن بولغان مەسچىتلەرگە تىل ئۇزارتىشقا جاسارەت قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنداقلارنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.
راست گەپنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى يا ئىلاھلىق دەۋاسى ياكى پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ئالەمشۇمۇل دىندۇر. بۇ دىننىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتكۈل ئەمىر-پەرمانلىرى ھەر زامانغا، ھەر ماكانغا، شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ماس كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ھەر قانداق زاماندا ۋە ھەر قانداق ماكاندا ھەر مۇسۇلمان ئەينەن ئىجرا قىلىشى لازىم. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە بىر ئىش توغرۇلۇق «قىلىڭلار» ياكى «قىلماڭلار» دېيىلگەن بولسا، بۇ ھۆكۈم قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگىدۇر. يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر ھۆكمى دەسلەپكى نازىل بولغان چېغىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئەينەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ھازىر 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ ئۇ ھۆكۈملەرگە ئەينەن بويسۇنۇشى كېرەك.بۇنىڭ مەنىسى شۇ:
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بىر نەرسىگە بۇيرۇپ ياكى بىر نەرسىدىن توساپ، ئاندىن ئۆزى يەنە قۇرئان كەرىمدە «بۇ ھۆكۈمنى بەزى يەردە ياكى بەزى شارائىتتا ئىجرا قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دېمىگەنلا بولسا ئۇ ھۆكۈمنىڭ ھەر قانداق يەردە، ھەر قانداق زاماندا ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ئىجرا قىلىنىشى لازىم.
ئاللاھ تەئالانىڭ بىرەر ئەمرىنى «بۇ پالانى زامانغا ياكى پۇستانى رايونغا خاس، ياكى ئۇ چاغدا ئۇنداقتى، ھازىر مۇنداق. شۇڭا بىز ھازىرقى مۇسۇلمانلار مۇنداقراق قىلىشىمىز لازىم» دېگۈچىلەرنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى، «مەنمۇ ئىلاھ، ئاللاھتەك دىنى ھۆكۈم بەلگىلىيەلەيمەن ياكى ئاللاھنىڭ بىرەر ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايمەن» دېگەن بولىدۇ (نەئۇزۇ بىللاھ) .
شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر» (ئەھزاب 33/21) دېگەن سۆزىدىكى «سىلەر» نىڭ ئىچىدە ھازىرقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بار. بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق:
رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك ماقامىدا تۇرۇپ بىر ئىشنى قىلغان ياكى بىر سۆزنى سۆزلىگەن بولسا، ئاندىن «بۇ ئىشىم ياكى بۇ سۆزۈم ۋاقىتلىقتۇر، بىر رايونغا ياكى بىر زامانغا خاستۇر، پالانى ماكاندا ياكى پوكۇنى زاماندا كۈچكە ئىگە ئەمەس…» دېگەندەك بىر ئەسكەرتىش قىلمىغانلا بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇ پېئىلى ۋە قەۋلىي تەلىماتى قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئەينەن ئىجرا قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىيامەتكىچە پەيغەمبەر بولۇشىنىڭ مەنىسى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.
خوش، مەسچىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇنداق بىر ئەسكەرتىش يوق. ھەممىسى باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئوخشاش ھېچبىر زامان ياكى ھېچبىر ماكان ۋە ياكى ھېچبىر نەسىل بىلەن چەكلىك ئەمەس. ھەممىسى مەسچىت-جامە توغرىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىپ كەلگەن، كېلىۋاتىدۇ ۋە قىيامەتكىچە شۇنداق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىت-جامە سېلىش، مەسچىت-جامەگە چىقىش ھەققىدە قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھۆكۈملەرگە خىلاپ بولغان گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماسلىقى، مەسچىت-جامە سېلىشقا ۋە مەسچىت-جامەنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشى، بەش ۋاخ نامىزىنى ئىمكانقەدەر مەسچىت-جامەدە ئوقۇشقا تىرىشىشى لازىم. شۇنداق قىلغانلىق قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇلۇقىغا ئىشەنگەنلىك ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر