مۇسۇلمانلار

ئانامنىڭ مىراسىدىن ھاممامغىمۇ تېگەمدۇ؟

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
 
سوئال:
ئانام ئۆلۈپ قالغان. ئانامنىڭ ئۈچ قىزى بار. مەن شۇ ئۈچ قىزنىڭ بىرى. ئانامنىڭ ئىككى قېرىندىشىمۇ بار بولۇپ ئوغۇل قېرىندىشى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، قىز قېرىندىشى ھازىر ھايات. ئانامنىڭ مال-مۈلكىنى ھازىرقى پۇلغا سۇندۇرساق يەتمىش مىڭ يۈەن بولدى. بۇنى قانداق بۆلىشىمىز؟ ئانامنىڭ ھايات قىز قېرىندىشىغىمۇ مىراس تېگەمدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ».
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان مىراس توغرىسىدا سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى (قىز بىر تۇغقىنى) بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشى (ئوغۇل بىر تۇغقىنى) بولسا، ھەمشىرىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ۋارىسلار  ھەم ئەر  ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نىسا سۈرىسى 176- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتتە بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ۋاپات بولغۇچى بىر تۇغقاننىڭ بالىسى بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. دېمەك، بالا بار يەردە بىر تۇغقانغا مىراس يوقتۇر! چۈنكى نىسا سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتىدە قىز بالىنىڭمۇ «بالا» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ …»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.
    نىسا سۈرىسىنىڭ 176- ئايىتىدە بولسا، «إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ (ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا…)» دەپ ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ مىراسىدىن ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەسسە ئالالىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ (ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ) ئوغۇل-قىز ھېچقانداق بالىسىنىڭ بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ.
دېمەككى، ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بىر قىزى بولسىمۇ ئۇنىڭ «بالىسى بار» بولغان بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۇ ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بىر تۇغقانلىرىغا مىراسىدىن بىر نەرسە تەگمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىڭىزنىڭ مىراسىنى سىلەر ئۈچ قىز ئوخشاش بۆلۈشسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى مىراسنىڭ ئۈچتە ئىككى ھەسسىسى سىلەرگە ئۆز ھەسسەڭلار سۈپىتىدە تېگىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَإِن كُنَّ نِسَاء فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ»
«ئەگەر ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بالىلىرى ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ)»- نىسا 4/11.
مىراسنىڭ قالغان قىسمى يەنى ئۈچتىن بىرى (3/1) يەنە سىلەر قىزلارغا تېگىدۇ. بۇ رەد «ھەسسە ئىگىسى ئۆز ھەسسىسىنى ئالغاندىن كېيىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنىڭ باشقا ۋارىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتا ئۇنىڭغا تېگىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن، ئانىڭىزنىڭ قىز قېرىندىشىغا ئانىڭىزنىڭ مىراسىدىن تەگمەيدۇ. ئانىڭىزنىڭ مىراسى ئانىڭىزنىڭ ئۈچ قىزى يەنى سىزلەرگە ئوخشاش مىقداردىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.
كۆڭلۈڭلاردا شەك قالماسلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ بۇ ھەقتە كەلگەن بىر ئېتىرازغا بېرىلگەن جاۋابنىمۇ ئوقۇپ چىققايسىلەر:

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر