مۇسۇلمانلار

ئەسكى بالىغا مىراس تېگەمدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئىككى ئوغلى بولسا، كىچىك ئوغلى كىچىكىدىن تارتىپ ئاپىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان بولسا، تاپقانلىرىنى ئاپىسىغا ئەكىرىپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا، ئەمما چوڭ ئوغلى ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، ھەم ئايدا-يىلدا بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاپىسىنى ئىزدەپ كەلسە، جان تەندە ئامانەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپىسىنىڭ يېنى يەرگە تەگكەندە ئاپىسىدىن قالغان مىراس قانداق ئايرىلىدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
سىز ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق بىلىڭكى:
بىر بالىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ ياكى ئۆز ئانىسىنىڭ مىراسىدىن ئېلىشى ئۈچۈن دادىسىغا ياكى ئانىسىغا كارغا كەلگەن بولۇشى ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا بىللە ياشىغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان بولۇشى ئەسلا شەرت ئەمەستۇر! سىز بۇنى كاللىڭىزغا ئوبدان يەرلەشتۈرۈڭ.
ھەرقانداق بالىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ ياكى ئۆز ئانىسىنىڭ مىراسىدىن ئېلىشى ئۈچۈن شۇ دادىنىڭ بالىسى، شۇ ئانىنىڭ بالىسى بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، خالاس!
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش پەرز. بىر بالا بۇ پەرزنى ئادا قىلمىغان بولسا، بۇنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا ئۆزى بېرىدۇ. لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلىشتا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، قىلمىغانلىقىغا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئاساسلىنىش لازىم.
ئۇ ئايالنىڭ مىراس تەقسىماتىغا كەلسەك،
ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئۇ ئىككى ئوغلىدىن باشقا ۋارىسى بولمىسا (مەسىلەن: ئېرى ياكى ئاتا-ئانىسى)، مىراس ئىككىگە ئايرىلىپ ئىككى ئوغۇلنىڭ ھەر بىرىگە بىر ھەسسىدىن بېرىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ …»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر