مۇسۇلمانلار

كونا پۇلنى قىممەت ئېلىشقا بولامدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن ئۆز كەسپىمدىن سىرت قوشۇمچە كونا پۇل، تەڭگە ئېلىپ پايدىسىغا سېتىپ قويىمەن. (ھازىرغىچە 5 ئەۋلاد پۇل چىقىپ بولدى ھازىر ئوبوروت بولۇۋاتقىنى 5 ئەۋلاد پۇل) مەن ئاساسلىقى 3ـ4 ئەۋلاد قەغەز پۇللار. ئوبوروتتىن توختىغان شۇ پۇللارنى ئىلىپ ساتىمەن. بۇنىڭ باھاسى ئۆز قىممىتىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت (مەسىلەن: 1980ـ يىلى چىققان2 يۈەنلىك قەغەز پۇل بىر ۋارىقى 20 يۈەن ئالسام 35ـ40 يۈەن ئەتراپىدا)
1ـ مۇشۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
2ـ ئەسلى مالنىڭ كىرگۈزۈش باھاسىدىن قانچە ھەسسە پايدا ئالساق مۇۋاپىق؟
3ـ بىر دانە قاشتېشىنى 1000 سومغا ئىلىپ 800 مىڭ سومغا سېتىپ پايدا ئالغاننىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
4ـ ھازىرقى ئوبوروت بولۇۋاتقان پۇللارنىڭ رەت نومۇرلارنى كەلتۈرۈپ بىر تو قىلىپ ياكى زاـ پۇ نومۇرلۇق پۇللارنى ئۆز قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ ئىلىش ئاشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن يەنىمۇ ئاشۇرۇپ سېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
5ـ دۆلىتىمىزنىڭ مەركىزى بانكىسى ئالاھىدە يىللاردا خاتىرە پۇل خاتىرە تەڭگە دېگەندەك پۇللارنى تارقىتىدۇ سانى چەكلىك بولغاچ قىممەتلىك ساقلاش قىممىتى يۇقىرى بۇيۇم قاتارىدا سودىسى جانلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بازاردا ناۋاينىڭ ئالدىغا ئاپارسا بىر نان بەرمەيدۇ (مەسىلەن: 2008ـ يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەپ چىققان مەركىزى بانكا تەرىپىدىن تارقىتىلغان 10 كويلۇق قەغەز پول سانى 6 مىليون ۋاراق بولۇپ ھازىر بىر ۋارىقى 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى). مۇشۇنداق كونا ۋە يېڭىدىن چىققان خاتىرە قەغەز پۇل ۋە خاتىرە تەڭگىلەرنى ئىلىپ- سېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام سوئاللىرىڭىزنى ئىككى سوئالغا جەملەش مۇمكىن. شۇڭا بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تۆۋەندە ئىككى جاۋابقا ئىخچاملاشقا تىرىشىمەن:
1- پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن چىقىپ ئاسارئەتىقە ياكى قىممەت باھالىق مال ھالىتىگە كەلگەن پۇللارنى ئادەتتە مال ئېلىپ-ساتقاندەك ئېلىپ-سېتىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ پۇللارنى سېتىۋالىدىغانلار ئۇ پۇللارنى ئاسارئەتىقە سۈپىتىدە ساقلاش ياكى قىممەت باھالىق بىر نەرسە سۈپىتىدە ئېلىپ-سېتىش ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭدا بىر چەكلىمە يوق. چۈنكى ئۇ پۇللار سېتىۋېلىش قورالى بولۇشتىن چىققان، يەنى ئۆزىنىڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ ئاسارئەتقىقىگە ياكى قىممەت باھالىق بىر مالغا ئايلانغان. بۇنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىشتا ياكى ئېلىپ-سېتىشتا بىر گۇناھ بولمايدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا پۇل ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، لازىم بولغان مالنى (يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ياكى بۇلارنىڭ خام ماددىلىرىنى…) ياكى خىزمەت (ئىش) نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇمدۇر. بۇ ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىلىدۇ ياكى مەركىزىي بانكىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىلدە باشقا ماددىلاردىن ياسىلىدۇ.
يۇقىرىدا سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك بىر قىسىم پۇللار زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ مال ھېسابلىنىدىغان ھالەتكە ئۆتكەن بولسا، ياكى ئەسلى ياسىلىشىدا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پۇل بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، پۇل شەكلىدە باشقا بىر مەقسەت بىلەن ياسالغان بولسا، بۇنداق پۇللارغا پۇل مۇئامىلىسى قىلىش توغرا بولمايدۇ. «بازاردا ناۋاينىڭ ئالدىغا ئاپارسا بىر نان بەرمەيدۇ» غانلىقىمۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پۇل ھېسابلانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق پۇللارنى ئۈستىگە يېزىلغان رەقەمدىن ئارتۇق باھادا ئېلىشقا ۋە ئېلىپ-سېتىشقا بولىدۇ.
2- تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى (ئىشنى) ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختامى بىلەن ئېلىش ۋە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن:
سىز بىر قويىڭىزنى ساتىمەن، دېسىڭىز بىر كىشى خېرىدار بولىدۇ. سىز بۇ قوي مانچە پۇل دەيسىز، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇيانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ، ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىز قويىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىسىز، ئۇ قوينىڭ بەدىلىنى سىزگە تاپشۇرىدۇ. قويىڭىز مال، قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بەرگىنى پۇل ھېسابلىنىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىز مەن مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن، كۈنلۈك ئىش ھەققىم ياكى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققىم مۇنچىلىك بولسا ئىشلەپ بېرىمەن، دەيسىز. بىرى سىزگە دېگىنىڭىز بويىچە ياكى سىز بىلەن باھا تالىشىپ ئاخىرى ئىككىڭلار كېلىشكەن بويىچە سىزگە بەدەل تۆلەپ سىزدىن ئۇ خىزمەتنى سېتىۋالىدۇ. ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مانا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئېتى تىجارەتتۇر، شۇنداقلا ھالالدۇر.
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تىجارەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان مال ياكى خىزمەت ئېلىم-سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەردە تىجارەت قىلىشقا تەشۋىق قىلىنىدۇ. چۈنكى تىجارەتتە ئېلىپ- سېتىشلا ئەمەس، بەلكىدە ئېلىپ- سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. دىنىمىز بۇنى ھالال قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى بۇ ھالال ئىشقا تەشۋىق قىلىدۇ.
خوش، ئەمدى سىزنىڭ «1000 سومغا ئىلىپ 800 مىڭ سومغا سېتىپ پايدا ئالغان» سوئالىڭىزغا كەلسەك،
بۇ ئىشتا قارشى تەرەپنى ئالداش، ئۇنىڭغا زىيان سېلىش، ئۇنىڭدىن مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، مونوپولچىلىق قىلىش، … قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلانسىڭىز ئۇنداق سېتىشىڭىزدا بىر گۇناھ بولمايدۇ.
چۈنكى دىنىمىز تىجارەتتە پايدىغا بىر چەك قويمىغان، لېكىن تىجارەتتە ئالداش، زىيان سېلىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش ۋە مونوپولچىلىق قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلاردىن توسقان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر