مۇسۇلمانلار

ما ھەدىسقا نېمە دەيسىز؟

ئېتىرازغا جاۋاب
مۆھتەرەم زىيارەتچىلەر! تور بېتىمىز ئېچىلغاندىن بۇيان بۇ تور بەتتە نەشر قىلىنغان ماقالە، كىتاب ۋە باشقا بارلىق ئەسەرلەر ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا يېزىلىپ نەشر قىلىنغاندەك، بېرىلگەن پەتىۋالارمۇ مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا بېرىلىۋاتىدۇ.
بىر مەسىلە ھەققىدە دەلىل بولالىغۇدەك سەھىھلىقتا بىرەر ھەدىس بولمىسا ئۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ياكى ئايەتلەرلا دەلىل قىلىنىدۇ. دەلىل ئېلىنمىغۇدەك دەرىجىدىكى ھەدىسلەرنىڭ نېمىشقا دەلىل ئېلىنمىغانلىقى ۋە مەزھەپ كۆزقاراشلىرىنىڭ نېمىشقا زىكىر قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇشتىن باشقا بىر ئىشقا يارىمىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى بايان قىلىشتىن ساقلىنىپ كەلدۇق. بۇ زىيارەتچىلىرىمىزگە مەلۇملۇقتۇر.
يېقىندا مىراس توغرىسىدا كەلگەن بىرقانچە سوئالغا ئەنە شۇ ئادىتىمىز بويىچە جاۋاب بەردۇق ۋە بېرىلگەن جاۋابلارنى تور بېتىمىزنىڭ «پەتىۋا» بۆلۈمىدە نەشر قىلدۇق. مىراس توغرىسىدا سوئال سورىغۇچىلاردىن بىرى، بېرىلگەن جاۋابنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە ئاساسلاندۇرۇلغانلىقىغا قارىماي بىزگە ئۈزلۈكسىز ئېتىراز قىلىپ ئۇچۇر يوللىدى. ئۇ بۇرادىرىمىز ئايەتلەرگە دىققەت قىلماي ئۇ پەتىۋانىڭ ئۆزى بىلىدىغان بىر «ھەدىس» كە زىت كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەتىۋا ھەققىدە قايتا ئىزدىنىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
بىز ئۇ پەتىۋانى يازغان ۋاقىتتا ئۇ ھەدىس كۆز ئالدىمىزدا ئىدى، لېكىن ئۇ ھەدىس سەنەد ئېتىبارى بىلەن زەئىپ، مەنا ئېتىبارى بىلەن ئايەتكە خىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىز دىققەتكە ئالمىغان. «ھاشار چۈمۈلىسى قارا سۈركەپ قويسا ئۆتەلمىگەندەك» ئۇ بۇرادىرىمىزمۇ ئالدىغا چىققان ئۇ «ھەدىس» تىن ئۆتۈپ دەلىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ يېنىغا بارالماپتۇ، ياكى بېرىشنى خالىماپتۇ.
شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇ بۇرادىرىمىزگە، ئاندىن مىراس ھەققىدىكى مەزكۇر پەتىۋانى ئوقۇغان باشقا زىيارەتچىلىرىمىزگە ئۇ ھەدىس ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بۇ «ئېتىرازغا جاۋاب» نى يېزىۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ بۇ جاۋابىنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىز «قارا» نىڭ ئۆتۈپ كېتىشكە توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكۈسى!
1- مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەتنى (تېكىستى)
«عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ قَالَ: جَاءَتْ امْرَأَةُ سَعْدِ بْنِ الرَّبِيعِ بِابْنَتَيْهَا مِنْ سَعْدٍ إِلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَقَالَتْ: يَا رَسُولَ اللَّهِ، هَاتَانِ ابْنَتَا سَعْدِ بْنِ الرَّبِيعِ، قُتِلَ أَبُوهُمَا مَعَكَ يَوْمَ أُحُدٍ شَهِيدًا، وَإِنَّ عَمَّهُمَا أَخَذَ مَالَهُمَا، فَلَمْ يَدَعْ لَهُمَا مَالًا وَلَا تُنْكَحَانِ إِلَّا وَلَهُمَا مَالٌ، قَالَ: «يَقْضِي اللَّهُ فِي ذَلِكَ» فَنَزَلَتْ: آيَةُ المِيرَاثِ، فَبَعَثَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِلَى عَمِّهِمَا، فَقَالَ: «أَعْطِ ابْنَتَيْ سَعْدٍ الثُّلُثَيْنِ، وَأَعْطِ أُمَّهُمَا الثُّمُنَ، وَمَا بَقِيَ فَهُوَ لَكَ»
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئايالى سەئددىن بولغان ئىككى قىزىنى ئېلىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: يا رەسۇلەللاھ! بۇ ئىككىسى سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ قىزلىرى. بۇلارنىڭ دادىسى سەئد ئىبنى رەبىئ ئۆزلىرى بىلەن ئۇھۇد ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ شېھىت بولغان. بۇلارنىڭ تاغىسى (سەئدنىڭ قېرىندىشى) مىراسنى ئالدى ۋە بۇلارغا بىر نەرسە قالدۇرۇپ قويمىدى. بۇلارنى ياتلىق قىلىش ئۈچۈن مال بولمىسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
رەسۇلۇللاھ: «بۇ ھەقتە ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت نازىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككى قىزنىڭ تاغىسىنى چاقىرتىپ: «سەئدنىڭ ئىككى قىزىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىنى، ئۇلارنىڭ ئانىسىغا سەككىزدىن بىرىنى بەرگىن، قالغىنى سېنىڭ بولىدۇ» دېدى[1].
بۇ رىۋايەتتە سەئدنىڭ ئىككى قىزىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى 3/2 ھەسسە، ئايالىغا سەككىزدىن بىر 8/1 ھەسسە، قالغىنى سەئدنىڭ قېرىندىشىغا تېگىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. تۆۋەندە بۇ ھەدىسنىڭ پەرقلىق يوللىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
2- ئۇ رىۋايەتنىڭ پەرقلىق يوللىرى
1- ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ۋاپاتى: ھىجرىيە 241، مىلادىيە 855) ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىلئۇبەيدۇللاھ يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[2].
2- ئىبنى ماجە (ۋاپاتى: ھىجرىيە 273، مىلادىيە 887) ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىلسۇفيان ئىبنى ئۇيەينە يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[3].
3- ئەبۇ داۋۇد (ۋاپاتى: ھىجرىيە 275، مىلادىيە 885) ئۇ رىۋايەتنى پەرقلىق ئىككى يول بىلەن نەقىل قىلىدۇ:
 بىرىنچىسى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىلبىشر ئىبنى ئەلمۇفەددەل.
ئىككىنچىسى،  جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىلداۋۇد ئىبنى قەيس ۋە باشقا ئەھلى ئىلىملەر[4].
4- تىرمىزى (ۋاپاتى: ھىجرىيە 279، مىلادىيە 892) ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىلئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[5].
5- ئىبنى ئەبى ھاتىم (ۋاپاتى: ھىجرىيە 327، مىلادىيە 938)، دارەقۇتنى (ۋاپاتى: ھىجرىيە 385، مىلادىيە 995)، ھاكىم (ۋاپاتى: ھىجرىيە 405، مىلادىيە 1014) ۋە بەيھەقى (ۋاپاتى: ھىجرىيە 458، مىلادىيە 1066) لەر بولسا، ئۇ رىۋايەتنى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل يولى بىلەن كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ[6].
3- ئۇ رىۋايەتنىڭ مەتىن (تېكىست) پەرقلىرى
مەزكۇر رىۋايەتنىڭ يوللىرىدىكى ئاساسلىق مەتىن پەرقلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- مەتىنلەردە ئىككى قىز بالىنىڭ دادىسى، باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھدىن سوئال سورىغان ئايالنىڭ ئېرى پەرقلىق كىشىلەردۇر. بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەردە «سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئايالى ئىككى قىزى بىلەن كەلدى» ياكى «بۇ ئىككىسى سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئىككى قىزىدۇر»[7] دېيىلىدۇ.
بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەردە: «بۇ ئىككى قىز سابىت ئىبنى قەيسنىڭ قىزلىرىدۇر» دېيىلىدۇ[8].
رىۋايەتلەردىكى ساھابىنىڭ سابىت ئىبنى قەيس ئىكەنلىكى ھەققىدە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەتنىڭ راۋىسى بىشر ئىبنى ئەلمۇفەددەلنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، ئۇ ئىككى قىزنىڭ سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكىنى، سابىت ئىبنى قەيسنىڭ يەمامەدە شېھىت بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ[9]. مەنبەلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ[10].
2- مەتىنلەردىكى باشقا بىر پەرق سوئال سورالغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلكتۇر. ئىبنى ماجەدە «رەسۇلۇللاھ سۇكۇت قىلدى»[11] دېيىلىدۇ.
بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتلەردە «رەسۇلۇللاھ: بۇ توغرىدا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، دېدى» دېيىلىدۇ[12].بەزىلىرىدە بولسا ھېچقانداق ئىپادە يوق[13].
3- بەزى يوللار بىلەن كەلگەن رىۋايەتتە سوئالنىڭ سورىلىشى بىلەن «مىراس ئايىتى نازىل بولدى» دېيىلىدۇ[14]، بەزىلىرىدە «سۈرە نىسانىڭ ‹ئاللاھ بالىلىرىڭلار توغرىسىدا ئەمىر قىلىدۇ› دېگەن مەنىدىكى ئايىتى نازىل بولدى» دېيىلىدۇ[15]. باشقا بىر يول بىلەن كەلگەن رىۋايەتتە بولسا «ئاللاھ مىراسنى نازىل قىلدى» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. ([16]) يەنە باشقا بىر يول بىلەن كەلگەن رىۋايەتتە بۇنداق بىر ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ[17].
4- ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىبنى ئەقىل ھەققىدە كۆزقاراشلىرى
 ھىجرىيە 140-145 تارىخلىرى ئارىسىدا ۋاپات قىلغانلىقى زىكىر قىلىنغان[18] ۋە ئىبنى ئەقىل دەپ مەشھۇر بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل ھەققىدە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى سەلبىي كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
مالىك ئىبنى ئەنەس (ۋاپاتى: ھىجرىيە 179، مىلادىيە 795)[19] بىلەن يەھيا ئىبنى سەئىد (ۋاپاتى: ھىجرىيە 198، مىلادىيە 813) نىڭ [20] ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلمىغانلىقى، سۇفيان ئبنى ئۇيەينە (ۋاپاتى: ھىجرىيە 198، مىلادىيە 813) نىڭ ئۇنى قۇرەيشدىن رىۋايەتلىرى تەرك ئېتىلىدىغان تۆت كىشىنىڭ قاتارىدا سانىغانلىقى[21] يېزىلىدۇ.
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ۋاپاتى: ھىجرىيە 241، مىلادىيە 855)، ئۇنىڭ ھەققىدە «مۇنكەرۇلھەدىس- ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان ئادەم» دەيدۇ[22].
ئەبۇ ھاتىم «لەييىنۇلھەدىس- ھەدىس رىۋايىتىدە يۇمشاق، كەڭ قورساق، لەيسە بىلقەۋى- ھەدىسى رىۋايىتىدە كۈچلۈك ئەمەس، ۋەلا بىمەن يۇھتەججۇ بھەدىسىھى- ھەدىسى دەلىل قىلىنىدىغانلاردىن ئەمەس»[23] دەيدۇ.
يەھيا ئىبنى مەئىن (ۋاپاتى: ھىجرىيە 233، مىلادىيە 848) «لا يۇھتەججۇ بىھەدىسىھى- ھەدىسى دەلىل قىلىنمايدۇ»، «دائىفۇن- زەئىپتۇر»[24] دېگەن ئىپادەلەرنى سۆزلەيدۇ.
جۇزجانى (ۋاپاتى: ھىجرىيە 259، مىلادىيە 873) ئۇنىڭ ھەققىدە «تۇۋۇققىفە ئەنھۇ- ئۇنىڭ ھەدىسىدىن توختاپ تۇرىلىدۇ، ئاممەتۇ ما يەرۋىيھى غەرىبۇن- رىۋايەت قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى غەرىبتۇر» دەيدۇ[25].
نەسەئى (ۋاپاتى: ھىجرىيە 303، مىلادىيە 915) «دائىفۇن- زەئىپتۇر»[26] دەيدۇ. ئىبنى ھىببان (ۋاپاتى: ھىجرىيە 354، مىلادىيە 965)، ئۇنىڭ ئېسىدە تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ ناچار بولۇپ بەرگەن خەبەرلىرىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىدۇ[27].
ھەيسەمىي (ۋاپاتى: ھىجرىيە 807، مىلادىيە 1405) «ئېسىدە تۇتۇش جەھەتتن ياخشى ئەمەس» دەيدۇ[28].
تىرمىزى (ۋاپاتى: ھىجرىيە 279، مىلادىيە 892) «قەد تەكەللەمە فىيھى بەئدۇ ئەھلىل ئىلمى مىن قىبەلى ھىفزىھى- بەزى ئالىملار ئۇنىڭ ئېسىدە تۇتۇشى توغرۇلۇق ئۇنى تەنقىد قىلدى» دەيدۇ[29].
يىغىپ ئېيتقاندا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەقىل ھەققىدىكى تەنقىدلىرى ئۇنىڭ رىۋايىتىنى دەلىل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە 
سۈرە نىسانىڭ 11- ئايىتىدە قىز بالىنىڭمۇ بالا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. سۈرە نىسانىڭ 176- ئايىتىدە بالىسى بار كىشىنىڭ مىراسىدىن قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەسسە ئالالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. يەنى بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن بىر تۇغقاننىڭ بالىىسنىڭ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.
بۇ ئايەتلەر دەلىل قىلىنىپ تۇرۇپ بېرىلگەن پەتىۋاغا قارشى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەققىدە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ سەلبىي پىكىرلەر بايان قىلغانلىقى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دېمەك، ئۇ ھەدىس سەنەد ئېتىبارى بىلەن دەلىل قىلىنغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس، مەنا ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمگە خىلاپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەدىس ھېچقانداق ھۆكۈم ئىپادىلىمەيدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

 


 

[1]– بۇ ھەدىسنى تىرمىزى «ئەبۋابۇلفەرائىز» نىڭ 3- بابىدا زىكىر قىلىدۇ. بۇ ھەدىس پەرقلىق شەكىللەردە تۆۋەندىكى كىتابلاردىمۇ ئۆتىدۇ: مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل 13/108، ئىبنى ماجە «فەرائىز» 2، ئەبۇ داۋۇد «فەرائىز» 4، ئىبنى ئەبى ھاتىمنىڭ تەفسىرۇلقۇرئان دېگەن كىتابى 3/881، دارەقۇتنىنىڭ سۈنەن ناملىق كىتابى 4/78-79، ھاكىمنىڭ مۇستەدرەك ناملىق كىتابى 4/342. بەيھەقىنىڭ ئەسسۈنەنۇلكۇبرا ناملىق كىتابى 6/216.

[2]– مۇسنەد ئەھمەد 13/108.

[3]– ئىبنى ماجە «فەرائىز» 2.

[4]– ئەبۇداۋۇد «فەرائىز» 4.

[5]– تىرمىزى «فەرائىز» 3.

[6]– ئىبنى ئەبى ھاتىم، تەفسىرۇلقۇرئان 3/881؛ دارەقۇتنى، سۈنەن 4/78-79؛ ھاكىم، مۇستەدرەك 4/342؛ بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا 6/216.

[7]– مۇسنەد ئەھمەد 13/108، ئىبنى ماجە «فەرائىز» 2، ئەبۇ داۋۇد «فەرائىز» 4، تىرمىزى «فەرائىز» 3، دارەقۇتنى، سۈنەن 4/78-79.

[8]– ئەبۇ داۋۇد «فەرائىز» 4، دارەقۇتنى، سۈنەن 4/78-79.

[9]– ئەبۇ داۋۇد «فەرائىز» 4، دارەقۇتنى بىلەن بەيھەقى ئەبۇداۋۇدنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ. قاراڭ: دارەقۇتنى، سۈنەن 4/78، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا 6/229.

[10]– سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ ھىجرىيە 12- يىلى، مىلادىيە 633- يىلىدا يەمامەدە شېھىت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراڭ: ئىبنى سەئد، تەبەقاتۇلكۇبرا 3- جىلد، 88- بەت؛ مۇستافا قاراتاش، «سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماس»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 35- جىلد 352- بەت ۋە داۋامى. سەئد ئىبنى رەبىئنىڭ ئۇھۇدتا شېھىت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراڭ: ئىبنى سەئد، تەبەقاتۇلكۇبرا 3- جىلد، 612- بەت؛ قاراجابەي، سالىھ «سەئد ئىبنى رەبىئ»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 35- جىلد 375- بەت ۋە داۋامى.

[11]– ئىبنى ماجە «فەرائىز» 2.

[12]– مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل 23/108، ئەبۇ داۋۇد «فەرائىز» 4، تىرمىزى «فەرائىز» 3، دارەقۇتنىنىڭ سۈنەن ناملىق كىتابى 4/78، ھاكىمنىڭ مۇستەدرەك ناملىق كىتابى 4/342. بەيھەقىنىڭ ئەسسۈنەنۇلكۇبرا ناملىق كىتابى 6/216.

[13]– دارەقۇتنى، سۈنەن 4/79.

[14]– مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل 23/10، ئىبنى ماجە «فەرائىز» 2، تىرمىزى «فەرائىز» 3، ھاكىمنىڭ مۇستەدرەك ناملىق كىتابى 4/342.

[15]– ئەبۇداۋۇد «فەرائىز» 4، دارەقۇتنى، سۈنەن 4/78.

[16]– بەيھەقى، ئسسۈنەنۇلكۇبرا 6/216.

[17]– دارەقۇتنى، سۈنەن 4/78.

[18]– ئىبنى ھەجەر، تەھزىبۇتتەھزىب، 6/15.

[19]– ئۇقەيلى، كىتابۇددۇئەفا 2/700؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال، 16/80؛ ئىبنى ھەجەر تەھزىبۇتتەھزىب،م 6/13-15.

[20]– ئۇقەيلى، كىتابۇددۇئەفا، 2/700.

[21]– ئۇقەيلى، كىتابۇددۇئەفا 2/700؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال، 16/80؛ ئىبنى ھەجەر تەھزىبۇتتەھزىب،م 6/13-15.

[22]– مىززىي، تەھزىبۇلكەمال، 1682؛ ئىبنى ھەجەر تەھزىبۇتتەھزىب، 6/13-15. تىرمىزى (ۋاپاتى: 279/892) ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتنى دەلىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قاراڭ: تىرمىزى، تاھارەت 3؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال، 16/84. لېكىن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئۇنى، ھەققىدە «يەتتەقۇنە بىھەدىسىھى- ئۇلار ئۇنىڭ ھەدىسىدىن يىراق تۇراتتى» دېيىلىدىغان ئاسىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. قاراڭ: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىلەل 2/210. بۇ ئەھۋال ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئۇ كىشى ھەققىدە «ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن كۆزقارىشىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتكەتدەك، تىرمىزىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە نەقىل قىلغان سۆزىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ياكى ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتنى باشقا بىر دەلىل سەۋەبىدىن دەلىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

[23]– ئىبنى ئەبى ھاتىم، ئەلجەرھ 5/154؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال 16/84؛ ئىبنى ھەجەر، تەھزىبۇتتەھزىب 6/13-15

[24]– ئۇقەيلى، كىتابۇددۇئەفا 2/701؛ ئىبنى ئەبى ھاتىم، ئەلجەرھ 5/154؛ ئىبنۇجەۋزى، ئەددۇئەفا  ۋەلمەترۇكىن 2/140؛ مىززىي، تەھزىبۇلكەمال 1682.

[25]– جۇزجانى، ئەبۇئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى يەئقۇب، ئەھۋالۇررىجال، تەھقىق، سۈبھى ئەلبەدرىي سامەررائىي، (مۇئەسسەسەتۇررىسالە: بېيرۇت 1985)، 138- بەت؛ مىززى، تەھزىبۇلكەمال 16/83.

[26]– مىززى، تەھزىبۇلكەمال 16/84.

[27]– ئىبنى ھىببان، كىتابۇلمەجرۇھىن 1/494؛ ئىبنۇلجەۋزى، ئەددۇئەفا ۋەلمەترۇكىن 2/140.

[28]– ھەيسەمى، ئەبۇلھەسەن نۇرۇددىن ئەلى ئىبنى ئەبى بەكر ئىبنى سۇلەيمان، مەجمەئۇززەۋائىد ۋە مەنبەئۇلفەۋائىد (دارۇلفكر، 1992/1412)، 1/588؛ 6/22؛ 7/18.

[29]– تىرمىزى، تاھارەت 3؛ ئىبنۇلجەۋزى، ئەددۇئەفا ۋەلمەترۇكىن 2/140؛ مىززى، تەھزىبۇلكەمال 16/84؛ ئىبنۇلھەجەر، تەھزىبۇتتەھزىب 6/13-15.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر