باش بەت > پەتىۋالار > مىراس  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىلىنىڭ نەۋرىگە تېگىدىغان مىراس توغرىلىق بەرگەن پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىۋالدىم. بىر مەسىلە بار ئىدى، خاپا بولماي پەتىۋا بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!
سوئال : مېنىڭ بىر نەۋرە ئاچام بار ئىدى، يېقىندا كېسەل بىلەن قازا قىلدى. ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇن قازا قىپ كەتكەن، ئانىسى ھايات، نەۋرە ئاچامنىڭ بىر بېقىۋالغان قىزى، بىر ئۆزى تۇغقان قىزى، ۋە ئېرى قىپ قالدى. بېقىۋالغان قىزى 13 ياشتا، ئۆزىنىڭ قىزى 5 ياشتا قالدى. سورىماقچى بولغان سوئالىم شۇكى:
نەۋرە ئاچام ئەر خوتۇن ئىككىلىسى مائاشلىق ئىدى، ئوينى ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئورتاق تۇتقان ئىدى (ئەر خوتۇن ئىككىسى سېنىڭ-مېنىڭ دېمەي مۈلۈكنى ئوتاق باشقۇراتتى، ھېچقايسىسىنىڭ خاس ئۆزىگە تەۋە ئايرىم مۈلۈكى يوق).ھازىر ئۇ ئىككىسىنىڭ بارلىق مۈلۈكى ئېرىنىڭ قولدا، بۇنداق شارائىتتا مىراس قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟نەۋرە ئاچامنىڭ ئانىسى(يەنى قىرى تۇل خوتۇن) غا مىراس قانداق تېگىدۇ؟ (نەۋرە ئاچامنىڭ ئېرى قىيىن ئانىسىغا ھېچ نەرسە بېرىدىغاندەك ئەمەس)
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە ئۆگەي بالا ۋە بېقىۋالغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى ئۆگەي بالا ئۆز بالا ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا يات بىر ئادەم بىلەن پەرقى يوقتۇر. بېقىۋالغان بالىغا كەلسەك، بېقىۋالغان بالا قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (ئەھزاب 33/4-5).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاچىڭىزنىڭ بېقىۋالغان قىزىغا مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
ئاچىڭىزنىڭ مىراسىنىڭ تەقسىماتىغا كەلسەك،
ئالدى بىلەن ئاچىڭىز يولدىشى بىلەن سېنىڭ-مېنىڭ دېمەي ئىككىسى ئورتاق تاپقان مال-مۈلۈكنىڭ ھەممىسى ئىككىگە ئايرىلىپ يېرىمى ئاچىڭىزنىڭ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاچىڭىزنىڭ باشقا مال- مۈلكى بولسا قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيەلەر، ۋاپات قىلغان يېقىنلىرىدىن ئالغان مىراسلار… دېگەندەك.
ئاندىن ئاچىڭىزغا تەۋە بولغان بۇ مال-مۈلۈكتىن ئاچىڭىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا تىلى بىلەن ئېتىراپ قىلغان ۋە گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا قويغان قەرزى ياكى ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزى بولسا تۆلىنىدۇ.
ئاندىن قالغان مال-مۈلۈك ئىچىدىن 4 تىن بىرىنى ۋە 6 دىن بىرىنى ئالغىلى بولىدىغان بىر سانغا بۆلۈنىدۇ. قاراپ باقساق ھەم 4 تىن بىرى ھەم 6 دىن بىرى ئېلىنىدىغان سان 24. شۇڭا ئاچىڭىزنىڭ مىراسى 24 كە بۆلۈنىدۇ. بۇ 24 نىڭ 4 تىن بىرى بولغان 6 ھەسسىنى ئاچىڭىزنىڭ يولدىشى ئالىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ»
«ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، سىلەرگە ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ...» نىسا 4/12.
ئەسكەرتىش:
ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە ۋارىس بولۇش سەۋەبى نىكاھ توختامىدۇر. باشقا ۋارىسلارنىڭ ۋارىس بولۇش سەۋەبى تۇغقانلىقتۇر. ئەر-خوتۇننىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسىنىڭ مىقدارى پەقەت مېيىتنىڭ بالىسى بولۇپ بولمىغانلىقى بىلەن ئۆزگىرىدۇ. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئايەتكە دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق ئېنىق كۆرىمىزكى:
بالىدىن باشقا ھېچبىر ۋارىس ئەر-خوتۇننىڭ مىراستىكى ھەسسىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال مىراستىن ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ ھەسسىسىنى ئايرىۋاتقاندىن كېيىن قالغان قىسمىنى رەھىم (تۇغقانلىق) يولى بىلەن ۋارىس بولغانلارنىڭ ئارىسىدا بەلگىلەنگەن مىقدارلاردا تەقسىم قىلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
«وَلِكُلٍّ جَعَلْنَا مَوَالِيَ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَالَّذِينَ عَقَدَتْ أَيْمَانُكُمْ فَآتُوهُمْ نَصِيبَهُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدًا»
«بىز ئاتا- ئانا ۋە ئەڭ يېقىنلار قالدۇرغان مىراس ئۈچۈن ۋارىسلار قىلدۇق. سىلەر توختام قىلىشقان كىشىلەرگە نېسىۋىنى بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/33.
بۇ ئايەتتە ئاتا-ئانا ۋە باشقا يېقىنلىرى يەنى قان مۇناسىۋىتى بىلەن ۋارىس بولغانلار بىر گۇرۇپپا، تۈزۈشكەن توختام بىلەن مىراستىن نېسىۋىدار قىلىنغانلار بىر گۇرۇپپا قىلىپ بايان قىلىنغان. دېمەككى، تۈزۈشكەن توختام بىلەن مىراستىن ھەسسە ئالىدىغانلارنىڭ ھەسسىسى تۇغقانلارنىڭ ھەسسىسىنى ئايرىشتىن ئىلگىرى مىراسنىڭ ئومۇمىدىن ئېلىنىدۇ. ئاندىن قالغىنى باشقا تۇغقانلارنىڭ ئارىسىدا بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
مانا مۇشۇ بويىچە ئاچىڭىزنىڭ مىراسىدىن يولدىشىنىڭ نېسىۋىسىنى ئايرىپ بەرگەندىن كېيىن 24 تىن قالغان 18 نىڭ 6 دە بىرى بولغان 3 ھەسسە ئاچىڭىزنىڭ ئانىسىغا تېگىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«… وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ …»
«… ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.
 ئاندىن 18 نىڭ يېرىمى بولغان 9 نى ئاچىڭىزنىڭ قىزى ئۆز ھەسسىسى سۈپىتىدە ئالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ …»
«… ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ.…»- نىسا 4/11.
ئاندىن قالغان 6 نى يەنە ئۇ قىز يەنى ئاچىڭىزنىڭ ئۆز قىزى رەد سۈپىتىدە ئالىدۇ. بۇ رەد مىراس كىتابلىرىدا «ھەسسە ئىگىسى ئۆز ھەسسىسىنى ئالغاندىن كېيىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنىڭ باشقا ۋارىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتا ئۇنىڭغا تېگىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىر پۈتۈپ ھالدا تۆۋەندىكىچە:
«لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا»
«ئەرلەر ئۈچۈن، ئاتا- ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ، ئاتا- ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار»- نىسا 4/7.
«يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ فَإِن كُنَّ نِسَاء فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلأُمِّهِ الثُّلُثُ فَإِن كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلأُمِّهِ السُّدُسُ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ آبَآؤُكُمْ وَأَبناؤُكُمْ لاَ تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعاً فَرِيضَةً مِّنَ اللّهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيما حَكِيماً.
وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم مِّن بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَإِن كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلاَلَةً أَو امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ فَإِن كَانُوَاْ أَكْثَرَ مِن ذَلِكَ فَهُمْ شُرَكَاء فِي الثُّلُثِ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَى بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَآرٍّ وَصِيَّةً مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ھەسسىلەرنىڭ تەقسىماتى ئۆلۈك ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. دادىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ھەسسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ؛ بۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا سىلەرگە، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاياللىرىڭلارغا، سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ، سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيىتىڭلار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بىر ئەر ياكى بىر ئايالنىڭ دادىسى ۋە ئوغلى يوق ھالەتتە مىراسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەتلا (ئانا بىر) بىر قېرىندىشى ياكى (ئانا بىر) بىر ھەمشىرىسى بار بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن ھەربىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ. بۇ تەقسىماتنىڭ ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزۈلمەستىن قىلىنغان ۋەسىيەتتىن ياكى قەرزدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەسىيەت قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر»- نىسا 4/11- ۋە 12- ئايەتلەر.
«وَلِكُلٍّ جَعَلْنَا مَوَالِيَ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَالَّذِينَ عَقَدَتْ أَيْمَانُكُمْ فَآتُوهُمْ نَصِيبَهُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدًا»
«بىز ئاتا- ئانا ۋە ئەڭ يېقىنلار قالدۇرغان مىراس ئۈچۈن ۋارىسلار قىلدۇق. سىلەر توختام قىلىشقان كىشىلەرگە نېسىۋىنى بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/33.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ