مۇسۇلمانلار

ئۆشرىسىنى ئايرىمىغان بولسىچۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئېتىراز:
بىز سىزنىڭ بۇغداينى ئۇن زاۋۇتىغا ئۈتكۈزۈش توغرىسىدىكى پەتىۋايىڭىزنى كۆردۇق. بىزنىڭ بەزى ئۇنداق قىلىشنى توسقان. ئۇ ئالىملىرىمىزنىڭ تۇسۇشتىكى دەلىلى، بەزى كىشىلەر ئۆشرىسىنى ئايرىيدۇ، بەزى كىشىلەر ئايرىمايدۇ. شۇڭا ئالىملىرىمىز ھالال بىلەن ھارامنى ئارىلاشتۇرماي يېيىش ئۈچۈن زاۋۇتقا بۇغداي ئۆتكۈزۈشتىن توستى. بۇنىڭغا سىز نېمە دەيسىز؟ جاۋاب بېرىڭە!
ۋە ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
بۇرادەر! ئالدى بىلەن شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، مۇسۇلمانلار تورىدا بېرىلگەن پەتىۋالارنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىز يوق. خالىسىڭىز شۇ ئالىملىرىڭىزنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەسلىدە بۇ يەردە بېرىلگەن ھېچبىر پەتىۋانىڭ «نېمىشقا» سى  ھەققىدە ئايرىم چۈشەنچە بېرىلمەيتتى. لېكىن ئۇنداق «ئالىم» لاردىن ھەر يەردە بولغانلىقى ۋە ئۇنداقلارنىڭ كىشىلەرنى ئارىسالدى قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە قىسقىلا ئىزاھات بېرىشنى توغرا تاپتىم.
ھەر مۇسۇلماننىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى:
ئۆشرىسىنى ئايرىمىغان بۇغداي ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن ھارام، باشقىلارغا ھارام ئەمەس. چۈنكى ھاراملار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1- ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا تومۇردىن ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشىۋە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان… قاتارلىقھاراملار. بۇ تۈرلۈك ھاراملار، ھالال پۇلغا سېتىۋالسىمۇ ھاراملىقى ئۆزگەرمەيدىغان ھاراملاردۇر. چۈنكى ھاراملىق بۇنداق نەرسىلەرنىڭ تەبىئىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلار ھېچبىر زامان ھالاللىققا ئايلانمايدۇ. لېكىن ئىلاجىسىز قالغان كىشىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇلاردىن ئىستېمال قىلىشىغارۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ، بۇنداق كىشىگە ئۇ نەرسىلەر ھالال دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئادەمنىڭ مەلۇم مىقداردا ئىستېمالقىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكتۇر.
2- ئۆزى ھالال، لېكىن ئۇنى قازىنىش يولى ھارامدۇر. بۇ خىل ھاراملارقازانغۇچىغا ھارام، باشقىلارغا ھارام ئەمەس. مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ ھارام يوللاردىن تاپقان پۇلىغا ئالغان ھالال نەرسىلىرى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ھارام، باشقىلارغا يېيىشىھارام ئەمەس.
دېمەك، بۇغداي-قوناق، مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات… لار ۋە ئۇلاردىن ئېتىلگەن يېمەكلىكلەرى يېگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆشرىسىنى ئايرىمىغانلىق ياكى ھارام يوللاردىن قازانلىق گۇناھى ئۆشرىنى ئايرىمىغان، ھارام يوللاردىن قازانغان كىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر كۈن جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان نەزىر ـ چىراغ، توي ـ تۆكۈن ۋە باشقائادەمگەرچىلىكلەردە داستىخانغا قويۇلۇۋاتقان يېمەك- ئىچمەكلەربىرىنچى خىل ھارامدىن بولمىسىلا ئۇلارنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمانلارغا، ئالدىغا كەلگەن ھالال نەرسىلەرنىڭ قولغاكەلتۈرۈلۈش يولىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلەنسە ئىدى، جەمئىيەتتە ھېچبىر ئىشئالدىغا ماڭمىغان بولاتتى. مېھرىبان ئاللاھ بەندىلىرىنى بۇنداق بىر ئىشقابۇيرۇمىغان.
سىز ئويلاپ بېقىڭ: سىز سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدىغان بىر ھالال نەرسە بار. سىزئۇ نەرسىنى ساتىدىغان يەرگە بېرىپ ئىگىسىدىن، «سىز بۇ نەرسىنى نەدىنئالغانتىڭىز؟ قانداق پۇلغا ئالغانتىڭىز؟ سىزگە ساتقان ئادەم قانداق پۇلغائاپتىكەن؟ ئۇنىڭغا ساتقان ئادەمچۇ؟……………» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىسىڭىز، پەقەت شۇ بىر نەرسىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلىشىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقتىڭىز كېتەر؟
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سىزنىڭ يېنىڭىزغا ساتماقچى بولغان ھالال بىر نەرسىڭىزنى سېتىۋالغىلى كەلگەن بىر كىشىدىن سىز: «سىز مەندىن بۇنەرسەمنى سېتىۋالىدىغان پۇلنى نەدىن تاپقانتىڭىز؟ سىزگە بەرگەن كىشى نەدىنتېپىپتىكەن؟ ئۇ چۇ؟ ئۇ چۇ؟…… سىز بۇ نەرسەمنى مەندىن سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟» دەپ سوراشقا باشلىسىڭىز ۋە ئۇلارنى تېپىپسوراش ئۈچۈن شەھەرمۇشەھەر، يۇرتمۇيۇرت ماڭغىلى تۇرسىڭىز، بارلىق ئىشلىرىڭىزنى تاشلاپ پەقەت شۇ بىر ئىش ئۈچۈن بىرقانچە يىللىقھاياتىڭىز كەتمەسمۇ؟
بىر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىمۇشۇنداق تەكشۈرۈش ئىشىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، كۆزئالدىمىزدىن قانداق بىر مەنزىرە ئۆتەر؟ ئەقىلغا، مەنتىققا ۋە فىترەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنمىز ئەنە شۇنداق بىر ئىشقا ئەمر قىلارمۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر سورۇندا ياكى بىرەر ئاشخانىدا ئالدىڭىزغا قويۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىرىنچى تۈرلۈك ھارامدىن بولمىسىلا ئۇنى ئىستېمال قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ .
سىز ھاياتىڭىزدا بىر تويدا ياكى بىر زىياپەتتە ئالدىڭىزغا قويۇلغان لەغمەن ، مانتۇلارنى ئەتكەن ئۇننىڭ بۇغدىيىنىڭ ئۆشرىسىنى ئايرىلغان ياكى ئايرىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان بىر ئىنساننى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟ ياق، شۇنداققۇ! چۈنكى بۇنىڭغا ھاجەت يوق. چۈنكى لەغمەن بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلىدۇ، مانتۇ بۇغداي ئۇنى بىلەن ھالال مالنىڭ گۆشلىرىدا ئېتىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ تەبىئىتى ھالال بولغانلىقى ئۈچۈن ناۋادا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆشرىلىرى ئايرىلمىغان ياكى ھارامدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسا، بۇنىڭ گۇناھى بۇ گۇناھنى قىلغانلارغىلا بولىدۇ، خالاس.
ئۇ ئالىملىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ: ھاراملىق تەبىئىتىدە بولغان نەرسىلەر بىلەن، قولغا كەلتۈرۈش يولى ھارام بولغان نەرسىلەرنى ئايرىپ چۈشەنسۇن.
ئۇلارغا يەنە دەپ قويۇڭ: خالىغانچە «ھارام، ھارام» دېمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھالال ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل سۈرىسى 116- ئايەت.
كۈنىمىزدە ئىختىيارىي ھالدا ياكى پۇلغا سېتىلىپ ئاغزىغا كەلگەن بويىچە ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ئۇ ھارام، بۇ ھارام» دەپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇپ بۇنىڭ بەدىلىگە جان ساقلاۋاتقان نۇرغۇنلىغان موللىچاقلار بار. سىزنىڭ ئۇ «ئالىم» لىرىڭىزمۇ بۇلارنىڭ قاتارىدىن بولمىسۇن يەنە، دىققەت قىلىڭ!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر