مۇسۇلمانلار

ئوقۇماسلىققا باھانە يوق

 

نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئاسانلىقلار
 
مۇقەددىمە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«…شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/103.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ناماز بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىنىشى پەرز بولغان بىر ئىبادەتتۇر. بىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرۇپ ئەكېلىش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنىمۇ ئۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق دېگۈچىلەر تەۋبە قىلىپ دەرھال تەۋبە قىلىپ، كۈندە بەش ۋاقىت نامازنى بەلگىلەن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشى لازىم. چۈنكى بەش ۋاقىت ناماز، ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ھېچبىر ئىشقا توسالغۇ بولمايدىغان شەكىلدە، ۋاقىتلارغا بۆلۈنۈپ پەرز قىلىنغان ۋە بۇ نامازلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئاسانلىقلار يولغا قويۇلغان. مەسىلەن:
ئاللاھ تەئالا تاھارەت ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنى، قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمىغانلارغا ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشنى، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئادەتتىكىدەك قىلىپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا باش ئىشارىتى بىلەن ناماز ئوقۇشنى، بىر يەردە مۇقىم تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلارغا مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ(قاتناش ۋاسىتىلىرى ) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇشنى، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمايدىغانلارغا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى، ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغانلارغا يېتىپ ناماز ئوقۇشنى، بەزى زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغاندا پېشىن بىلەن ئەسىرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ (جەمئىي قىلىپ) ئوقۇشنى يولغا قويۇپ بەرگەن. تۆۋەندە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- تەيەممۇم رۇخسىتى
سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا ياكى غۇسۇل قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا تەيەممۇم قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلە قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپبولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار، ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- (مائىدە 5/6).
سۈرە نىسانىڭ 43- ئايىتىمۇ بۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
2- ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇش رۇخسىتى
دىنىمىزدا نامازنى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇش پەرز قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَدْ نَرَى تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ»
«ئى مۇھەممەد! كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات-پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن مەمنۇن بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار، سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس»
لېكىن تۆۋەندىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ پەرزگە رىئايە قىلىشلىرى كېرەك ئەمەس. يەنى تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ نامازلىرىنى قىبلىگە يۈز كەلتۈرمەي، ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ئوقۇشلىرىغا رۇخسەت بېرىلگەن:
ئا- كېسەل كىشى.
يەنى بىر كىشى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن نامىزىنى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇيالمىسا، نامىزىنى ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم»
«ئاللاھ تەئالا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.
«لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْساً إِلا وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھېچكىمىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»بەقەرە 2/286
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«إِذَا أَمَرْتُكُمْ بِأَمْرٍ فَأْتُوا مِنْهُ مَا اسْتَطَعْتُمْ»
«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئە- قورققان كىشى
يەنى دۈشمەن، يىرتقۇچ ھايۋان، سۇ ئاپىتى، يەر تەۋرەش، ھەمراھلاردىن ئايرىلىپ قىلىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توختىماسلىقى ياكى چوڭ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى باشقۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتالماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ بىرىدىن قورققان كىشى نامىزىنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ. فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ»
«نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار. ئەگەر قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى قانداق ئۆگەتكەن بولسا ئاللاھنى شۇنداق ياد ئېتىڭلار»- بەقەرە 2/38-39.
     ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ ئايەتتىكى «فَإِنْ خِفْتُمْ  (ئەگەر قورقساڭلار)» دېگەن سۆزىدىكى قورقۇش ئومۇمىي بولۇپ بارلىق قورقۇنچلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى خىفتۇم «خِفْتُمْ» پېئىلنىڭ مەفئۇلى (ھەرىكەت ئوبيېكتى) نىڭ زىكىر قىلىنماسلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
3-ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ ناماز ئوقۇش رۇخسىتى
نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولمىغانلارغا ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇش رۇخسىتى بېرىلگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلاَةَ فَاذْكُرُواْ اللّهَ قِيَاماً وَقُعُوداً وَعَلَى جُنُوبِكُمْ فَإِذَا اطْمَأْنَنتُمْ فَأَقِيمُواْ الصَّلاَةَ إِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَاباً مَّوْقُوتاً»
«نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»نىسا 4/103.
«لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/ 286.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن كېسەل ئادەممەن، نامازنى قانداق ئوقۇيمەن؟ دېگەن مەزمۇندا سوئال سورىغان بىر ساھابىسىگە: «ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېتىپ ئوقۇغىن» دەپ جاۋاب بەرگەن.- بۇخارى، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان.
4- نامازلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش رۇخسىتى
قۇرئان كەرىمدە بەش ۋاقىت نامازنى بەلگىلەنگەن بەش ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى بايان قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1- «وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ …».
«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ئادا قىلغىن…»- ھۇد 11/114.
     بۇ ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» دۇر. تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» ئىدافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدە مۇدافۇ ئىلەيھ تەرەفەي «طَرَفَيِ» دۇر. تەرەفەي، تەرەف «طَرَف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىكىدۇر.
تەرەپ كەلىمىسى ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.- (ئىبنى فارىس، مەقايىسۇللۇغە ت ر ف؛ راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان ت ر ف؛ ئىنبى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب ت ر ف).
بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇداف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇدافۇ ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى) نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ. (مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/127؛ رەئد 13/41؛ تاھا 20/130؛ ئەنبىيا 21/44).
بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلاردىن ئىككى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.
     يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» دۇر. زۇلەف «زُلَف»، زۇلفە «زُلْفَة» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ.
ئايەتتىكى «نامازنى تولۇق ئادا قىلغىن» دېگەن بۇيرۇق، كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ بۆلۈمىدە يەنى بەش ۋاقىتتا بەش ۋاقىت نامازنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238 – ئايىتىدىكى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقمۇ پەقەت بۇ شەكىلدىلا ئورۇندىلىدۇ. چۈنكى ئۈزلۈكسىز ئۆرە تۇرغۇزۇلمىغان نەرسە مۇھاپىزەت قىلىنغان بولمايدۇ.
دېمەك، بۇ ئايەتتىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان  ئىككى ۋاقىت ناماز بامدات ۋە نامازشام ئەمەس، پېشىن ۋە نامازدىگەردۇر. چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ.
«كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر، ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر.
 2- «أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ…»
«نامازنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغىن. سەھەر ۋاقتىنىڭ نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن…»- ئىسرا سۈرىسى 78 – ئايەت.
بۇ ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ» دېگەن ئىپادە، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» نىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى يەنى پېشىن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق» دېگەن ئىپادە بولسا، يەنە ھۇد سۈرسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» نىڭ بىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى يەنى خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» دىن بىرى، «سەھەر ۋاقتى» دەپ ئايرىم زىكىر قىلىنىدۇ.
3- «فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى»
«شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىل. كۈننىڭ چىقىشىدىن ۋە پېتىشىدىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيت. كېچە ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈز تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيت. شۇنداق قىلساڭ، مەمنۇن بولالايسەن»- تاھا 20/130.
بۇ ئايەتتىكى «قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا (كۈننىڭ چىقىشىدىن ۋە پېتىشىدىن ئىلگىرى)» دېگەن ئىپادە  بامداتنىڭ ۋە نامازدىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىغا دالالەت قىلىدۇ. 
4- «فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»
«ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد ئېيتىپ تەسبىھ ئېيتقىن»- قاف 50/39.
بۇ ئايەتمۇ بامدات بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ.
5- «فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ»
«ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار»- رۇم 30/17.
     بۇ ئايەتتىكى «حِينَ تُمْسُونَ» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسىنىڭ «ئاخشامغا ئۇلاشقان» دېگەن قىسمى نامازشامنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى:
 پېشىننىڭ ۋاقتى
     پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن قايرىلغاندا باشلىنىدۇ، چۈنكى ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدە ئۆتكەن «لِدُلُوكِ الشَّمْسِ(كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارىتىپ)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
 نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى
     نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدۇر. رۇم سۈرىسىنىڭ 18- ئايىتىدە ئۆتكەن «عَشِيّاً(كۈندۈزنىڭ ئاخىرى)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
 تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدىكى ۋە قاف سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدىكى «قَبْلَ غُرُوبِهَا، قَبْلَ الْغُرُوبِ (كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى دېگەن ئىپادە نامازدىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
نامازشامنىڭ ۋاقتى
نامازشامنىڭ ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەن ھامان باشلىنىدۇ. رۇم سۈرىسىنىڭ 17 ئايىتىدىكى «حِينَ تُمْسُونَ» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسىنىڭ «ئاخشامغا ئۇلاشقان» دېگەن قىسمى نامازشامنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇپتەننىڭ ۋاقتى
خۇپتەننىڭ ۋاقتى نامازشامنىڭ ۋاقتىدىن كېيىنلا كىرىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا ئاخىرلىشىدۇ. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدىكى «إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ(كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
بامداتنىڭ ۋاقتى
     بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. رۇم سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتىدىكى «حِينَ تُصْبِحُونَ (ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چېغىڭلاردا)» دېگەن ئىپادە بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
     تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدىكى ۋە قاف سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدىكى «قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ(كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى)» دېگەن ئىپادە بولسا، بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، كۆرسىتىپ قويغان ناماز ۋاقىتلىرى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلارنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«جىبرىئىل كەبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولدى. بىرىنچى قېتىمدا، پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغقۇچىسى قەدەر بولغاندا ئوقۇدى، نامازدىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، نامازشامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغان چاغدا ئوقۇدى، خۇپتەننى شەفەق (كۈن پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىق) يوق بولغان چاغدا ئوقۇدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ روزا تۇتقۇچىغا يېمەك-ئىچمەك ھارام بولغان چاغدا ئوقۇدى.
ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا يەنى بىرىنچى قېتىمدا نامازدىگەرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، نامازدىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئوقۇدى. نامازشامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئوقۇدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئوقۇدى.
ئاندىن كېيىن ماڭا قاراپ: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر» دېدى.- تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2؛ بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167.
ئايەتلەردە پېشىننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى، نامازشامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ۋە خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى بايان قىلىنمايدۇ.
بۇ، كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئورتاق ۋاقتى ئىكەنلىكىگە، كۈن پاتقاندىن باشلاپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ئورتاق ۋاقتى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ بەزىدە ئالدىغا تارتىپ (جەمئىي تەقدىم قىلىپ)، بەزىدە كېچىكتۈرۈپ (جەمئىي تەخىر قىلىپ) ئوقۇشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر مۇنداق:
1- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورقۇنچمۇ يوق، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەھۋالدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغان»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورقۇنچمۇ يوق، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەھۋالدا مەدىنىدە پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغان». پەيغەمبىرىمىز بۇنى ئۈممىتىگە ئاسانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3- ئىبنى ئابباس ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غەزۋىسىدىكى سەپىرىدە پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغان»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
5- نامازنى قەسىر ئوقۇش رۇخسىتى
ئاللاھ تەئالا سەپەر ئۈستىدە بولغان مۇسۇلمانلارغا تۆت رەكئەتلىك نامازلار قەسىر قىلىپ (قىسقارتىلىپ) ئىككى رەكەت ئوقۇشقا، سەپەر ئۈستىدە بولۇپ دۈشمەننىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورققان مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى رەكەت نامازنىمۇ قەسىر قىلىپ يەنى قىسقارتىپ بىر رەكەت ئوقۇشقا رۇخسەت بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَنْ يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُبِينًا. وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَى لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا. فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِكُمْ فَإِذَا اطْمَأْنَنْتُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى كاپىرلار سىلەرگە ئوچۇق- ئاشكارا دۈشمەندۇر.
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئوقۇغان چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن ۋە قورال- ياراغلىرىنى تۇتسۇن. بۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردىن قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئوقۇمىغان يەنە بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال- ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كاپىرلار سىلەرنىڭ قورال- ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە- كېرەكلىرىڭلەردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال- ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/101-103.
     بۇ ئايەتلەردە ئۆتكەن ۋە ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەسسەلات «الصَّلَاة» بولۇپ، بۇ كەلىمە بېشىدىكى ئەلىف لام بىلەن ئېنىق ئىسىمدۇر، يەنى مۇئمىنلار تەرىپىدىن بىلىنگەن نامازنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق:
سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئىككى رەكەت ، بۇنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىدۇ، يۇقىرىدىكى ئۈچ ئايەت يەنى سۈرە نىسانىڭ 10-، 102- ۋە 103- ئايەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە بولۇشلىرىغا كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇشلىرى قوشۇلسا. سەپەر ئۈستىدە ئوقۇپ كەلگەن ئىككى رەكەت نامازلىرىنى قىسقارتىپ بىر رەكەت قىلىپ ئوقۇشلىرىغا رۇخسەت بېرىشتىن ئىبارەت يېڭى ھۆكۈمنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى مۇنۇ ئىككى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
1- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ناماز مۇقىملىقتا ۋە سەپەردە ئىككى ركئەت، ئىككى رەكەت پەرز قىلىندى. كېيىن مۇقىملىقتىكى نامازغا ئىككى رەكەت زىيادە قىلىندى، سەپەردىكى ناماز ئۆز پېتى قويۇلدى»- بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
2- ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇقىملىقتا تۆت رەكەت ، سەپەردە ئىككى رەكەت ، قورقۇنچتا بىر رەكەت قىلىپ پەرز قىلدى»- مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان. 
ئەسكەرتىش: 
 بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
«سۈرە نىسانىڭ 101- ئايىتىگە قاراپلا ئاللاھ تەئالا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشنى كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇشقا باغلىق قىلغان، ھازىر ئۇنداق بىر قورقۇنچ يوق، شۇڭا سەپەردە نامازلارنى قەسىر قىلماي تولۇق ئوقۇش لازىم»، دەپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ چالا موللىلىقلىرىنىڭ قۇربانى بولغان بولىدۇ. ھەتتا بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن موللا بولۇشمۇ شەرت ئەمەس. 101- ئايەتنى 102- ئايەت بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش كۇپايە قىلىدۇ. ئىككى ئايەت بىرلىكتە چۈشىنىلسە مۇنداق ھۆكۈم چىقىدۇ:
سەپەر ئۈستىدە 4 رەكئەتلىك ناماز قەسىر قىلىنىپ (قىسقارتىلىپ) ئىككى رەكەت ئوقۇلىدۇ. ئەگەر سەپەر ئۈستىدە دۈشمەندىن قورقۇش مەۋجۇت بولسا، ئۇ ئىككى رەكئەتنىمۇ قىسقارتىپ بىر رەكەت ئوقۇشقا بولىدۇ. ئايەتتە بۇنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەتنى قىسقارتماي تولۇق، ئىككى پىرقىگە ئايرىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر بىر پىرقىسى ئۇ ئىككى رەكئەتنى قىسقارتىپ بىر رەكئەتتىن ئوقۇغان. دېمەك، نىسا سۈرىسىنىڭ 102- ئايىتى 101- ئايەتتىكى ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى بايان قىلىنىدۇ.
خۇلاسە
1- دۈشمەن، يىرتقۇچ ھايۋان، سۇ ئاپىتى، يەر تەۋرەش، ھەمراھلاردىن ئايرىلىپ قىلىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توختىماسلىقى ياكى چوڭ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى باشقۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتالماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ بىرىدىن قورققان كىشى نامىزىنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (قاتناش ۋاسىتىسى) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ.
2- ئىشچى، خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بامدات ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرى خىزمەت، ئىش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ ئىككى ۋاخ نامازنى ئوقۇشتا بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيدۇ.
كۈن ئۇزۇن ۋاقىتلاردا نامازشامنىڭ ۋاقتىمۇ ھېچبىر ئىشنىڭ ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالمايدۇ. بەزى كۈن قىسقا زامانلاردا نامازشامنى خۇپتەن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەنى خۇپتەننىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشقا بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنى يەنى بامدات، نامازشام ۋە خۇپتەننى ھەر كىم ھېچبىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەستىن ئۆز جايىدا ئادا قىلالايدۇ.
شۇنداق بولغاندا ئىككى ۋاخ ناماز قالىدۇ: بىرى پېشىن، يەنە بىرى نامازدىگەر. بۇ ئىككى نامازنى كۈن ئۇزۇن ۋاقىتلاردا ھەر كىشى ئۆز ۋاقتىدا ئۆز جايىدا ئادا قىلالايدۇ. مەسىلەن: پېشىننى چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا ئۇيغۇن بىر يەر تېپىپ ئوقۇۋالسا (چۈنكى پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلگەن ھامان كىرىدۇ. بۇ ۋاقىت دىيارىمىزنىڭ شىمالىدا سائەت 12 دىن 10، 15 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇبىدا 12 دىن 20، 30 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتلارغا ئۇدۇل كېلىدۇ)، نامازدىگەرنى ئىشتىن چۈشۈپ كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋالسا بولىدۇ.
قىش كۈنلىرى يەنى كۈن قىسقا ۋاقىتلاردا نامازدىگەر بىلەن نامازشامنىڭ ۋاقتى ئىشتىن چۈشۈپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا پېشىننى ئوقۇۋالسا، نامازدىگەرنى ۋە نامازشامنى ئىش ئارىسىدا 10، 15 مىنۇتلۇق ئىستىراھەتكە قويۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا، شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇۋالسا بولىدۇ.
ئەگەر ئۇنداق ئىش بولمىسا نامازدىگەرنى پېشىن بىلەن بىرلىكتە جەمئىي تەقدىم قىلىپ (ئىككى نامازنى پېشىننىڭ ۋاقتىغا تارتىپ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن) چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا ئوقۇۋالسا، نامازشامنى خۇپتەننىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈپ جەمئىي تەخىر قىلىپ (ئىككى نامازنى كېيىنكىسىنىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئىككىسىنى بىرلىكتە ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن) ئوقۇسا بولىدۇ.
يەنە بىر گەپ ئۇلار سۈننەتلەرنى ئوقۇماي پەرزنىلا ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى پەرز ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن ئۇ قەدەر قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بىرىنىڭ سۈننەت نامازلارنىمۇ ئوقۇيمەن دېيىشى ئۆزىنى ئۆزى قىينىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرى ئەمەس، بەلكىدە بىر تەشۋىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتلەرنى ئوقۇغانلار ساۋاب تاپىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.
ئىشچى ـ خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ئۇ نامازلارنى يەنى پېشىن، نامازدىگەر ۋە قىش كۈنلىرىدە نامازشام قاتارلىق نامازلارنى تاھارەت ئېلىپ، ئالدىنى قىبلىگە قىلىپ ئوقۇيالىسا، مۇشۇ بويىچە ئوقۇشى لازىم. ئەگەر بىر قورقۇنچ يۈزىسىدىن تاھارەت ئالالمىسا ياكى قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ياكى نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى جايىدا قىلالمىسا ۋە ياكى بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئۆز جايىدا قىلالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، نامازلىرىنى تۆۋەندىكى شەكىلدە ئوقۇشى كېرەك:
سۇ بىلەن تاھارەت ئالالمىسا تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇيدۇ (پاك بولۇش نىيىتى بىلەن ئىككى قولىنى پاك تۇپراققا بىر ئۇرۇپ يۈزىنى ۋە يەنە بىر ئۇرۇپ ئىككى قولىنى سىلايدۇ)، قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدۇ. رۇكۇ ۋە سەجدىنى نورمال شەكىلدە قىلالمىسا باش ئىشارىتى بىلەن بۇمۇ مۇمكىن بولمىسا كۆز ئىشارىتى بىلەن قىلىپ ئوقۇيدۇ.
3- ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئايال ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە ئايال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئورۇندىشى كېرەك بولغان شەرتلەردىن باشقا، ئورۇندىشى كېرەك بولغان مۇنداق بىر شەرت بار: ئۇ بولسىمۇ نامازدا ئىككى قولى ۋە يۈزىدىن باشقا پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى يۆگەشتىن ئىبارەت. ئاياللار نورمال ۋاقىتلاردىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان بۇ پەرز، ئۇ (ئايال) لار ئۈچۈن نامازنىڭ بىر شەرتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاساً يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشاً …»
«ئى ئادەم بالىلىرى! بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم نازىل قىلىپ بەردۇق…»- ئەئراف سۈرىسى 26.
ئاللاھ تەئالا يەنە مۇشۇ سۈرىنىڭ 31- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ…»
«ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز قىلىدىغان يېرىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار…»- ئەئراف سۈرىسى 31- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاياللار نامىزىنى، ئۆيىدە  ئوقۇسۇن سىرتتا ئوقۇسۇن، يېنىدا نامەھرەم بولسۇن بولمىسۇن ئەۋرەت يەرلىرىنى ياپىدىغان ئىچ كىيىمى بىلەن ئەمەس، زىننەتلىنىدىغان كىيىمى بىلەن يەنى سىرتقا چىققۇدەك قىياپىتى بىلەن ئوقۇشى شەرت.
ئايال مۇسۇلمانلار نامازنىڭ سىرتىدىمۇ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە زىننەتلىنىدىغان يەنى كىيىپ سىرتقا چىقالىغۇدەك كىيىم كىيىش، بېشىغا ئەتراپى بويۇنلىرىنى ۋە كۆكسىلىرىنى يۆگەيدىغان دەرىجىدىكى چوڭ بىر ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدىنىنى بېشى بىلەن قوشۇپ يۆگىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُوْلِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاء وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعاً أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر سۈرىسى 31 – ئايەتلىرى.
بۇ ئايەت مەزمۇنىدىن مۇنۇ ھۆكۈملەر چىقىدۇ:
ئاياللار نامەھرەمنىڭ ئالدىدا يۈزى، ئىككى قولى ۋە پۇتى (ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى يۆگىشى پەرزدۇر.
 ئاياللار ئەرلىرى، ئاتىلىرى، قېيناتىلىرى، ئۆز ئوغۇللىرى، ئۆگەي ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، جىيەنلىرى، ئۆزىنىڭ تونۇش ئاياللىرى، قول ئاستىدىكى قۇل-چۆرىلەر، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا زىننەت ئورۇنلىرىنى- بويۇنلىرىنىڭ ئۈستى يەنى باشلىرى، بىلەكلىرى ۋە پاچاقلىرى يەنى ئوشۇقلىرىنىڭ بىرئاز ئۈستۈن تەرەپلىرى قاتارلىق يەرلىرىنى-  يۆگىمىسە گۇناھكار بولمايدۇ.
لېكىن ئېرى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكا-ئۇكىلىرى…غا ئوخشاش تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئاياللار ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى خانىم/قىزلارنىڭ ئىش ئورنى ۋە مەكتەپلەردە ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئۇلارنىڭ شۇنداق يەرلەردە قاتتىق مەجبۇرىيەت ئاستىدا قالغان چېغىدىلا ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ ئىشلەپ مەجبۇرلۇق ھالىتى تۈگىگەن ھامان ياغلىقىنى ئارتىپ ئۆزىنىڭ ئىسلامىي ھاياتىغا داۋام قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن:
شۇنداق ئەھۋال ئاستىدىكى بىر خانىم/قىز، ئىش ئورنىنىڭ ئىچىدىكى ياكى مەكتەپتىكى سەككىز سائەتلىك خىزمەت ياكى ئوقۇش ئەسناسىدا (ئېگىز ياقىلىق كۆينەك كىيىش ياكى بوينىغا بىر شارپا سېلىۋېلىش ئارقىلىق بېشىنى، بوينىنى ۋە كۆكسىنى يۆگەش شەرتى بىلەن) ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ ئىشلىسە ئىش ئورنىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا ياغلىقىنى ئارتىۋالسا ئەتىسى يەنە ئىش ئورنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ ئىشقا كىرسە شۇنداقلا خىزمىتىنى داۋام قىلسا بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە بىر زۆرۈرىيەت بار، بۇ زۆرۈرىيەتنى قامداش ئۈچۈن مەجبۇرىيەتكە بويسۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چارىسىز قالغان كىشىنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر مىقدار چوشقا گۆشى يېيىشىگە رۇخسەت قىلىنغاندەك ئىشتۇر. بۇنىڭ دەلىلى مۇنداق:
1- قاتتىق ئاچلىقتا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چوشقا گۆشىدىن بىر مىقدار يېيىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. (بەقەرە 2/173، مائىدە 5/3، ئەنئام 6/145، نەھل 16/115- ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
2- كۇپۇر سۆزنى قىلمىسا ھاياتىغا دەخلى يېتىش خەۋپى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا كۇپۇر سۆزنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويۇپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ»
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا) كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.
بۇ ئايەتتە قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان، لېكىن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
خوش، ئەمدى كېلەيلى ئەنە شۇنداق ئىشچى، خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچى خانىم/قىز مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىنى قانداق ئوقۇشى مەسىلىسىگە
ئىش، خىزمەت ۋە ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش ئەركىنلىكى بولمىغان ئايال مۇسۇلمانلار، نامازلىرىنى ئۈستىدىكى قىياپەتلىرى بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇزۇن بىر كىيىمنى كىيىش بىلەن پۇتىنى دۈمبىسىغىچە يۆگىيەلمىگەن ياكى بېشىغا ياغلىق ئارتىش بىلەن بېشىنى، بوينىنى ۋە گېلىنى يۆگىيەلمىگەن ئاياللار نامازلىرىنى ئۇ يەرلىرىنى يۆگىمەي يەنى بېشىغا ياغلىق ئارتماي ئوقۇسا بولىدۇ.ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
« إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر» (نىسا سۈرىسى 103 ـ ئايەت).
بۇ ئايەت ھەر بىر ۋاخ نامازنىڭ بەلگىلەنگەن بىر ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىغا، ھەر نامازنى بەلگىلەنگەن شۇ ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇشنىڭ قەتئىي پەرز ئىكەنلىكىگە، ھەر نامازنى شۇ ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
بىر ئايال مۇسۇلمان ئىش، خىزمەت ياكى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان چېغىدا بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالسا، ئىشتىن چۈشۈپ ياكى مەكتەپتىن چىقىپ ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىپ ئوقۇياي دېسە ئۇ نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىش خەۋپى بولسا، يېنىدا ئىسلامىي قىياپەت ساقلاش ياكى كىيىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئايال ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ. تاھارەت ئالىدۇ. بولمىسا تەيەممۇم قىلىدۇ، قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. رۇكۇ ۋە سەجدىنى قىلالمىسا ئىشارەت بىلەن ئوقۇيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْساً إِلاَّ وُسْعَهَا»
«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/ 286.
«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم»
«ئاللاھ تەئالا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«إِذَا أَمَرْتُكُمْ بِأَمْرٍ فَأْتُوا مِنْهُ مَا اسْتَطَعْتُمْ » 
«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
4- ئايروپىلان ، پويىز، ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىچىدە نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالسا، ئۇ نامازنى شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. تاھارەت ئالالمىسا تەيەممۇم قىلىدۇ، قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدۇ. رۇكۇ ۋە سەجدىنى قىلالمىسا ئىشارەت بىلەن ئوقۇيدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر