مۇسۇلمانلار

زاكالەت پۇلىنى قانداق قىلىش كېرەك

سوئال:
ھازىر تىجارەتتە كۆپىنچە كىشىلەر توختاملىشىدۇ ۋە توختامغا يېنىۋالغان تەرەپ مانچە يۈەن پۇل تۆلەيدۇ دەپ يازىدۇ. ئۇنداقتا بۇ پۇلنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
جاۋاب:
سودا مۇئامىلىسى قىلغان ئىككى تەرەپ: «بۇ سودىدىن قايسىمىز يېنىۋالساق، يېنىۋالغۇچى تەرەپ قارشى تەرەپكە … يۈەن پۇل تۆلەيدۇ» دەپ توختام قىلىشقان بولسا، ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى يېنىۋالسا، بۇ ئىشتا يېنىۋالغان تەرەپ قارشى تەرەپكە سۆزلەشكەن پۇلنى تۆلەيدۇ. ئىش مۇشۇنداق بولغاندا بۇ پۇلنى ئالغۇچى تەرەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار…»- مائىدە 5/1.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلمانلار قىلىشقان شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم. ھارامنى ھالال ياكى ھالالنى ھارام قىلىدىغان شەرتلەر مۇستەسنا»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
«زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ»- مۇۋاتتا رىۋايەت قىلغان.
ئەسلىدە بۇ توختام قىلىشقان سودىدىن بىر تەرەپنىڭ يېنىۋېلىشى تۈپەيلىدىن يەنە بىر تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. شۇڭا بىر تەرەپ يېنىۋالغان تەقدىردە يېنىۋالمىغان تەرەپ، ئۇ پۇلنى ئېلىش ئارقىلىق تارتقان زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بۇ توختام ھارامنىڭ ھالال قىلىنىشى ياكى ھالالنىڭ ھارام قىلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق توختامنى باشتا تۈزۈشكە بولىدۇ، شۇنداقلا تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ يېنىۋالسا، يېنىۋالمىغان تەرەپنىڭ ينىۋالغان تەرەپتىن توختامدا دېيىشكەن پۇلنى ئېلىشى ئۇ توختامغا رىئايە قىلغانلىق بولۇپ، ئۇ پۇل ئۇ كىشىگە ھالال بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەت – ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر