مۇسۇلمانلار

ئىستىخارە نامىزى

سوئال:
ئىستىخارە نامىزى قانداق ناماز؟ بۇ نامازنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى قانداق؟ ئىستىخارە دۇئاسى قايسى؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئىستىخارە دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ لۇغەت مەنىسى: «بىرەر ئىش قىلماقچى بولغاندا ئۇ ئىشنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆڭلىگە سېلىشنى ئاللاھدىن تىلەش» دېگەن بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇپ، ئاندىن ئاللاھقا يېلىنىپ مەخسۇس بىر دۇئا قىلىش شەكلىدە ئۆگەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە قىلىشنى بىزگە خۇددى «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:
«إِذا هَمَّ أَحَدُكُمْ بالأمر، فَليَركعْ رَكعتَيْنِ مِنْ غَيْرِ الفرِيضَةِ ثم ليقُلْ: اللَّهُم إِني أَسْتَخِيرُكَ بعِلْمِكَ، وأستقدِرُكَ بقُدْرِتك، وأَسْأَلُكَ مِنْ فضْلِكَ العَظِيم، فإِنَّكَ تَقْدِرُ ولا أَقْدِرُ، وتعْلَمُ ولا أَعْلَمُ، وَأَنتَ علاَّمُ الغُيُوبِ. اللَّهُمَّ إِنْ كنْتَ تعْلَمُ أَنَّ هذا الأمرَ خَيْرٌ لي في دِيني وَمَعَاشي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي، فاقْدُرْهُ لي وَيَسِّرْهُ لي، ثمَّ بَارِكْ لي فِيهِ، وَإِن كُنْتَ تعْلمُ أَنَّ هذَا الأَمْرَ شرٌّ لي في دِيني وَمَعاشي وَعَاقبةِ أَمَرِي، فاصْرِفهُ عَني، وَاصْرفني عَنهُ، وَاقدُرْ لي الخَيْرَ حَيْثُ كانَ، ثُمَّ رَضِّني بِهِ»
تەرجىمىسى:
«سىلەردىن بىر كىم بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا بۇ ئىشتا قانداق قىلسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلمىڭ بىلەن بىلدۈرۈشىڭنى تىلەيمەن، قۇدرىتىڭ بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت بېرىشىڭنى تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن، چۈنكى سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن قادىر ئەمەسمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، ھەممە غەيب ساڭا ناھايىتى ئايدىڭ، ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى، ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇ ئىشنى ماڭا مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن. ئەگەر بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن ۋە مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن. ياخشىلىق قەيەردە بولسۇن، ئۇنى ماڭا مۇيەسسەر قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن مېنى مەمنۇن قىلغىن›»— بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1- ئىستىخارە نامىزى مۇنداق:
ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا ئىستىخارە (ئاللاھدىن خەيرلىك بولغىنىنى تىلەش) نىيىتى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، ئاندىن يۇقىرىدىكى دۇئا ئوقۇلىدۇ. ئۇ دۇئانى مۇنۇ شەكىلدە ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ:
«ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنى بۇ ئىشتا مۇۋەپپەق قىلغىن، ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن، ماڭا بۈيۈك ئېھسانىڭدىن ئاتا قىلغىن، سەن ھەر ئىشقا قادىر بولىسەن، مەن قادىر بولالمايمەن. سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن.
ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش سېنىڭ ئىلمىڭدە مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، ھاياتىم ۋە ئاقىۋىتىم ئۈچۈن خەيرلىك بولسا، ماڭا بۇ ئىشنى نېسىپ قىلغىن ۋە ماڭا بۇ ئىشنى قىلىشنى ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئاندىن ئۇ ئىشتا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش سېنىڭ ئىلمىڭدە مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، ھاياتىم ۋە ئاقىۋىتىم ئۈچۈن يامانلىق بولسا، مېنى بۇ ئىشتىن، بۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، بۇ ئىشنى ئەقلىمدىن چىقىرىۋەتكىن، ماڭا ياخشىلىق نېسىپ قىلغىن، مېنى ياخشىلىق بىلەن قانائەتلەندۈرگىن»
2- ئىستىخارىدە مۇنۇلارنى سوراشقا بولىدۇ:
ئىستىخارىدە دىنىمىز قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئىشلاردىن بىرىنى قىلىشنى ياكى ئۇلاردىن بىرىنى تاللاشنى ئاللاھتىن سوراشقا بولىدۇ، مەسىلەن: بۇ ئۆينى ئالايمۇ ئالمايمۇ؟ بۇ قىز/ئايال بىلەن (ياكى ئوغۇل/ئەر بىلەن) توي قىلايمۇ، قىلمايمۇ؟ بۇ تىجارەتنى قىلايمۇ قىلمايمۇ؟ … دەپ ئىككىلىنىپ قالغان كىشى ئىستىخارە سالسا بولىدۇ.
3- ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر:
ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن بىر سۈرە ياكى مۇئەييەن بىر ئايەت ئوقۇش بەلگىلەنمىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن ھەر ئىككى رەكئەتتە فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت مىقدارى بىلگىنىچە ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ. لېكىن بىرىنچى رەكئەتكە فاتىھەدىن كېيىن (قۇل يا ئەييۇھەل كافىرون) نى، ئىككىنچى رەكئەتكە فاتىھەدىن كېيىن (قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد) نى ئوقۇش ياخشىدۇر.
ئەسكەرتىش:
1- ئىستىخارىدە چۈش كۆرۈش دەيدىغان بىر گەپ يوق. ئىستىخارىدىن كېيىن كۆڭۈل بىر تەرەپكە مايىل بولمىسا، بىرقانچە قېتىم، (ھەتتا يەتتە قېتىم) ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ. ئىستىخارىدە مۇھىم بولغىنى چۈش كۆرۈش ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ بىر تەرەپتىن سوغۇپ، يەنە بىر تەرەپكە قىزىشىدۇر.
2- ھەر كىم ئۆز ئىستىخارىسىنى ئۆزى سالىدۇ. باشقا بىرىگە ئىستىخارە سالدۇرۇش ياكى ئىستىخارە سېلىپ بېرىش ئۈچۈن باشقا بىرىنى «نىمكار» لاش، ئىشنىڭ بىدئەت تەرىپىدۇر.
3- ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇپ «بۇ ئىش» دېگەن يەرگە كەلگەندە قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاتاش ياكى كۆڭلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر