مۇسۇلمانلار

بوكسچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟

سوئال:
بوكسچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟ بوكسچىلىق مۇسابىقىسىنى كۆرۇشكىچۇ؟
جاۋاب:
1- بوكسچى تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَنفِقُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ وَلاَ تُلْقُواْ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ وَأَحْسِنُوَاْ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ»
«ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن تەھلىكىگە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»- بەقەرە 2/195.
بوكسچىلىق قىلىش ئۆزىنى تەھلىكىگە ئاتقانلىقتۇر، شۇنداقلا بۇ ئايەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.
«وَلاَ تَقْتُلُواْ أَنفُسَكُمْ إِنَّ اللّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيماً»
«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر»- نىسا 4/29.
بوكسچىلىق قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى بوكسچى بوكسچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرگەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە چەكلىگەن ئىشتىن يانمىغان بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ»-بۇ ھەدىسنى بەيھەقى، نەۋەۋى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
بوكسچى بوكسچىلىق قىلىش ئارقىلىق باشقىسىغا زىيان سالىدۇ ۋە ئۆزىمۇ زىيان تارتىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان بولىدۇ.
«بەندە قىيامەت كۈنى تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن سورالمىغۇچە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرۈڭنى نېمىدە تۈگەتتىڭ؟ ئىلمىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ مېلىڭنى نەدىن تاپتىڭ ۋە نەگە خەجلىدىڭ؟ جىسمىڭنى نېمىدە چىرىتتىڭ؟»تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
بوكسچى ئۆمرىنى خاتا ئىشلاردا تۈگىتىدۇ، جىسمىنى خاتا ئىشلاردا چىرىتىدۇ. ئاخىرەتتە بۇ سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. دېمەككى، بوكسچى ئىلاھىي ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولىدۇ.
2- بوكسچىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلەر خاتا ئىشنى كۆرگەن ۋە خاتا ئىشقا ياردەملەشكەن بولىدۇ. ئەگەر كۆرگۈچىلەر ئايال كىشى بولغان تەقدىردە ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىگە قارىغان بولۇپ ئۈچىنچى بىر گوناھنىمۇ قىلغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر