مۇسۇلمانلار

ئەزان ھەققىدە

ئەزان
ئەزاننىڭ يولغا قويۇلۇشى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاءَ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى كەمسىتىپ، ئۇنى ئويۇنچۇق قىلىۋالغانلارنى ۋە كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
سىلەر نامازغا ئەزان ئوقۇغان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر»- مائىدە 5/57-58.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە بەش ۋاقتى نامازنى مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ ئوقۇشىنىڭ ۋە ئۇ نامازلارغا ئەزان ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جۇمۇئە سۈرىسىنىڭ 9- ئايىتىدە بولسا جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەزكۇر ئايەت مۇنداق:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار. ئېلىم- سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- جۇمۇئە 62/9.
دېمەككى، نامازغا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ شوئارىدۇر. يەنى ئەزان مائىدە سۈرىسىنىڭ 58-ئايىتى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن يولغا قويۇلغان بىر ئىبادەتتۇر.
ئەزاننىڭ پەزىلىتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشىلەر ئەزاننىڭ ۋە ئاۋۋالقى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەك تاشلىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇلار نامازغا ئالدىراشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، نامازغا چوقۇم بالدۇر كېلەتتى. ئەگەر ئۇلار خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇلار ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەدىسىدە ئەزان ئېيتىشنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىنى، مۇئەززىننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئىكەنلىكىنى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ، بولۇپمۇ نامازغا بۇرۇن كېلىپ بىرىنچى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرگەن.
مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قىيامەت كۈنى مۇئەززىنلەرنىڭ (يەنى، ئەزان ئوقۇغۇچىلارنىڭ) بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇئەززىننىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۇنىڭ شەرىپىنى ۋە قىيامەتتىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى مۇئەززىن كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىپ ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. كىمكى ياخشىلىققا يېتەكلىسە، شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغىمۇ يېتىپ تۇرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قاچانكى نامازغا ئەزان ئېيتىلسا، شەيتان ئەزاننى ئاڭلىماي دەپ ئوسۇرغان پېتى كەينىگە قاراپ تىكىۋېتىدۇ…»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇئەززىن ئامانەتچىدۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇئەززىن ئامانەتچىدۇر»[1]، دېگەن. چۈنكى مۇئەززىنگە نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئامانەت قويۇلغان، ئۇ بۇ ئامانەتنى ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا ئەزان ئوقۇش ئارقىلىق ئامانەت ئىگىلىرى بولغان مۇسۇلمانلارغا تاپشۇرىدۇ.
دېمەك، ئىسلام دىنى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى كەڭ مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇئەززىنلەرگە ئەزان ئوقۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.
شۇڭا مۇئەززىن نامازنىڭ ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ۋاقىت كىرگەن ھامان ئەزان ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەنلەر تۇيۇقسىز ئەزاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ-دە، ناماز ۋاقتى بوپتۇ، دەپ تاھارەت ئېلىپ مەسچىت-جامەلەرگە يۈگۈرىدۇ. ھېچبولمىسا تۇرغان يەرلىرىدە بولسىمۇ نامازلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
ئەزاننى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار. ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار. كىمكى ماڭا بىر دۇرۇت ئېيتسا، ئۇنىڭ بىر دۇرۇدى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ماڭا ۋەسىلە سوراڭلار، ۋەسىلە دېگەن، جەننەتتىكى بىر يۇقىرى ئورۇن بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ. شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، كىمكى ئاللاھ تائالادىن ماڭا شۇ ئورۇننى تىلىسە، ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم تېگىشلىك بولىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قاچانكى ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: ‹ئى بۇ كامىل ئەزاننىڭ ۋە ھازىر ئوقۇلماقچى بولغان نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋەسىلىنى (جەننەتتىكى يۇقىرى ئورۇننى) بەرگىن. ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ياخشى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرگىن›، دېسە، ئۇ قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئېرىشىدۇ»- بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
سەئد ئىبن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزان ئاڭلىغان چاغدا: ‹گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرىم، ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىغا چىن دىلىمدىن مەمنۇن بولدۇم›، دېسە، ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا قىلىنغان دۇئا قوبۇل بولماي قالمايدۇ»- ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىس ئەزان ۋە تەكبىر ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.


[1]– ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر