مۇسۇلمانلار

بۇرۇنمۇ مۇسۇلمان بارمىدى

ئەسسىلامۇـ ئەلەيكۇم
 سۈرە قەسەسنىڭ 52 ـ، 53 ـ ۋە 54 ـ ئايەتلىرىنى چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز. ئۇ سۈرىنىڭ53  ـ ئايەتتىكى «بىز بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دىگەن كەلىمىلەر مېنى قۇرئان چۇشۇشتىن ئاۋۋال رەسۇلىللاھنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمانلار بولغىمىدى دەپ ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئاللاھ رازى بولسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئۇ ئايەتنى 51- ئايەتتىن 55- ئايەتكىچە بىرلىكتە چۈشىنىش كېرەك. بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىنغان زاماندا يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولۇپ، ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە توغرا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ.
بۇ ئايەتلەرنى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى، بۇ دىننىڭ مەنسۇبلىرىنىڭ مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنە شۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ ئاخىرقى كىتابى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشىنىۋالىمىز. مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ مەنالىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«بىز ئۇلارغا سۆزىمىزنى ئارقا-ئارقىدىن نازىل قىلدۇق. بىز ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق.
بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىتاب بەرگەنلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇلغاندا مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بۇنىڭغا ئىشەندۇق. بۇ، چوقۇم رەببىمىزدىن كەلگەن ھەقتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئىدۇق›.
ئەنە شۇلارغا، سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەجىرلىرى ئىككى قېتىم بېرىلىدۇ. ئۇلار يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ.
ئۇلار بىھۈدە سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: ‹بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرگە. خەير-خوش، ئامان بولۇڭلار! بىزنىڭ نادانلار بىلەن ئىشىمىز يوق›.»
تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمى يۇقىرىدىكى 54- ئايەتنىڭ مەناسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۈچ تۈرلۈك ئادەمگە قوش ئەجىر بېرىلىدۇ: ناسارا (خرىستىئان) ياكى يەھۇدىي بولۇپ، ئۆز پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ياكى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ماڭىمۇ ئىمان كەلتۈرگەن كىشىگە قوش ئەجىر بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەققىنىمۇ، خوجايىنىنىڭ ھەققىنىمۇ ئادا قىلغان قۇلغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ. چۆرىسىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئوقۇتۇپ ئاندىن ئۇنى ئازاد قىلىپ نىكاھىغا ئالغان كىشىگىمۇ قوش ئەجىر بېرىلىدۇ.»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ئۆز دىنىغا سادىق ۋە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغان، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ پەيغەمبەر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلار ئاڭلىماس ئىمان كەلتۈرگەن يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار بار ئىدى. يۇقاردىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇلارغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر