مۇسۇلمانلار

زىياندىن قۇتۇلۇش يوللىرى

زىياندىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى
بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ»
«زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان ئىچىدە ئەمەس»- سۈرە ئەسر (قۇرئان كەرىمنىڭ 103- سۈرىسى).
ئاللاھ تەئالا بۇ سۈرىدە زامان بىلەن قەسەم قىلىپ، زاماننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئورنىغا ۋە ئەھمىيىتىگە دىققەت جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى زاماندا ئاللاھ تەئالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى كۆرسىتىدىغان يارىتىش، باشقۇرۇش، رىزىق بېرىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلار مەيدانغا كېلىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ ئۆمرى شۇ زاماننىڭ بىر پارچىسىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەت مەيدانى ۋە قىممەتلىك پۇرسىتىدۇر.
ئاللاھ تەئالا بۇ سۈرىدە ھەر ئىنسان ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان ئەنە شۇ پۇرسەت بىلەن قەسەم قىلىپ، بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلمىگەن ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ «زىيان» بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
بۇ يەردىكى زىيان ئاخىرەت ئازابى دېمەكتۇر. چۈنكى زامانىنى يەنى ئۆمرىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ زىيان ئاخىرەتتىكى زىياندۇر. بۇ سۈرىدە بۇ زىياندىن پەقەت تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى قىلغانلارنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ:
1- ئىمان ئېيتىش،
2- ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. يەنى ئىسلام دىنى ئەمر قىلغان ئىشلانى قىلىش ۋە ئىسلام دىنى چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش،
3- بىر- بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىش،
4- بىر- بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشىش.
ئىككىنچى قاتاردىكى «ياخشى ئەمەللەر» نىڭ ئىچىدە ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشمۇ بار. لېكىن بۇلار كىشىنىڭ پەزىلىتىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ھەمدە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە زىكىر قىلىنغان.
ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزى ھەقنى تونۇغان ۋە ئىجرا قىلغان، سەۋرنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن بولۇشى لازىم. بۇ نۇقتىنى ھەر ئەقىل ئىگىسى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەردە بۇ مەسىلىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشىگە ھاجەت يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە باشقا ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرىنىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى نېمە ئۈچۈن سۆزلەيسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ»- سەف 61/2-3.
 ئايەتتىكى ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىش تەلىم-تەربىيىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ ۋە غايىسىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىمۇ يول كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ھەر تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى، نەتىجىدە بىر تەۋسىيە (بىر نەسىھەت ۋە بىر يېتەكچىلىك) دۇر. توغرا تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ غايىسى بولسا، ئىنسانلارغا ئېتىقادتا، بىلىمدە ۋە ئەخلاقتا ھەقنى يەنى ئەمەلىيەتنى ۋە توغرىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنداقلا ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل شارائىتلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلىرى، قايمۇقتۇرغۇچى پىكىرلەر، خاتالىق ۋە جىنايەت سەۋەبلىرى قاتارلىقىلارنىڭ ئالدىدا سەۋرچان بولۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
شۇنىڭدەك، ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىش- ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ تەلىپى بولغان پۈتۈن ئەخلاقىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى كەڭ بىر ۋەزىپىدۇر.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بەندە بۇ سۈرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىمانغا ئىگە بولۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھەققىنى، ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر