مۇسۇلمانلار

مايمۇنغا ئايلانغىنى راسمۇ؟

سوئال:
يىقىندا تور ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارسىدا تارقالغان «ئۈرۈمچىدىكى سۇرتى يىلان، مايمۇنغا ئايلىنىپ قالغان ئايال» توغىرسىدىكى گەپلەرنى تولا ئاڭلىدۇق. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ ھەقىقىەت ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىندىكەن. بۇ ھەقتە بىزگە ئەتراپلىق چۇشەنچە بېرشڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە شېرىك كەلتۈرگەنلەرنىڭ، رىيا قىلغانلارنىڭ ۋە قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغانلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى، باشقا گۇناھلارنىڭ جازاسىنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلىنىش بىلەن بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بەزى جەمئىيەت تەرتىۋىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان گۇناھلارغا مۇشۇ دۇنيادا بىر قىسىم جازالارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن قىلىپ ئېيتىمىزكى:
بۇنداق گەپلەر يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بولۇپ ئۇلارغا ئىشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بولۇپمۇ كىتابى قۇرئان، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام بولغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق ھېكايىلەرگە ئىشىنىشى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالدۇر. ئەگەر بىرەر گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا جازىسى بېرىلگىلى تۇرسا ئىدى، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلغان بىر قىزنىڭ مايمۇنغا ئايلىنىشى، يىلانغا ئايلىنىشى قاتارلىق ئىشلار بۇ دۇنيادا يۈز بەرگىلى تۇرسا ئىدى،  ھېچكىم گۇناھ قىلمىغان بولاتتى، يەنى ھېچكىم ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن يامان يولنى تاللىمىغان بولاتتى. بۇ ئىنسانلاردىن گۇناھ قىلىش ئىختىيارىنى تارتىپ ئالغانلىق بولىدۇ. ئىلاھىي ھېكمەت، بۇنداق بولۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ. چۈنكى ئىنسان بۇ دۇنياغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئىختىيارى بىلەن، ياخشىنى ياكى ياماننى قىلىش ئىقتىدارى بىلەن، ھەتتا مۇسۇلمان بولۇش ياكى كاپىر بولۇش يولىنى تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن يارىتىلغان. بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا كىم نېمىنى تاللىغان بولسا ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ياكى جازاسىنى ئاخىرەتتە كۆرىدۇ. ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەقەززاسى مانا بۇدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر