مۇسۇلمانلار

دۇئا ئوقۇتۇشقا بولامدۇ؟

سوئال:
كېسەللەرنىڭ ساقىيشى ئۈچۈن خۇدا يولىدا قان قىلىشقا، خەتمە ئوقۇتۇشقا ۋە دۇئا ئوقۇتۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئۇنى داۋالاش شەرىئەت رۇخسەت قىلغان، ھەتتا تەشۋىق قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. كېسەل داۋالاش ئامبۇلاتۇرىيدە ياكى دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تەجرىبىلەر بىلەن تەرەققىي قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇنى ھەر ئەقىل ئىگىسى بىلىدۇ.
كېسەل كىشىنى بۇ جايلارغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش جەريانىدا كېسەلنىڭ ئۆزى ياكى ئۇرۇق-تۇققان، قولۇم-خوشنىلىرى قىلىنغان دورىلارنىڭ پايدا قىلىپ كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى قىلماقچى بولغان ھەر ئىشلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى تولۇق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا دۇئا قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. سەۋەپ قىلماي دۇئا قىلىش ياكى دۇئا قىلماي سەۋەپ قىلىش ئىشنى كەم قىلغانلىق بولىدۇ.
لېكىن، بىر كېسەل كىشىنى داۋالاش ئۈچۈن ئامبۇلاتۇرىيىگە ياكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ لازىملىق دورىلارنىڭ ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتتە دىنىي قىياپەت بىلەن جان ساقلاۋاتقان بىر قانچە چالا موللىنى يىغىپ دۇئا ئوقۇتۇش، خەتمە ئوقۇتۇش، رەدنامە ئوقۇتۇش… ۋە قان قىلىش قاتارلىقلار، دىنغا بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ، ئەقىلنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىق بولىدۇ. ئىلىمگە، مەنتىققە ۋە ئەمەلىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھقا ئۆزى يالۋۇرۇشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىبادەتكە نىمكار سالغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر