باش بەت > پەتىۋالار > تەتقىقاتلار > روزا > روزا ۋە ھېيت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئىمساك ۋاقتى

مۆھتەرەم زىيارەتچىلىرىمىز! رامىزان ئېيىدا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىمساك ۋاقتىنى توغرا بېكىتىۋېلىشتۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىر بىلەن بىر ھاجى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىيالوگنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. ئىنشائاللاھ بۇ دىئالوگ ئىمساك ۋاقتىنى توغرا بېكىتىۋېلىشىڭلاردا پايدىلىق بولغۇسى. بۇ يەردىكى ئاخۇن ئۇستاز بايىندىرنى كۆرسىتىدۇ.

ھاجى: ئاخۇنۇم! بۇ ھەپتە «ھەر كىشىنىڭ ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقى» نى چۈشەندۈرمەكچى ئىدىڭىز، لېكىن رامىزان كەلدى. سىزنىڭ ئىمساك ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەرقلىق دەۋايىڭىز بار. ئۇ توغرىدا پاراڭلاشساق بولامدۇ؟

ئاخۇن: بولىدۇ. ئىمساك دېگەن نېمە، بىلەمسىز؟ ئۇ ئەسنادا ئۇپۇق قانداق بولىدۇ؟

ھاجى: ئاللاھ تەئالا: «فەجىرنىڭ ئاق سىزىقى قارا سىزىقىدىن سىزلەرنىڭچە تولۇق ئايرىلغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار» (بەقەرە 2/187) دەيدۇ. ئاق سىزىق قارا سىزىقتىن ئايرىلغان چاغدا روزا تۇتقۇچى كىشىنىڭ يەپ-ئىچىشنى توختىتىشى كېرەك. بۇ چاغدا بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىمۇ كىرگەن بولىدۇ. ئىمساك بۇ ۋاقىتنىڭ ئىسمىدۇر.

ئاخۇن: قاراڭ! فەجىر يېرىش، ئېقىتىش ۋە ئېتىلىپ چىقىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردە يېرىلغان نەرسە نېمىدۇر؟

ھاجى: شەرقىي ئۇپۇقنىڭ يورۇشى ئېسىمگە كەلدى. لېكىن يېرىلىشنى چۈشىنەلمىدىم.

  ئاخۇن: كېچىنىڭ ئاخىرى بىلەن ئىمساك ۋاقتىنىڭ ئارىسىدا سەھەر ۋاقتى بار. سەھەر كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى يورۇقلۇقىنىڭ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا ئارىلىشىشى دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەم كۈندۈزنىڭ ھەم كېچىنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ[1]. ئاندىن قىزىل يورۇقلۇق ئۇپۇقنى يېرىشقا باشلايدۇ. ھازىر سىزگە ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتەي:

 

 سەھەر ۋاقتى- سۈبھى كازىب

بۇ ۋاقىتنى بايان قىلىدىغان ئايەت شۇدۇر:

«فَالِقُ الإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ذَلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ»

«ئاللاھ سۈبھىنى يېرىپ چىقارغۇچىدۇر، ئاللاھ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى قىلىپ ياراتتى،  ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى. بۇ غالىب ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر»- ئەنئام 6/96.

ئەرەبچىدە سۈبھى قىزىللىق دېگەن بولىدۇ[2]. ئايەتتىكى فالىقۇلئىسباھ «فَالِقُ الإِصْبَاحِ (سۈبھىنى يارغۇچىدۇر)» ئىپادىسى ئاللاھ تەئالانىڭ، سەھەرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئۇپۇقتا قاراڭغۇلۇققا ئارىلاشقان قىزىل ۋە ئاق يورۇقلۇقلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قىزىللىقنى بىر سىزىق شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ئاق ۋە قارا سىزىق پەيدا قىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ[3].

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «ئۇپۇقتا يۇقىرىغا قاراپ ئۇزارغان يورۇقلۇق سۈبھى ئەمەس. سۈبھى توغرىسىغا يېيىلغان قىزىللىقتۇر»[4].

ھاجى: كۆرسەتكەن رەسىمىڭىزدە ئۇپۇق ئوبدان يورۇغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ قەيىرى سۈبھى كازىب؟

ئاخۇن: مانا ئىنسانلار ئۇنى سۈبھى سادىق دەپ گۇمان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سۈبھى كازىب (يالغان تاڭ) دەپ ئاتىلىدۇ.

سىزگە يەنە بىر نەرسە دەي: ھەر كۈنى ئۈچ تۇغۇش ۋە ئۈچ پېتىش بار. تۇغقۇچىلار: سۈبھى كازىب، سۈبھى سادىق ۋە كۈندۇر. ئىمساك ئىككىنچى تۇغۇشتا باشلىنىدۇ. بۇ پۈتۈن مەزھەپلەرنىڭ بىردەك كۆزقارىشىدۇر.[5]

ھاجى: ئۇنداقتا مەن ئوقۇغان ئايەتنىڭ مەنىسى: «قىزىل يورۇقلۇق بىلەن يېرىلغان ئۇپۇقنىڭ ئاق سىزىقى قارا سىزىقىدىن سىزلەرنىڭچە ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» دېگەن بولىدىكەن-دە. خوش، ئۇنداقتا ئاق سىزىق ۋە قارا سىزىق نېمىدۇر؟

ئاخۇن: ئۇپۇقتا قىزىللىق ئاپئاشكارا پارقىراشقا باشلىغان چاغدا ئاستىدا قارا بىر سىزىق، ئۈستۈندە ئاق بىر سىزىق شەكىللىنىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇ ئاق سىزىق ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئىمساك ۋاقتى كىرىدۇ.

 

ئىمساك ۋاقتى- سۈبھى سادىق

ھاجى: مەن مۇنۇ ھەدىسنى ئەمدى چۈشەندىم: «جىبرىئىل ماڭا بامدات نامىزىنى فەجىر پارقىرىغان، روزا تۇتقۇچىغا يېيىش ۋە ئىچىش ھارام بولغان ۋاقىتتا ئىمام بولۇپ ئوقۇدى»[6].

ئاخۇن: پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسىمۇ بار: «زولۇقنى يەپ-ئىچىڭلار. يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغان يورۇقلۇق سىلەرنى ئالدىمىسۇن. توغرىسىغا يېيىلغان قىزىللىقنى كۆرگىنىڭلارغا قەدەر زولۇقنى يەپ-ئىچىڭلار»[7].




[1] قۇرتۇبىي، مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد، ئەلجامىئ لئەھكامىل قۇرئان، 17- جىلد، 144- بەت، قاھىرە، 1384/1984. والسحر: هو ما بين آخر الليل وطلوع الفجر، وهو في كلام العرب اختلاط سواد الليل ببياض أول النهار، لان في هذا الوقت يكون مخاييل الليل ومخاييل النهار.

[2] مۇئجەمۇ مەقايىىسىللۇغە ص ب ح ماددىسى.

[3] ئىبراھىم مۇستەفا، ئەھمەد ئەززەييات، ھامىد ئابدۇلقادىر، مۇھەممەد ئەننەججار، ئەلمەجمۇئۇلۋەسىت، صبح ماددىسى، دارۇددەئۋە، 1/505.

[4] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ۋاپاتى ھىجرىيە 241)، مۇسنەد 4/23 ۋە 33.

[5]  شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەسسەرەخسىي (ۋاپاتى: ھىجرىيە 483)، مەبسۇت، بېيرۇت، 1414/1993، 1- جىلد، 145- بەت. ماۋەردىي ئەبۇلھەسەن ئەلىي ئىبنى مۇھەممەد (ۋاپاتى: ھىجىرىيە 450)، تەھقىق؛ ئەلىي مۇھەممەد مۇئەۋۋەد، ئادىل ئەھمەد ئابدۇلمەۋجۇد، ئەلھاۋىل كەبىر فى فىقھىل ئىمام ئەششافىئىي، بېيرۇت 1419//1999، 2- جىلد، 24- بەت. ئەھمەد ئىبنى غەنىم ئىبنى سەلىم (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1126)، ئەلفەۋاقىھۇددەۋۋانىي ئەلا رىسالەتى ئىبنى ئەبى زەيد ئەلقەيرەۋانى (مالىكىي)، 1415/1995، 1- جىلد، 169- بەت.

[6] – تىرمىزى، ئەبۋابۇسسالات 1- بار، ھەدىس نومۇرى 149؛ مۇسنەد ئەھمەد 22/408.

[7] ئەبۇ داۋۇد، ۋاقتۇسسەھۇر، ھەدىس نومۇرى: 2348؛ سۈنەنۇتتىرمىزى، ماجائە فى بەيانىل فەجر، ھەدىس نومۇرى: 705


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ