مۇسۇلمانلار

ئېتىرازىم بار!

ئېتىراز:
تورىڭىزنى زىيارەت قىلىپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بىلىۋالدىم، سىزگە  ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەلسۇن!  بىراق، سىزنىڭ «مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرەلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابىڭىز مېنى شۈبھلەندۈرۈپ قويدى. چۈنكى مەن بىر ھەدىس كىتابتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «كىمكى مېنى چۈشىدە كۆرسە، راست كۆرگەن بولىدۇ، چۈنكى شەيتان مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرەلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇغان ئىدىم.
خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق، بەلكىم سىز بۇ ھەدىسنى كۆرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەقتە يەنە كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ ئىزدىنىپ باقسىڭىز. بۇ تورنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كۆرىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.
جاۋاب:
مەزكۇر ھەدىس ھەققىدە ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئوخشاشمىغان كۆز-قاراشلىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەدىس خەۋىرى ۋاھىد ھېسابلىنىدىغان ھەدىسلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈن بىرەر ھۆكۈم ئىپادىلىمەيدۇ.
ئۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىس دېگەنلەرمۇ ئۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىغا مەخسۇس دېگەن . چۈنكى شەيتان پەيغەمبىرىمىزنىڭ چىرايى – شەكلىنى، بوي-تۇرقىنى ۋە پۈتۈن سىيمالىرىنى ئېنىق بىلمىگەن بىر ئادەمنىڭ چۈشىگە باشقا بىر سۈرەتتە كىرىپ «مەن مۇھەممەد پەيغەمبەر» دەپ كېلىشى مۇمكىن. شەيتان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامغا ئوخشىيالمىغان بىلەن پەرقلىق سۈرەتلەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ھېچ نەرسىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. ئەبۇ جەھل، ئەبۇ لەھەب ۋە ئۆز زامانىسىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىزنى ئوڭىدا كۆرگەن. لېكىن ئۇلار پەيغەمبىرىمىزگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنى كۆرۈشلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.
ئىسلامدا پەيغەمبىرىمىزنى ئوڭىدا ياكى چۈشىدە كۆرۈش ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ يولىدىن مېڭىش ئاساس قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر