مۇسۇلمانلار

قازا نامىزىمنى ئوقۇمدىم؟

سوئال
ۋاقتى ئۆتكەن ناماز (قازا ناماز)تولۇقلاپ ئوقۇلامدۇ؟ مەن ناماز ئوقۇشقا باشلىغاندىن بىرى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر مۇنچىلىغان نامازلىرىم ئوقۇلماي قېپ قالغان ئىدى. ئۇلارنى تولۇقلاپ ئوقۇمدىمەن؟ ياكى ئوقۇماي تۆۋبە قىلامدىمەن؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىلار.
جاۋاب:
ئۇ نامازلارنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ناماز بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىنىشى پەرز بولغان بىر ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«…شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/103.
بىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش مۇمكىن بولمىغاندەك ئۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنىمۇ ئۇ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ئوقۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تەۋبە قىلىپ يېڭى ھاياتىڭىزنى باشلىغاندىن تارتىپ نامازلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ ۋە باشقا ئىبادەتلىرىڭىزنى ئورۇندىسىڭىز بۇرۇنقى نامازلىرىڭىزنى ئوقۇمىغانلىقىڭىز ئەپۇ قىلىنىدۇ. بىر كاپىر ياكى بىر مۇشرىك ئىمان ئېيتسا بۇرۇنقى كاپىرلىقى ۋە مۇشرىكلىقى يۇيۇلۇپ كەتكەندەك ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان لېكىن ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىلەرمۇ ھەقىقەتنى تونۇپ، تەۋبە قىلىپ نامازنى باشلىسا بۇرۇنقى گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر