مۇسۇلمانلار

تويلۇقنىڭ مىقدارى قانچىلىك

سوئال:
دىيارىمىزدا ئادەتتە قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە تويلۇق سېلىپ قەغەز ئەۋەتىدۇ، بۇرۇن بۇ قەغەزگە زىبۇ ـ زىننەت ۋە كىيىم ـ كېچەكلەرنى قالدۇرماي يازاتتى. ھەم ئوغۇل تەرەپمۇ شۇ قەغەزدە يېزىلغان نەرسىلەرنى قىز تەرەپكە تاپشۇرۇپ قىزنى كۆچۈرۈپ كېلەتتى. بىراق يېقىنقى يىللارنىڭ مابەينىدە يۇقىرىدىكى سېلىقلارنىڭ كەينىگە نەق پۇلمۇ قېتىلدى. يەنى ئۈچ مىڭ يۈەندىن ئون مىڭ يۈەنگە قەدەر. قىز تەرەپ ئۇ قەغەزگە يازغان بارلىق نەرسىلەر مەھرى ھېسابلىنامدۇ؟ مۇشۇ خىل نەق پۇل سېلىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ قىز تەرەپ بۇ ئالغان پۇلغا ئاساسەن توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ … دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ قىزىغا يوللۇق تۇتىدىكەن  .
جاۋاب:
ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى: نىكاھدا ئەر تەرەپ ئايال تەرەپكە مەھىر (تويلۇق) بېرىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئەرلەرگە قىلغان بىر ئەمرىدۇر. ئەگەر ئايال تويلۇقنىڭ مىقدارى بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر مىقدارىنى ياكى ھەممىسىنى ئالمايمەن، دەپ ئېرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتسە، بۇ تەقدىردە ئەر ئايالىنىڭ بەرگىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَآتُواْالنَّسَاء صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً فَإِن طِبْنَ لَكُمْ عَن شَيْءٍ مِّنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَّرِيئًا»
«ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى يەڭلار. مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق  بولسۇن»- نىسا 4/4.
بۇ ئايەتتە «تويلۇقلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سەدۇقات («صَدُقَاتِ») دۇر. سەدۇقات سەدۇقەنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، مەنىسى ئەرنىڭ  خوتۇنىغا بەرگەن، شۇنداقلا ئايالنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكى بولۇپ كەتكەن ماددىي بۇيۇم، دېمەكتۇر. نىھلە («نِحْلَةً») كەلىمىسى بولسا، بۇ ماددىي بۇيۇمنىڭ بىر سوغات ماھىيىتىدە بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرگە ئايالىغا بەرگەن تويلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىۋېلىشىنىڭ ئەسلا ھالال بولمايدلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ تەكىتلەيدۇ:
«وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا…»
«ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال-مۈلكۈڭلاردىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىر نەرسە قايتۇرۇېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ»- بەقەرە 2/229.
تويلۇقنىڭ مىقدارىنى كىمنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، دىنىمىز تويلۇقنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىككى تەرەپكە بەرگەن. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 237- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قىزنىڭ تويلۇقى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازىلىشىپ كېلىشكەن نەرسىلەر بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن نېمىگە قانداق كېلىشكەن بولسا، شۇ نەرسە ئۇ قىزنىڭ تويلۇقى بولىدۇ.
قەغەزگە يېزىلغان زىبۇ-زىننەت ۋە كىيىم-كېچەكتىن باشقا نەخ پۇلمۇ شۇ قىزنىڭ تويلۇقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ پۇلمۇ ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىش ئۈچۈن كېلىشكەن مال-مۈلۈك قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. قىز تەرەپ بۇ پۇلغا ئۆي جاھازلىرى ئېلىپ قىزىغا يوللۇق تۇتقان بولسا، بۇ جاھازلار يەنىلا شۇ قىزنىڭ خۇسۇسىي مېلى ھېسابلىنىدۇ.  
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا»
«ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار، ۋە ئۇلارنىڭ بىرىگە كۆپ مال بەرگەن بولساڭلار ئۇنىڭدىن ھېچنېمە قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى بوھتان چاپلاپ ۋە ئوچۇق گۇناھ قىلىپ ئېلىۋالامسىلەر؟»- نىسا 4/20.
بۇ ئايەتتە «كۆپ مال» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە قىنتار «قِنْطَارًا» كەلىمىسىدۇر. قىنتارنىڭ مەنىسى 45 كىلوگىرام ئالتۇن دېگەن بولىدۇ. شۇڭا تەپسىر كىتابلىرىدا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرلىرىدە مۇنداق مەزمۇندا بىر رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ:
ھەزرىتى ئۆمەر بىر كۈنى مىنبەردە خۇتبە ئوقۇۋېتىپ «ئاياللارنىڭ تويلۇقى بەك يۈكسىلىپ كەتتى. مەن بۇ توغرىدا بىر بەلگىلىمە قويماقچى بولۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى، بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى كۇپايە قىلىدۇ، سېنىڭ بەلگىلىمەڭگە ئېھتىياجىمىز يوق، بىزگە ئاللاھ بەرسە سەن ئېلىۋالامتىڭ؟» دېدى ۋە يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر «ئۆمەر خاتالاشتى، بۇ ئايال توغرا سۆزلىدى» دېدى.
شۇڭا بىر قىز/ئايالنىڭ تويلۇقى شۇ قىز/ئايال ياشاۋاتقان جاينىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە قاراپ، شۇ جاينىڭ ئىنسانلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە بەلگىلىنىدۇ. بۇنى ئىككى تەرەپ بەلگىلەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئاساسەن، تويلۇقنىڭ مىقدارى 45 كىلوگىرام ئالتۇنغا چىقسىمۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ . چۈنكى ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىكى «ئۇلارنىڭ بىرىگە بىر قىنتار (كۆپ مال) بەرگەن بولساڭلار» دېگەن قىسمىدىكى «قىنتار» بىر مىسال بولۇپ تويلۇقنىڭ يۇقىرى تەرىپىنىڭ قانچىلىك بولسا بولىۋېرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. «ئۇلارنىڭ بىرىگە…بەرگەن بولساڭلار» دېگەن قىسمى بولسا، تويلۇقنى بەلگىلەش ئىشىنى تويلۇقنى بېرىدىغان ئەرنىڭ ۋە تويلۇقنى ئالىدىغان ئايالنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەر كىشىنىڭ ماددىي ئەھۋالى ياخشى بولمىسا، ئايالنىڭ رازى بولۇشى شەرتى بىلەن تويلۇق تۆمۈر ئۈزۈككە چاغلىق ئاددىي بىر نەرسە بولسىمۇ ياكى بىرەر ئىلىم (ھۈنەر) ئۆگىتىپ قويۇشتەك مەنىۋى بىر نەرسە بولسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماقچى بولغان بىر ساھابىسىگە «ئۇنىڭغا بىر تۆمۈر ئۈزۈك بولسىمۇ تويلۇق بەرگىن» دېگەنلىكى، ئۇ ساھابە ئۇنىمۇ تاپالمىغاندا «قۇرئاندىن بىلىدىغان سۈرىلىرىنى ئايالغا ئۆگىتىپ قويۇش بەدىلىگە ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلانسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى» مەزمۇنىدا رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «تويلۇقى ئاز بولغان ئايال ئەڭ بەرىكەتلىك ئايالدۇر» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ- ھاكىم، مۇستەدرەك؛ بەيھەقى ئەسسۇنەنۇلكۇبرا.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزى ئاياللارنى بۇ توغرىدا ئاسانلاشتۇرۇشقا تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تەگمەكچى بولغان ئەرلىرىدىن ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان دەرىجىدە كۆپ تويلۇق تەلەپ قىلىشى ياخشى بولمايدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر