باش بەت > ئاخىرەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
سىرات كۆۋرۈكى قانداق كۆۋرۈك؟ ئۇ راستتىنلا قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىكمۇ؟
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە، قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، مەھشەرگاھقا جەم قىلىنىپ ئاللاھ تەئالاغا ھېساب بەرگەندىن كېيىن ئىلاھىي ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ دوزاخ يولىغا باشلىنىدىغانلىقى، ئۇ يولدا ئۇلارنىڭ ئېلىپ مېڭىلىش ئەھۋالى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ دوزاخقا قانداق شەكىلدە تاشلىندىغانلىقى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَظَلَمُوا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا. إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا وَكَانَ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا»
«شۈبھىسىزكى، كاپىر ۋە زالىم بولغانلارنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ. ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغا باشلايدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر»- نىسا 4/168-169.
«يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَنِ وَفْدًا. وَنَسُوقُ الْمُجْرِمِينَ إِلَى جَهَنَّمَ وِرْدًا»
«كۈن كېلىدۇ، بىز تەقۋادارلارنى  رەھماننىڭ دەرگاھىغا ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە يىغىمىز. گۇناھكارلارنى جەھەننەمگە چاڭقىغان پادا سۈپىتىدە ھەيدەيمىز»- مەريەم 19/85-86.
«وَإِذَا رَأَوْا آيَةً يَسْتَسْخِرُونَ (14) وَقَالُوا إِنْ هَذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ (15) أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ (16) أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ (17) قُلْ نَعَمْ وَأَنْتُمْ دَاخِرُونَ (18) فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنْظُرُونَ (19) وَقَالُوا يَا وَيْلَنَا هَذَا يَوْمُ الدِّينِ (20) هَذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ (21) احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ (22) مِنْ دُونِ اللَّهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَى صِرَاطِ الْجَحِيمِ (23) وَقِفُوهُمْ إِنَّهُمْ مَسْئُولُونَ (24) مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ (25) بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ (26) وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ (27) قَالُوا إِنَّكُمْ كُنْتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ (28) قَالُوا بَلْ لَمْ تَكُونُوا مُؤْمِنِينَ (29) وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ بَلْ كُنْتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ (30) فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا إِنَّا لَذَائِقُونَ (31) فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ (32)»
«ئۇلار بىرەر مۆجىزە كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ ئوپئوچۇق سېھىردىنلا ئىبارەتتۇر. بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟›.
ئېيتقىنكى: ‹شۇنداق! خورلانغان ھالدا تىرىلدۈرۈلىسىلەر›. ئۇ ئىش قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا كۆزلىرىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارايدۇ. ئۇلار: ‹ۋاي بىزگە! بۇ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىدۇر› دەيدۇ. ئۇلارغا: ‹بۇ ياخشى-ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن كۈندۇر› دېيىلىدۇ.
ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق دەپ ئەمر قىلىدۇ: ‹زالىملارنى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى توپلاڭلار. ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار. ئۇلارنى توختىتىڭلار، ئۇلاردىن سوئال سورىلىدۇ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايۋاتىسىلەرغۇ!.
بەلكى ئۇلار ئۇ كۈنى تەسلىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر-بىرىدىن سورىشىدۇ. ئەگەشكۈچىلەر يېتەكچىلىرىگە: ‹سىلەر بىزگە ئوڭدىن كېلەتتىڭلار› دەيدۇ. يېتەكچىلەر ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹ياق، ئۆزۈڭلار مۇئمىن بولمىدىڭلار. بىز سىلەرگە بېسىم ئىشلەتمىدۇق. بەلكى ئۆزۈڭلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم ئىدىڭلار. رەببىمىزنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ئەلۋەتتە تېتىيمىز. سىلەرنى ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ئازغۇن ئىدۇق›» – ساففات 37/14-32.
«وَسِيقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَى جَهَنَّمَ زُمَرًا حَتَّى إِذَا جَاءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِ رَبِّكُمْ وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَذَا قَالُوا بَلَى وَلَكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ الْعَذَابِ عَلَى الْكَافِرِينَ»
«كاپىرلار گۇرۇھ-گۇرۇھ ھالەتتە جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: ‹سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن، رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە تىلاۋەت قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟› دەيدۇ. كاپىرلار: ‹شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى! لېكىن ئازاب سۆزى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى› دەيدۇ»- زۇمەر 39/71.
«وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ذَلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ (20) وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ (21) لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ (22) وَقَالَ قَرِينُهُ هَذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ (23) أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ (24) مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ (25) الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ (26) قَالَ قَرِينُهُ رَبَّنَا مَا أَطْغَيْتُهُ وَلَكِنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ (27) قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا لَدَيَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُمْ بِالْوَعِيدِ (28) مَا يُبَدَّلُ الْقَوْلُ لَدَيَّ وَمَا أَنَا بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ (29) يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِنْ مَزِيدٍ (30)»
«سۈر چېلىنىدۇ. ئەنە شۇ كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر. ئۇ كۈنى ھەر ئىنسان يېنىدا بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھچى بولغان ھالدا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا: ‹سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر› دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەمراھى: ‹مانا بۇ مېنىڭ يېنىمدىكى، تەييار› دەيدۇ.
ئىككى پەرىشتىگە مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى ھەر كاپىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار! ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شەك كەلتۈرگۈچىنى، يەنى ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى شېرىك قىلغۇچى كىشىنى. ئۇنى قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلاڭلار›.
ئۇنىڭ ھەمراھى[1]: ‹رەببىمىز! بۇنى مەن ئازدۇرمىدىم. لېكىن بۇ چوڭقۇر بىر ئازغۇنلۇقتا ئىدى› دەيدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ دەرگاھىمدا تارتىشماڭلار. سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم. مېنىڭ دەرگاھىمدا سۆز ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەن بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايمەن›.
ئۇ كۈنى جەھەننەمگە: ‹تولدۇڭمۇ؟› دەيمىز، ئۇ: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ»- قاف 50/20-30.
«فَوَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ (11) الَّذِينَ هُمْ فِي خَوْضٍ يَلْعَبُونَ (12) يَوْمَ يُدَعُّونَ إِلَى نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا (13) هَذِهِ النَّارُ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ (14) أَفَسِحْرٌ هَذَا أَمْ أَنْتُمْ لَا تُبْصِرُونَ (15) اصْلَوْهَا فَاصْبِرُوا أَوْ لَا تَصْبِرُوا سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (16)»
«ئەنە شۇ كۈنى راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئوينىغان كىشىلەردۇر. ئۇ كۈنى ئۇلار جەھەننەم ئوتىغا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن ئوتتۇر. بۇ سېھىرمىكەن ياكى سىلەر كۆرمەپتىكەنسىلەرمۇ؟ ئۇنىڭغا كىرىڭلار. مەيلى سەۋر قىلىڭلار مەيلى سەۋر قىلماڭلار سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ›»- تۇر 52/11-16.
«وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ (25) وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ (26) يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ (27) مَا أَغْنَى عَنِّي مَالِيَهْ (28) هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ (29) خُذُوهُ فَغُلُّوهُ (30) ثُمَّ الْجَحِيمَ صَلُّوهُ (31) ثُمَّ فِي سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَاسْلُكُوهُ (32)»
«ئەمەل دەپتىرى سول قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاھ! كاشكى، ماڭا ئەمەل دەپتىرىم بېرىلمىگەن بولسا ئىدى! ھېسابىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم ئىدىم! ئاھ! كاشكى، ئۆلۈم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولسا ئىدى! مال-مۈلكۈم ماڭا ئەسقاتمىدى. سەلتەنىتىم قولۇمدىن كەتتى›.
ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭ ھەققىدە مەسئۇل پەرىشتىلەرگە مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ: ‹ئۇنى تۇتۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ ئوتقا قاقلاڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇنى يەتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتىكى بىر زەنجىرگە كىرگۈزۈڭلار»- ھاققە 69/25-32.
دوزاخ ئەھلىنىڭ ھېساب-كىتابتىن كېيىن مەھشەر مەيدانىدىن دوزاخقا ھەيدىلىپ مېڭىش جەريانى ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. لېكىن ھەدىسلەردە سىرات كۆۋرۈكى دەپ بىر كۆۋرۈك زىكىر قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ يەردە ئۇ ھەدىسلەردىن بىرىنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. ئۇ بىر ھەدىس مۇنداق:
ھۇزەيفە ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يىغىپ، مەھشەرگاھقا توپلايدۇ. مۇسۇلمانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ. جەننەت ئۇلارغا يېقىن قىلىنىدۇ. ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹ئى ئاتىمىز، بىزگە جەننەتنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساڭ›، دەيدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام: ‹سىلەر جەننەتتىن ئاتاڭلارنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى چىقىرىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر مېنىڭ ئوغلۇم، ئاللاھ تائالانىڭ دوستى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ.
ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بارىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. مەن ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان دوستلۇق جەھەتتە يەنىلا پەردە ئارقىسىدىمەن. سىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ.
ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ روھى بولغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ.
ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئىيسا ئەلەيھىسسالام: ‹مەنمۇ بۇنىڭ ئەھلى ئەمەسمەن›، دەيدۇ.
ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلىدۇ ۋە ئامانەت ھەم رەھمەت ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى پۇلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئاندىن سىلەرنىڭ ئاۋۋالقى جامائەتلىرىڭلار چاقماقتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېدى. مەن: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇنكى، چاقماقتەك ئۆتۈش قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
سىلەر چاقماقنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرمىگەنمۇ؟ ئاندىن شامالغا ئوخشاش ئۆتىدۇ، ئاندىن ئۇچار قۇشلارغا ئوخشاش ئۆتىدۇ ۋە كۈچلۈك ئادەملەر يۈگۈرگەندەك ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۇلسىراتتىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆتكۈزىدۇ ۋە سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار پۇلسىراتتا تۇرۇپ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! ئۈممەتلىرىمنى سالامەت قىلغىن›، دەيدۇ. ھەتتا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۇلارنى پۇلسىراتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەتتا مېڭىشقا قادىر بولالماي ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئۆتىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە بۇيرۇلغان كىشىلەرنى تۇتۇشقا ئېسىقلىق ئامبۇرلار بولۇپ، يارىلانغان بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر. بەزىلەر جەھەننەمگە سۆرىلىپ، ئۈستى-ئۈستىگە تاشلىنىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە: ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن جەھەننەمنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 يىللىق مۇساپىدۇر، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاخقا چاڭقىغان پادىدەك بىر شەكىلدە ھەيدىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ دوزاخقا بارغۇچە يولدا كېتىۋېتىپ ئۆز-ئارا تالاش-تارتىش قىلىدىغانلىقى، پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلاردىن سوئال سورايدىغانلىقى، ئۇلار دوزاخنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھەربىر دوزاخ ئەھلىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ دوزاخقا تاشلايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ھەدىس دېيىلىۋاتقان بۇ سۆزدە بولسا دوزاخ ئەھلىنىڭ دوۋزاخقا سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش جەريانىدا ئامبۇرلار بىلەن سۆرىلىپ تاشلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ بىرقانچە ئايىتىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى، ئۆزىگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسلىكى، ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«قُل لاَّ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلاَّ مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلاَ تَتَفَكَّرُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن سىلەرگە: ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدىدۇر، دېمەيمەن. مەن غەيبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: مەن چوقۇم بىر پەرىشتە، دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن›. ئېيتقىنكى: ‹كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟›»- ئەنئام 6/50.
«قُل لاَّ أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعاً وَلاَ ضَرّاً إِلاَّ مَا شَاء اللّهُ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لاَسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَاْ إِلاَّ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن ئۆزۈمگە، ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا ھېچقانداق پايدا ۋە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيمەن. ئەگەر غەيبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم. ھەمدە بېشىمغا ھېچبىر يامانلىق كەلمەستى. مەن، ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىر خۇش خەۋەرچىمەن›»- ئەئراف 7/188.
«وَلاَ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلاَ أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلاَ أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلاَ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَن يُؤْتِيَهُمُ اللّهُ خَيْراً اللّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنفُسِهِمْ إِنِّي إِذاً لَّمِنَ الظَّالِمِينَ»
«سىلەرگە: ‹مېنىڭ يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، مەن غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن بىر پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ دېمەيمەن،- ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ- چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن›»- ھۇد 11/31.
«فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنتُكُمْ عَلَى سَوَاء وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: ‹مەن ھەقىقەتنى ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ، يىراقمۇ، ئۇنى مەن بىلەيمەن›»- ئەنبىيا 21/109.
«قُلْ مَا كُنتُ بِدْعاً مِّنْ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەن ئويدۇرما پەيغەمبەر ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن›»- ئەھقاف 46/9.
قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى (بۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئەنە شۇ باشتا ئۆتكەن ئايەتلەردۇر) پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىگە، غەيبنى بىلمەيدىغانلىقىغا، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىغا كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ.
شۇڭا قىيامەتتە بولىدىغان، شۇنداقلا تامامەن غەيب ھېسابلىنىدىغان ۋە قۇرئان كەرىمدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان بىر مەسىلە توغرۇلۇق مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن پەرقلىق مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھەدىس» لەرگە دىققەت بىلەن يېقىنلىشىش، بېشىدىكى «قالە رەسۇلۇللاھ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى)» دېگەن سۆزگە ئالدانماسلىق لازىم.
مۇسۇلمان (ئاللاھقا تەسلىم بولغان) كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر باسقۇچىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى ھەدىسلەر بەلگىلىگەندەك، ئۇنىڭ ئاخىرەت تەسەۋۋۇرىنىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى ھەدىسلەر بەلگىلىشى كېرەك. ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ھەر دائىم ئاساس قىلىش لازىم.

[1]– دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان شەيتان.

 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ