مۇسۇلمانلار

يۆگەشنىڭ دەلىلى باركەنغۇ!

سوئال:
ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىشىنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا بىر كىتاب بار ئىكەن. ئىسمى «ئەدىللەتۇل ھىجاب» ئىكەن. ئۇ كىتابتا ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىشى توغرۇلۇق 100 دىن ئارتۇق دەلىل باركەن. جۈملىدىن ئىبنى كەسىر، قۇرتۇبى، رازى قاتارلىقلارنىڭ تەپسىرلىرىدە يۈزنى يۆگەشنى ۋاجىپ دېگەن ئىكەن. سىز ئۇنداق ئەمەس، دەپسىز. بۇ زادى قانداق مەسىلە؟
جاۋاب:
ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى يەنى ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قوللىرىنى يۆگىشىنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەمرى ئەمەسلىكى تۆۋەندىكى ئادرېستا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر دەلىل قىلىنغان ھالدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ: http://www.musulmanlar.com/?p=1505
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە قايتا توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يۇقىرىدىكى ئادرېسقا كىرىپ تېمىنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز مېنىڭ نېمىشقا «ئۇنداق ئەمەس» دېگەنلىكىمنى چۈشىنىسىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسىسالامنىڭ ھەدىسلىرى شۇنداق ئېنىق.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سىز كۆرگەن ئۇ كىتابتىكى «دەلىل» ھېلىغۇ 100 ئىكەن، 100000 بولۇپ كەتسىمۇ ھېچبىر قىممىتى يوق. چۈنكى بۇ دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ۋە ئۆزى باشتا تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەتبىقلىغان دىندۇر. شۇڭا بۇ دىندا «ئۇنىڭچە، بۇنىڭچە، ئىبنى كەسىرنىڭچە، قۇرتۇبىينىڭچە،……» دېگەندەك ھېكايىلەر دەلىل ھېسابلانمايدۇ، ئۇلار بىلەن ھۆكۈممۇ بەلگىلەنمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرتۇبىيغا ياكى ئىبنى كەسىرگە ۋە ياكى باشقا بىرىگە بۇ دىندا ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىنى ۋە ھوقۇقىنى بەرمىگەن. ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار، خالاس!!!
قۇرئاندا «ئى ئاياللار! يۈزۈڭلارنى يۆگەڭلار» دېگەن مەزمۇندا بىرەر ئايەت يوق، ھەتتا بىرەر ئىشارەتمۇ يوق. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلەر بار. ياكى ھەدىسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىشىنىڭ پەرزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىرمۇ ھەدىس يوق!!! ئەكسىچە ئاياللارنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرۇلۇق ھەدىسلەر بار. ئۇلارنىڭ بىر مۇنداق:
أخرجه أبو داود (في المراسيل 413:  حَدَّثَنَامُحَمَّدُ بْنُ بَشَّارٍحَدَّثَنَاابْنُ دَاوُدَحَدَّثَنَاهِشَامٌعَنْقَتَادَةَأَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُعَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: إِنَّ الْجَارِيَةَ إِذَا حَاضَتْ لَمْ يَصْلُحْأَنْ يُرَى مِنْهَا إِلَّا وَجْهُهَا وَيَدَاهَا إِلَى الْمَفْصِلِ". وهذا مرسلصحيح.
تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، قىز بالا بالاغەتكە يەتسە ئۇنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا يەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى توغرا بولمايدۇ».
بۇ گەپنىڭ مەنىسى: «بالاغەتكە يەتكەن قىزنىڭ يەنى ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى كۆرۈنسە توغرا بولىدۇ» دېگەن بولىدۇ.
شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز لازىمكى:
مۇسۇلمانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتۇر. دۇبەينىڭ ئابايىسىنى كىيىش ياكى پاكىستاننىڭ دۇپەرتاسىنى ئارتىش ۋە ياكى تۈركىيەنىڭ پەلتوسىنى كىيىش دىندارلىق ئەمەس، دورامچۇقلۇقتۇر. ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە كىيىنىپ ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەش بىلەن «ئەۋرەتنى يېپىش» پەرزىنى ئادا قىلالايدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بەزى ئايال «مۇجاھىدچاق» لارنىڭ ئايال مۇسۇلمانلار يىغىلغان سورۇنلاردا «جىلباب كىيىش پەرز، جىلباب كىيىش لازىم، جىلبابنىڭ رەڭگى، كەڭ-تارلىقى، ئۇزۇن-قىسقىلىقى مۇنداق بولىدۇ، مۇسۇلمان بولساڭ جىلبابىڭ قېنى؟….» دېگەندەك گەپ-سۆزلەر بىلەن «قەھرىمانلىق» قىلىپ كېتىشلىرى دىننى بىلمىگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى جىلباب دېگەن سۆز ئەرەبچىدە ئەخمەت، زەينەب دېگەندەك خۇسۇسىي ئىسىم بولماستىن، ئەر كىشى، ئايال كىشى دېگەندەك ئومۇمىي ئىسىمدۇر.
بىر ئەرەب ئايالنى قانداق مەرئە «مرأة»، بىر ئەرەب ئەرنى قانداق رەجۇل «رجل» دېگىلى بولسا، بىر ئۇيغۇر ئايالنىمۇ شۇنداق مەرئە، بىر ئۇيغۇر ئەرنىمۇ شۇنداق رەجۇل دېگىلى بولىدۇ.خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەرەب ئاياللىرىنىڭ ئابايىلىرىنى قانداق «جىلباب» دېگىلى بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنىمۇ شۇنداق جىلباب دېگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە (جىلباب) ھېچ مىللەت، ئىرق، زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىمىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىگە بۇنىڭدىن باشقا بىر مەنا يۈكلەش دىننى بىلمىگەنلىك بىلەن بىرلىكتە ئەرەبچىنىمۇ بىلىمىگەنلىك بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر