مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 19

تۆتىنچى بۆلۈم
سەئىد نۇرسىي ۋە قۇرئان
 سەئىد نۇرسىينىڭ بەزىدە قۇرئانغا نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيىدە بولغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. لېكىن ئۇ قۇرئانغا كۆپرەك ئۆزىنى، كىتابلىرىنى ۋە شاگىرتلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىدۇ. ئايەتلەردىن بۇ خىل مەنىلەرنى چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ناھايىتى خاتا يوللارغا كىرىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە قۇرئاننىڭ 33 ئايىتىدە ئۆزىگە ۋە رىسالەئى نۇرلارغا ئىشارەت قىلىنماقتا[1]. ئۇ بۇ دەۋاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەبجەد ۋە جەفرىنى[2] ئىشلەتكەن. بۇ كۆپىنچە سېھرىگەرلەر ۋە رەمچىلەر ئىلتىجا قىلىدىغان بىر يولدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ مەزكۇر كۆز قاراشلارنى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس.
 ئا- ئەبجەد ۋە جەفر
ئەبجەد ۋە جەفر، 28 ھەرپلىك ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى ۋە ھېچقانداق مەنە ئىپادىلىمەيدىغان تۆۋەندىكىدەك 8 سۆز بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان:
«ئەبجەد، ھەۋۋەز، ھۇتتىي، كەلەمەن، سەئۇفەس، قەرەشەت، سەخخەز، زەزەغ»
«أبجد هوز حطي كلمن سعفص قرشت ثخذ ضظغ».
بۇ ھەرىپلەرگە 1 دىن 1000 گىچىلىك سان قىممىتى بېرىلىپ بىر خىل ھېسابلاش شەكلى ئىجاد قىلىنغان. يۇقارقى سەككىز سۆز بىرىكمىسىنىڭ بىرىنچىسى «ئەبجەد» دەپ ئوقۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى «ئەبجەد» ھېسابى دەپ ئاتالغان. بۇ ھەرپلەر ۋە ئۇلارنىڭ سان قىممىتى تۆۋەندىكىچە:
ا
ب
ج
د
ھـ
و
ز
1
2
3
4
5
6
7
ح
ط
ي
ك
ل
م
ن
8
9
10
20
30
40
50
س
ع
ف
ص
ق
ر
ش
60
70
80
90
100
200
300
ت
ث
خ
ذ
ض
ظ
غ
400
500
600
700
800
900
1000
 
ئەبجەد ھېسابى كۆپىنچە بىر جۈملىنىڭ ياكى بېيىتنىڭ ئىچىگە مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ تارىخلىرىنى مەنىلىك كەلىمىلەر بىلەن يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تارىخ قالدۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھېسابنى غەيب ئىلمىگە ۋە سىرلىق مەنىلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارمۇ بولغان. بۇلار جەفر ياكى جىفر دېگەن مېتودنى ئىشلىتىدۇ. كۆپىنچە شىئە ۋە رەمماللار ئىشلىتىدىغان جىفردە ھەرپلەر بىلەن سانلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇلۇپ ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ئىشارەتلەرگە ئېرىشىش مەقسەت قىلىنىدۇ[3]. بۇ باتىل بىر يولدۇر. چۈنكى ئەبجەد ھېسابىنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ھېچقانداق ئاساسى بولمىغاندەك سىرلىق مەنىلەرگە يەنى غەيب ئىلىمىگە ئېرىشىشنىڭمۇ بىر يولى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ»
 «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹غەيبنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەردىن ھېچكىم بىلمەيدۇ، غەيبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ›. ئۇلار قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى تۇيمايدۇ»- نەمل 27/65.
بۇ ئايەتتىكى «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەردىن ھېچكىم» ئىپادىسى پەرەشتىلەرنىڭ، جىنلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
جىفر يولى بىلەن غەيبنى بىلىشكە ئۇرۇنغانلاردىن بىرى سەئىد نۇرسىيدۇر. تۆۋەندە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ئۇ ئۆزى يەتمەكچى بولغان سانلارغا يېتىشتە قىينالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ جۈملە شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە، تىل قائىدىلىرىنىڭ ياكى ئەبجەد قائىدىلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان. بۇمۇ يەتمىگەندىن كېيىن ئۆزى خالىغان سانلار بىلەن ئوتتۇرىدىكى پەرقنى «سىرلىق پەرق» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
 ب- رىسالەئى نۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشارەتلەر
سەئىد نۇرسىي ئۆزىگە، رىسالىلىرىغا ۋە تالىپلىرىغا بىشارەت بار دەپ قارىغان 33 ئايەتنىڭ ئارىسىدىن نۇر سۈرىسىنىڭ 35- ئايىتى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ توختىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەۋالىرىنى كۆرۈپ ئۆتسەك باشقىلىرىغا ئېھتىياج قالمايدۇ. ئايەت مۇنداق:
«اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ عَلَى نُورٍ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ »
«ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ نۇرى، ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىراغ بىر شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شىشە خۇددى بىر گۆھەر يۇلتۇزدۇر. ئۇ چىراغ شەرققىمۇ، غەربكىمۇ مەنسۇپ بولمىغان مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلىدۇ. ئۇ شۇنداق مۇبارەك دەرەخكى، يېغى ئوت تەگىمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. ئۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نۇر 24/35.
ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزىمىز قىلدۇق. ئىنشائاللاھ مەسىلىنىڭ چۈشىنىلىشىگە ياردەمچى بولغۇسى.
سەئىد نۇرسىي بۇ ئايەتنىڭ رىسالەئى نۇرلارنىڭ ئىسمىغا، يېزىلىش تارىخىغا ۋە ئىچىدىكى ئىلىمنىڭ قىممىتىگە قىلىنغان ئىشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ.
ئۇ كىتابلىرىنى رىسالەئى نۇر، رەسائىلىننۇر، رىسالەتۇننۇر ۋە رىسالەئىننۇر دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر ئايەت تۆت-بەش جۈملىسى بىلەن ئون جەھەتتىن بۇ كىتابلارنىڭ ئىسمىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
بىرىنچى جۈملە:
سەئىد نۇرسىينىڭ ئېيتىشىچە ئايەتنىڭ رىسالەئى نۇرغا قارايدىغان بىرىنچى جۈملىسى شۇدۇر: «مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ» «ئاللاھنىڭ نۇرى، ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ».
«يەنى نۇرى ئىلاھىينىڭ ياكى نۇرى قۇرئانىينىڭ ۋە ياكى نۇرى مۇھەممەدىينىڭ مىسالى «مِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ» ئىچىدە چىراق بار بىر تەكچىدۇر. بۇنىڭ ماقامى جىفرىسى يەنى جىفرىگە ئاساسەن رەقەم قىممىتى 998 بولىدۇ. تەشدىدلىك نۇننى ئىككى نۇن ھېسابلىساق، رىسالەتۇننۇرنىڭ رەقەم قىممىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئايەت بۇ ئىسىمغا تولۇق ئىشارەت قىلىدۇ».
ئۇ بۇ سۆزى بىلەن ئۇ «مِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ» «ئىچىدە چىراق بار بىر تەكچى» نىڭ رىسالەتۇننۇر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى جۈملىسىنى بۇ ئىپادە بىلەن بىرلەشتۈرگەن ۋاقتىمىزدا مۇنداق بىر مەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: «نۇرى ئىلاھىينىڭ ياكى نۇرى قۇرئانىينىڭ ۋە ياكى نۇرى مۇھەممەدىينىڭ مىسالى رىسالەتۇننۇردۇر»[4]. ئۇ بۇنى ئاشكارا سۆزلىمەيدۇ، لېكىن بۇنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى تۆۋەندە باشقا جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
سەئىد نۇرسىي رەقەملەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئايەتتىن ئالغان جۈملىلەرنىڭ تەركىۋىنى بۇزغان. ئاندىن كەمىشكاتىن «كَمِشْكَاةٍ» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ك» ھەرپىنى چىقىرىپ تاشلىغان. بۇمۇ يەتمىگەندىن كېيىن رىسالەتۇننۇر «رسالة النور» دېگەن كەلىمدىكى ئەل «ال» ھەرپى تەئرىفىنى نۇن «ن» ھېسابلىغان. رىسالەتۇننۇر ئەرەبچە يېزىلسا مۇنداق يېزىلىدۇ: «رسالة النور».  ئۇ دېگەن ئىككى نۇننىڭ ئىككىنچىسى ئەل «ال» ھەرپىنىڭ ئىدغامى شەمسىيە بولۇشى سەۋەبى بىلەن نۇنغا ئۆزگىرىشىدىن مەيدانغا كەلگەن تاۋۇشتۇر. ئۇ مۇشۇنداق قىلمىسا خالىغان رەقىمىگە ئېرىشەلمەيتتى.
ئىككىنچى جۈملە
سەئىد نۇرسىينىڭ قارىشىچە ئايەتنىڭ رىسالەئى نۇرغا قارايدىغان ئىككىنچى جۈملىسى شۇدۇر:
«الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ»
«ئۇ شىشە خۇددى بىر گۆھەر يۇلتۇزدۇر. يورۇتۇلىدۇ…»
بۇ جۈملىنىڭ رەقەم قىممىتى 546 دۇر. رىسالەئى نۇرنىڭ رەقەم قىممىتى بولسا 548 دۇر. ئىككىسىنىڭ سىرلىق ئىككى پەرق بىلەن بىر-بىرىگە ماس كېلىشى بۇ ئىسىمغا تولۇق ئىشارەت قىلىدۇ.
سەئىد نۇرسىي ئايەتتىن ئالدى بىلەن بىر ئىسىم جۈملىنى ئالغان، ئۆزى خالىغان رەقەمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ داۋامىدىكى پېئىل جۈملىنىڭ بىرىنچى كەلىمىسىنى ئالغان ۋە بۇ شەكىلدە جۈملىنىڭ تەركىۋىنى بۇزۇۋەتكەن. ئۇ بۇنىڭ بىلەنمۇ يەنىلا خالىغان رەقەملىرىگە ئېرىشەلمەي كىتابىنىڭ ئىسمىنى رىسالەئىننۇر دەپ ئۆزگەرتكەن. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئوتتۇرىدا قېلىپ قالغان ئىككى رەقەمنى «سىرلىق ئىككى پەرق» دەپ مەسىلىنى سىر پەردىسى بىلەن يۆگىگەن.
ئۈچىنچى جۈملە
سەئىد نۇرسىينىڭ كۆز قارىشىدا ئايەتنىڭ رىسالەئى نۇرغا قارايدىغان ئۈچىنچى جۈملىسى شۇدۇر:
«مِنْ شَجَرَةٍ» «دەرەختىن». ئەگەر «مِنْ شَجَرَةٍ» دىكى «ةٍ» ھەرپى توختاپ ئوقۇغاندىكىگە ئوخشاش «ھ» ھېسابلانسا ئەبجەد ھېسابىدا بۇنىڭ رەقەم قىممىتى 598 بولۇپ، رەسائىلىننۇر ۋە رىسالەئىننۇرنىڭ رەقەم قىممىتى بولغان 598 گە ماس كېلىش بىلەن بىللە «من فرقان حكيم» «ھېكمەتلىك فۇرقاندىن» نىڭ رەقەم قىممىتىگە سىرلىق بىر رەقەم بىلەن ئۇدۇللاشقان ھالدا ھەم رەسائىلىننۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە رىسالەئىننۇرنىڭ «ھىكمەتلىك فۇرقاننىڭ بەرەكەتلىك دەرىخى» بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر «مِنْ شَجَرَةٍ» دىكى «ةٍ» ھەرپى «ةٍ» ھالىتىدە قالسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ جىفر قىممىتى 993 بولىدۇ. ماسلىققا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ناھايىتى ئاز ۋە سىرلىق بەش پەرق بىلەن رىسالەتۇننۇرنىڭ رەقەم قىممىتى بولغان 998 گە ئۇدۇللىشىدۇ. مەنىسىمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەت بۇ ئىسىمغا ئىشارەت قىلىدۇ.
ئېنىق نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇكى، سەئىد نۇرسىينىڭ كىتابلىرىنى رىسالەئى نۇر، رەسائىلىننۇر، رىسالەتۇننۇر ۋە رىسالەئىننۇر دېگەن پەرقلىق ئىسىملار بىلەن ئاتىشى ئۆزى خالىغان رەقەملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بولغان.
بۇ يەردە سەئىد نۇرسىي ئالدى بىلەن ئايەتتىن ھەرپى جەر (زىرلىق قىلىش قوشۇمچىسى) بىلەن مەجرۇر كەلىمىنى (زىرلىق قىلىنغۇچى سۆزنى) ئالغان ۋە ئۇنى جۈملە دەپ ئاتىغان. ئاندىن رەقەم قىممىتى 400 بولغان ت «ةٍ» ھەرپىنى رەقەم قىممىتى 5 بولغان ھـ بىلەن ئالماشتۇرغان. يۇقىرىدا رەقەم قىممىتى 548 ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رىسالەئىننۇرنى بۇ قېتىم 598 گە چىقارغان. ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزى خالىغان رەقەملەرگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن يەنە «سىرلىق پەرق» پەردىسىگە سېغىنغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئايەتكە قۇرئاندا مەۋجۇت بولمىغان مىن فۇرقانى ھەكىم «من فرقان حكيم» (فۇرقان ھەكىمدىن) شەكلىدىكى بىر توقۇلما سۆزنى ئىلاۋە قىلىپ «رىسالەئى نۇرنىڭ فۇرقانى ھەكىمنىڭ بەرەكەتلىك بىر دەرىخى» ئىكەنلىكى نەتىجىسىگە بارغان. بۇ ئىپادىنى ئايەتتىكى ئورنىغا قويغان ۋاقتىمىزدا مۇنداق بىر ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ:
«ئاللاھنىڭ نۇرى ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىراغ بىر شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شىشە خۇددى مەرۋايىتتەك بىر يۇلتۇزدۇر. ئۇ چىراغ شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ تېپىلمايدىغان بەرەكەتلىك رىسالەئى نۇردىن يورۇتۇلغان».
ئۇنىڭ بۇ دەۋاسى كېيىنكى ئىپادىلىرى بىلەن تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا مەلۇم بولىدۇ. 
تۆتىنچى جۈملە
سەئىد نۇرسىينىڭ كۆز قارىشىدا ئايەتنىڭ رىسالەئى نۇرغا قارايدىغان تۆتىنچى جۈملىسى مۇنداق:
«نُورٌ عَلَى نُورٍ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ»
«نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئاللاھ نۇرىغا يېتەكلەيدۇ».
ئايەتنىڭ بۇ پارچىسىنىڭ رەقەم قىممىتى 999 بولۇپ، سىرلىق بىر رەقەم پەرقى بىلەن رىسالەتۇننۇرنىڭ رەقەم قىممىتى بولغان 998 گە ماس كېلىپ مەنىسىنىڭ كۈچلۈك مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشارەت دەرىجىسىدە ئىما قىلماقتا».
سەئىد نۇرسىي بۇ يەردە رەقەمنى توتتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى جۈملىنى بىرلەشتۈرگەن. لېكىن ئىككىنچى جۈملىنىڭ مەفئۇلىنى (تولدۇرغۇچىسىنى) چىقىرىۋەتكەن. رەقەم يەنىلا تۇتمىسا ئۇ «سىرلىق پەرق» كە سېغىنغان[5].
 
داۋامى بار…….
 

[1]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 831- بەت.

 [2]– جەفر ئەسلى ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى مۆلچەر، قىياس، بېشارەت، پال، رەم دېگەنلەردىن ئىبارەت.

  [3]– مۇستافا ئۇزۇن، «ئەبجەد»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدېيەسى، 10- جىلد، 68-70. مەتىن يۇرداگۈر، «جەفر»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدېيەسى، 7- جىلد، 215-218.

   [4]– سەئىد نۇرسىينىڭ بۇ ئايەتنىڭ نۇرى مۇھەممەدىيىگە ئىشارەت قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن رىسالەتۇننۇرنىڭ نۇرى مۇھەممەدىي بولغانلىقى دەۋاسىمۇ بار. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىلگىرى توختالغان ئىدۇق.

   [5]– بۇ بۆلۈمدە ئۆتكەن دەۋالار ئۈچۈن قاراڭ: شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 832- بەت.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر