مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 14

 ك- ۋەسىە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقنى دەۋاسى
غەيىب سەزگۈ ئەزا بىلەن سەزگىلى بولمايدىغان، ئىنساننىڭ بىلىش دائىرىسىدىن يىراق بولغان نەرسىدۇر[1]. قىيامەتنىڭ ۋاقتىغا ئوخشاش ئاللاھدىن باشقىسى بىلەلمەيدىغان نەرسىلەر مۇتلەق يەنى تولۇق غەيىب دېيىلىدۇ.
ھەققىدە بىر مەلۇمات ياكى يىپ ئۇچى قالمىغان تارىخىي ھادىسىلەرمۇ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇتلەق غەيىبكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
باشقا بىر كىشى بىلگەن نەرسە بولسا نىسبىي غەيب ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىن ئۆتكەن نەرسىلەرنى مەن بىلەلمەيمەن، لېكىن سىز بىلىسىز. ئۇ ماڭا نىسبەتەن غەيىب بولىدۇ. لېكىن سىزگە نىسبەتەن غەيىب ھېسابلانمايدۇ.
مۇتلەق غەيىبنى نە ئىنسان، نە پەرىشتە، نە جىن، نە پەيغەمبەر ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ»
 «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹غەيبنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەردىن ھېچكىم بىلمەيدۇ، غەيبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ›. ئۇلار قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى تۇيمايدۇ»- نەمل 27/65.
خۇسۇسەن تۆۋەندىكى ئايەت پەرىشتىلەرنىڭ غەيىبنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ. إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ. مَا يَلْفِظُ مِنْ قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ»
«شۈبھىسىزكى، ئىنساننى بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىندۇرمىز.
ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر.
ئۇ قانداق سۆز قىلسا، يېنىدا يېزىشقا تەييار بىر كۆزەتكۈچى بار»- قاف 50/16-18.
دېمەككى، ئاللاھ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىدۇ، پەرىشتىلەر پەقەت ئىنساننىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزنىلا بىلەلەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا جىنلارنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«…وَمِنَ الْجِنِّ مَنْ يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِ وَمَنْ يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ السَّعِيرِ. يَعْمَلُونَ لَهُ مَا يَشَاءُ مِنْ مَحَارِيبَ وَتَمَاثِيلَ وَجِفَانٍ كَالْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَاسِيَاتٍ اعْمَلُوا آلَ دَاوُودَ شُكْرًا وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ. فَلَمَّا قَضَيْنَا عَلَيْهِ الْمَوْتَ مَا دَلَّهُمْ عَلَى مَوْتِهِ إِلَّا دَابَّةُ الْأَرْضِ تَأْكُلُ مِنْسَأَتَهُ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ الْجِنُّ أَنْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ الْغَيْبَ مَا لَبِثُوا فِي الْعَذَابِ الْمُهِينِ»
«جىنلەرنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز.
ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆللەردەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. ‹ئى داۋۇد ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئىشلەڭلار› دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز.
بىز سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغاندا، جىنلەر ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن بىر ياغاچ قۇرتىدىنلا ئۆگەندى. سۇلەيمان يېقىلغاندا جىنلەرنىڭ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار خورلىغۇچى ئازابنىڭ ئىچىدە قالمىغان بولاتتى»- سەبەئە 34/12-14.
پەيغەمبەرلەرمۇ پەقەت ئۆزلىرىگە ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنىلا بىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُل لاَّ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلاَّ مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلاَ تَتَفَكَّرُونَ»
«ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە: مەن چوقۇم بىر پەرىشتە، دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن›. ئېيتقىنكى: ‹كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟›»- ئەنئام 6/50.
«قُل لاَّ أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعاً وَلاَ ضَرّاً إِلاَّ مَا شَاء اللّهُ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لاَسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَاْ إِلاَّ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ»
«ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى: ‹مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا ھېچبىر يامانلىق كەلمىگەن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىر خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن›»- ئەئراف 7/188.
غەيىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى خەۋەرلەر ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن پەيغەمبەرلىرىگە بىلدۈرۈلىدۇ. بىز ئۇ خەۋەرلەرنى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بىلەلەيمىز. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق خرىستىئانلار ۋە بەزى تەرىقەتچىلەر پەيغەمبەر بىزگە بىلدۈرمىگەن غەيىبنىمۇ بىلىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىنى تۆۋەندە ئىككى ماۋزۇ ئاستىدا كۆرۈپ ئۆتىمىز:
1- كاتولىكلاردا غەيىب ئىلمى
ئىلگىرى توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك كاتولىكلار مەسىھ ئىيسانى ۋە مۇقەددەس روھنى تەڭرى دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئېپىسكوپلۇق دەرىجىسىگە يەتكەن كىشى ئىيسا مەسىھنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنداق بىرىنىڭ غەيىبنى بىلىدىغانلىقى ھەققىدە گۇمان قىلىنمايدۇ. پوپلار بولسا، ئېپىسكوپلارنىڭ مۇئاۋىنلىرى بولۇپ، ئۇلارمۇ غەيىبنى بىلىدۇ. كاتولىكلارنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرى مۇنداق:
«مەسىھ ئىيسا ھەۋارىيلىرىغا ئامانەت قىلغان ۋەزىپىنى چېركاۋ راھىبلىق سىررى بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ[2]. ئېپىسكوپلۇق راھىبلىق سىررىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر»[3]. ئېپىسكوپلۇق مەرتىۋىسىگە يەتكەن كىشى مۇنەۋۋەر ۋە ئوچۇق بىر شەكىلدە خوجايىن، پادىچى ۋە راھىب بولغان مەسىھنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئېپىسكوپلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مۇقەددەس روھ سايىسىدە مەنىۋىي پادىشاھلىق، پادىچىلىق ۋە پەيغەمبەرلىك ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولىدۇ[4]. پوپلار ئېپىسكوپلارنىڭ مۇئاۋىنلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسىھ ئامانەت قىلغان ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇقا تىرىشىدۇ[5]. مۇقەددەس روھنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى راھىبلىق سىررىنى ئالغان كىشىنى راھىب، مۇئەللىم ۋە پادىچى سۈپىتىدە پۈتۈنلەي مەسىھ ئىيساغا ئوخشىتىدۇ[6]
2- تەرىقەتچىلەردە غەيىب ئىلمى
بەزى تەرىقەتچىلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلار ئۆزلىرى «ئەۋلىيا» دەپ ئاتىۋالغان بەزى كىشىلەرنىڭ غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ. مەسىلەن: سەئىد نۇرسىينىڭ كۆز قارىشىدا ھەزرىتى ئەلى ۋە ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا ئوخشاش بەزى ئىنسانلار غەيىبنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن يۈز يىللار بۇرۇن ئۆزى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. سەئىد نۇرسىي بۇ دەۋاسىنى مۇنداق بىر سوئال-جاۋاب بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
سوئال: ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا ئوخشاش بۈيۈك ئەۋلىيالار بەزى زامانلاردا ئۆتمۈشنى ۋە كەلگۈسىنى بۈگۈننى كۆرگەندەك كۆرۈپ بىلگەن تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاشكارا سۆزلەپ بېرىپ، كەلگۈسى ھەققىدە يېپىق ئىپادىلەر ۋە مەخپىي ئىشارەتلەر بىلەن سۆز قىلىدۇ؟
جاۋاب: ئۇلار «غەيبنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ» دېگەن ئايەت بىلەن «ئاللاھ پۈتۈن غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ غەيبىنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ. پەقەت ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[7]. دېگەن ئايەتتە بەلگىلەنگەن مۇقەددەس چەكلىمە ئالدىدا بەندىچىلىككە يارىشىدىغان بىر گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئاشكارا بىر نېمە دېمەي، مەخپىي ئىشارەتلەر بىلەن سۆزلەش يولىغا كىرگەن، شۇنداقلا يېپىق سۆز ۋە سىمۋوللۇق ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەن. ئۇلار غەيىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىلىم ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارى ياكى نىيەتلىرى بىلەن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن بولغانلىقى بىلىنسۇن دەپ شۇنداق قىلغان. چۈنكى كەلگۈسى ھەققىدىكى غەيىب ئىلىملىرى كىشىنىڭ شەخسىي تاللىشى ۋە نىيىتى بىلەن بېرىلمىگەندەك نىيەت بىلەن ئىشقا ئارىلىشىش مەزكۇر چەكلىمىگە ئىتائەتسىزلىك پۇرىقى بېرىپ قويىدۇ[8].
بۇ دەۋا ئۈچ جەھەتتىن خاتادۇر:
ئە- غەيبنى ھېچكىم بىلمەيدۇ
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ…»
 «ئاللاھ سىلەرنى غەيىبتىن ھەرگىزمۇ ۋاقىپلاندۇرمايدۇ»- (ئال ئىمران 3/179)
ئاللاھ تەئالا ئاشكارىلاشنى خالىغان غەيىبنى پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلايدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدە بىر ئۇسۇلى بار. ئاللاھ تەئالا بۇ ئۇسۇلنى بىزگە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَى غَيْبِهِ أَحَدًا. إِلَّا مَنِ ارْتَضَى مِنْ رَسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا. لِيَعْلَمَ أَنْ قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَى كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا»
«رەببىم غەيىبنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ غەيىبنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ. ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچىلەر قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچى بىلىدۇكى، ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۆزىمۇ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى تولۇق بىلدى ۋە بىر – بىرلەپ چۈشەندى»- جىن 72/26–28.
ۋەھىي ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مەلۇماتلار «غەيب» بولۇشتىن چىقىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ كۈزەتچى قىلىنىشى كەلگەن مەلۇماتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە پەيغەمبەرنىڭ گۇمانغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شەيتان بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر رەسۇل ۋە ھەر نەبىينىڭ قىلغان ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سالدى. لېكىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى بەربات قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ھەج 22/52.
بەزى تەپسىرلەردە ئەنئام سۈرسىنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنداق بىر ھەدىس نەقىل قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«قۇرئاندىن ئەنئام سۈرىسىدىن باشقا بىر سۈرە ماڭا بىر پۈتۈن ھالەتتە نازىل بولمىدى. شەيتانلار بۇ سۈرە ئۈچۈن جۇغلاشقانچىلىك ھېچبىر سۈرە ئۈچۈن جۇغلاشمىغان ئىدى. بۇ سۈرە ماڭا جىبرائىل بىلەن بىرلىكتە 50 مىڭ پەرىشتە بىلەن ئەۋەتىلدى. ئۇلار بۇنى چۆرىدىۋېلىپ، بىر توي دەبدەبىسى بىلەن ئېلىپ كەلدى»[9]
ئەلچى يېنىغا كەلگۈچىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىگە ۋە سۆزلىگەن سۆزىگە شەيتان ۋەسۋەسىسى ئارلىشىپ قالمىغانلىقىغا ئىشىنىشى لازىم. ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەھىي ئەسناسىدا ئەلچىنىڭ ئەتراپىغا پەرىشتىلەرنى تىزىشى مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.
سەئىد نۇرسىي پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىينىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدىغان يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئەۋلىيالارنىڭ غەيبنى بىلەلەيدىغانلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. بۇ غەلىتە بىر دەۋادۇر.
ب- ئۆتمۈش غەيىبنى ھېچكىم بىلمەيدۇ
سەئىد نۇرسىي «ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا ئوخشاش بۈيۈك ئەۋلىيالار بەزى زامانلاردا ئۆتمۈشنى ۋە كەلگۈسىنى بۈگۈننى كۆرگەندەك كۆرۈپ بىلگەن تۇرۇقلۇق…»[10] دەيدۇ.
بۇ خىل بىر دەۋانى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن!؟ ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزى سەئىد نۇرسىينىڭ يۇقىرىدىكى قارىشىنى رەت قىلىدۇ:
«قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹غەيىبنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەردىن ھېچكىم بىلمەيدۇ، غەيىبنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ›. ئۇلار قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى تۇيمايدۇ»- نەمل 27/65.
بۇ ئايەت پەقەت ئىنسانلارنىڭلا ئەمەس، پەرىشتە ۋە جىنلارنىڭمۇ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھ تەئالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
«تِلْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ مَا كُنْتَ تَعْلَمُهَا أَنْتَ وَلَا قَوْمُكَ مِنْ قَبْلِ هَذَا فَاصْبِرْ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ»
«بۇلار غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. بۇلارنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى…»- ھۇد 11/49.
بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئايەتلەر بار. تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات تەلەپ قىلغۇچىلار مۇنۇ رەقەملىك ئايەتلەرگە قارىسا بولىدۇ: ئال ئىمران 3/44، ئەئراف 7/101، ھۇد 11/120-123، يۈسۈف 12/102.
ج- مۇقەددەس چەكلىمە دەۋاسى
سەئىد نۇرسىي ئاللاھدىن باشقىسىنىڭ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقى مەسىلىسىنى «مۇقەددەس چەكلىمە» دەپ تەرىپلەيدۇ. گويا ئاللاھ تەئالا«غەيبنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ» دېمەي، «ھېچكىم كەلگۈسى ھەققىدە بىلىدىغان نەرسىلىرى ئاشكارىلىمىسۇن» دېگەندەك. بۇ دەۋا ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ…»
 «ئاللاھ سىلەرنى غەيىبتىن ھەرگىزمۇ ۋاقىپلاندۇرمايدۇ»- (ئال ئىمران 3/179)
سەئىد نۇرسىينىڭ يۇقىرىدىكى دەۋاسىدىن قارىغاندا ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا ئوخشاش «بۈيۈك ئەۋلىيا»لارنىڭ غەيىبنى بىلىشى «ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىرى ۋە نىيەتلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بولغانمىش(!). ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى خالاپ غەيبنى بىلىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ئىتائەتسىزلىك پۇرىقى بېرىپ قويارمىش(!)».
دېمەككى، ئاللاھ ھەم «غەيبنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. ئۇنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايمەن» دەيدۇ، ھەم بەزى كىشىلەرگە غەيىبىنى ئاشكارىلايدۇ! ئۇ كىشىلەر بولسا ئۆتمۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك غەيىبلەرنى ئاشكارىلاشتا بىر توسالغۇ كۆرمەيدۇ، لېكىن كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك غەيبلەرنى بىلگەنلەر بىلىۋالسۇن دەپ يېپىق ئىشارەتلەر بىلەن ئىپادىلەپ قويىدۇ! بۇنى ئاللاھقا قارشى بىر ئىتائەتسىزلىك پۇرىقى چىقىپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلىدۇ!!!…
بۇ ئېتىقادتىن ئاللاھقا سېغىنىش كېرەك.
 ل- ۋەسىلىلەرنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقى ئېتىقادى
1- كاتولىكلارنىڭ شاپائەت چۈشەنچىسى
كاتولىكلارنىڭ كۆزقارىشىدا شاپائەت ئىيسانىڭ دۇئاسىغا ماسلاشقان تىلەك دۇئاسىدۇر[11]. ئۇلار شاپائەت ئورنىدا «قۇتقۇزۇش» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئىيسا ھازىر ئاتىنىڭ يېنىدا خرىستىئانلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلماقتىدۇر، ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن دائىم تىرىكتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا داۋاملىق تەييار تۇرىدۇ[12]. ئۇ ئۆزىنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا يېقىنلاشقانلارنى تامامەن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر[13].
«مەريەم ئانا ئادۋۇكات ۋە ياردەمچىدۇر. ئۇنىڭ ئانىلىقى تۈگىمىگەن. ئۇ يېڭىلانغان ۋەسىلىلىكى بىلەن ئەبەدىي ئېسەنلىكلەر ئېلىپ كېلىدىغان سوۋغاتلارنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا»[14].
كاتولىكلارنىڭ كۆزقارىشىدا، پوپ ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئاللاھقا ئاتىغان ھەدىيىلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى ئاللاھقا سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن كىشىدۇر[15]. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھوقۇقى بىلەن ئىنسانلارغا «ئاتىنىڭ نامىدىن سېنى ئەپۇ قىلدىم، دېيەلەيدۇ»[16].
2- تەرىقەتچىلەردە شاپائەت چۈشەنچىسى
بىز تەتقىق قىلىپ كۆرگەن تەرىقەتچىلەردىمۇ كاتولىكلارنىڭكىگە ئوخشاش بىر شاپائەت چۈشەنچىسى بار. ئۇلار «قۇتقۇزۇش» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «شاپائەت» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ. بۇ توغرىدا بىر ئىشان ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇرىدلىرى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمى مۇنداق:
مۇرىد: بىز پىرىمىزنىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مەسىلەن: بۈگۈنكى كۈندە سوت مەھكىمىسىدە ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادۋوكات تەكلىپ قىلغانلار دەۋادا كۆپىنچە ئۇتۇپ چىقىدۇ. پىرىمىزمۇ بىزنىڭ ئادۋوكاتىمىزدۇر.
بايىندىر: سىلەر يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھنى سوتچى بىلەن ئوخشاش كۆرەمسىلەر؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَوْمَ يَفِرُّ الْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ. وَأُمِّهِ وَأَبِيهِ. وَصَاحِبَتِهِ وَبَنِيهِ. لِكُلِّ امْرِئٍ مِنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ»
«ئۇ كۈنى كىشى ئۆز قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ. ئۇ كۈنى بۇلاردىن ھەر بىرى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ»-ئەبەسە 80/34-37.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا پىرىڭىز قەيەردىن پۇرسەت تېپىپ سىزنى قۇتقۇزىدۇ؟
ئەنسارلاردىن ئۇممۇلئالا مۇنداق دەيدۇ: مۇھاجىرلار ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا بىزگە ئوسمان ئىبنى مەئزۇن چىقتى. ئۇنى ئۆيىمىزگە ئورۇنلاشتۇردۇق. كېيىن ئۇ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان كېسەللىككە گىرىپتار بولدى. ۋاپات بولغاندا يۇيۇلدى ۋە ئۆز كىيىمى بىلەن كېپەنلەندى. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىچكىرىگە كىردى. مەن ئۇ ئەسنادا: «ئەبۇسسەئىب![17] ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن. مەن ئاللاھنىڭ ساڭا ھەقىقەتەن ئىنئام قىلغانلىقىغا گۇۋاھچىمەن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغانلىقىنى قانداق بىلىسەن؟» دېدى. مەن: «ئاتام ساڭا پىدا ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ (ئۇنىڭغا ئىنئام قىلمىسا) كىمگە ئىنئام قىلار؟» دېدىم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۇنىڭغا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت كەلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ياخشىلىق تىلەيمەن. لېكىن مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى تۇرۇقلۇق قانداق قارشى ئېلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن».
ئۇممۇلئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇ كۈندىن بۇيان ھېچكىمنى پاكلىمايمەن»[18].
لېكىن سىز پىرىڭىزنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمىغىنىڭىزدەك، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىزنى ئاقلايدىغانلىقىنى سۆزلەش جاسارىتىمۇ كۆرسىتىۋاتىسىز.
بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھنىڭ ئېسىدىن چىقىپ قالغان (نەئۇزۇ بىللاھ) بىرەر نەرسە بارمىكى، ئادۋوكاتلىقىڭىزنى قىلىدىغان پىرىڭىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى ئەسلىتىپ قويىدۇ؟ ياكى ئاللاھ سوتلاشتا خاتالىشىپ (نەئۇزۇ بىللاھ) قالامدۇكى، ئىشانىڭلار ئۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ؟ قانچىلىك خاتا يولدا ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشىنىۋاتامسىلەر- قانداق؟
مۇرىد: سەن مۇپتىلىق ئىدارىسىدا مۇپتى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولساڭ[19] مۇپتى بىلەن سېنىڭ ئاراڭغا بىر ئىشىك باقار كىرىشى، بىر كىشى سېنى مۇپتىغا تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ئارىغا ھېچكىم كىرمەستىن بىر ئەمەلدار ياكى بىر ۋەزىر بىلەن كىرىپلا بىۋاسىتە كۆرۈشەلەمسەن؟ ئىشانمۇ بىز بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا بىر ۋەسىلە، بىر ۋاسىتە بولماقتىدۇر.
بايىندىر: بىزگە جان تومۇرىمىزدىن يېقىن ئاللاھ ئۈچۈن بۇ سۆزنى قانداقمۇ سۆزلىگىلى بولىدۇ؟
بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. شېرىك ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىغا ۋاسىتە قويۇپ ئاللاھنى ئىككىنچى قاتاردا قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا زۇمەر سۈرىسى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِأَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْإِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَإِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْهُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ»
«بىلگىنكى، خالىس دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خىل ئېتىقادلاردىن ۋاز كېچىڭ. چۈنكى شەيتان ئىنساننى داۋاملىق بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئازدۇرىدۇ.
قېنى ماڭا ئېيتىپ بېقىڭچۇ! ياراتقان، رىزىق بەرگەن، چوڭ قىلغان ۋە سىزگە سىزدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھ سىزنى ياخشى تونۇمدۇ ياكى پىرىڭىزمۇ؟
مۇرىد: ئەلۋەتتە ئاللاھ ياخشى تونۇيدۇ.
يايىندىر: ئۇنداقتا پىرىڭىز سىزنىڭ نەرىڭىزنى ئاللاھقا تونۇشتۇرىدۇ؟
مۇرىد: ھىم،…[20].
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ»
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە قۇل بولىدۇ ۋە: «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىمىزدۇر!» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرمسىلەر؟» ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- يۇنۇس 10/17-18.
ئاللاھ كىمگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بەرسە، پەقەت شۇ كىشىلا ئۆزى خالىغان كىشىگە ئەمەس، ئاللاھ خالىغان كىشىگە شاپائەت قىلالايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر»- زۇمەر 39/44.
«يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَى وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ. وَمَنْ يَقُلْ مِنْهُمْ إِنِّي إِلَهٌ مِنْ دُونِهِ فَذَلِكَ نَجْزِيهِ جَهَنَّمَ كَذَلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ»
«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلەرگىلا شاپائەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ. ئۇلاردىن كىم: ‹مەنمۇ ئاللاھنىڭ يېنىدا بىر ئىلاھمەن› دېسە، بىز ئۇنى جەھەننەم بىلەن جازالايمىز. بىز زالىملارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز»- ئەنبىيا 21/28-29.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېگەن مەنىدىكى ئايەت نازىل بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق بىر نۇتۇق سۆزلىدى: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىڭلار. مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ئەسقىتالمايمەن. ئى ئابدۇمەنناف ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ئەسقىتالمايمەن. ئى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئوغلى ئابباس![21] مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىزگە ئەسقىتالمايمەن. ئى پەيغەمبەرنىڭ ھاممىسى سەفىييە! مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىزگە ئەسقىتالمايمەن. ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساڭا ئەسقىتالمايمەن»[22].


[1]– راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان، 616- بەت، غ ي ب ماددىسى.

[2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1536- پاراگراپ.

[3]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1555- پاراگراپ.

[4]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1558- پاراگراپ.

[5]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1562- پاراگراپ.

[6]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 1585- پاراگراپ.

[7]– جىن 72/26-27.

[8]– سەئىد نۇرسىي، سىككەئى تەسدىقى غەيبى، سەككىزىنچى لەمئە، 2- جىلد، 2091- بەت.  

[9]– ئەلمالىلى مۇھەممەد ھامدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، ئىستانبۇل 1936، 2- توم، 1861–1862- بەتلەر.

[10]سەئىد نۇرسىي، سىككەئى تەسدىقى غەيبى، سەككىزىنچى لەمئە، 2- جىلد، 2091- بەت.  

[11]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 2634- پاراگراپ.

[12]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 519- پاراگراپ.

[13]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 2634- پاراگراپ.

[14]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 969- پاراگراپ.

[15]–  ئىنجىل («ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت») 5/1.

[16]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 878- پاراگراپ.

[17]ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەقىمى.

[18]بۇخارى، جەنائىز 3.

[19]– بۇ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان چاغلاردا مەن ئىستانبۇل مۇپتىلىق ئىدارىسىدە ئىشلەۋەتاتتىم.

[20]بۇ مۇنازىرە مەزكۇر ئىشانىڭ يېنىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇ ئىشان بۇ ئەھۋالنى تەستىقلىغان. بۇ يەردىكى مۇرىد ئۇ تەرىقەتنىڭ مۇنازىرىگە قوشۇلغان چوڭ ئالىملىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

[21]– ئابباس پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىدۇر.

[22]بۇخارى، ۋەسايا 11.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر