مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 12

د- دىنىي زاتلارنى ئىلاھلاشتۇرۇش
شەيتان ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى پەيغەمبەرنى ئىلاھلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دىنىي زاتلارنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ قىسقا يولى ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەشتۇر. بۇنى خرىستىئانلار قىلغان. بەزى مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ئەگەشكەن.
كاتولىكلارغا نىسبەتەن ئىيساغا چېركاۋ ۋەكىللىك قىلىدۇ. چېركاۋ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مەلۇم تەرتىپ بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئورگانلاردىن ۋە ئىيسا مەسىھنىڭ سىرلىق بەدىنىدىن شەكىللەنگەن بىر توپلۇقتۇر. چېركاۋنىڭ بىرى ئىنسانىي يەنە بىرى ئىلاھىي بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى پەرقلىق تەركىبى قىسمى بار[1]. چېركاۋ ئىنسانىيەت بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىشىشنىڭ ئىشارىتى ۋە ۋاسىتىسىدۇر[2]. پاپانىڭ پۈتۈن چېركاۋ ئۈستىدە تولۇق ۋە ئۈستۈن بىر ھوقۇقى بار[3]. پاپا خاتالاشمايدىغان بىر ھۆكۈمراندۇر[4].
بىر قىسىم تەرىقەتچىلەردىمۇ ئىنسانى كامىل دەيدىغان بىر چۈشەنچە بار. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە ئىنسانى كامىل ھەقىقەتى مۇھەممەدىييەگە[5] ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ماددىي-مەنىۋىي پۈتۈن كامالەت مەرتىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[6]. ھەر تەرىقەت ئۆز شەيخ (پىر) ىنى ئىنسانى كامىل دەپ بىلىدۇ. ماددىي-مەنىۋىي پۈتۈن كامالەت مەرتىبىلىرى پەقەت ئاللاھتىلا بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا نىسبەتەن تەرىقەت شەيخى (پىرى) ئاللاھنىڭ گۆش بىلەن سۆڭەككە ئورالغان ھالىتى دەپ قارىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
ھ- ئىنسان سۆزىنى ئاللاھنىڭ سۆزى ھېسابلاش
ئىنجىل، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنْجِيلِ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فِيهِ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ»
«ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر»-مائىدە، 5/47.
لېكىن كۈنىمىزدىكى ئىنجىلغا ئىنسان سۆزى ئارىلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ كۆپ قىسمى پاۋلۇسنىڭ[7]، بىر قىسمى ھەۋارىيلارنىڭ ۋە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ مەكتۇپلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. كاتولىكلارغا نىسبەتەن ئىنجىللەر پۈتۈن بۆلۈملىرى بىلەن مۇقەددەس ۋە چېركاۋ قانۇنلىرىغا مۇۋاپىقتۇر. مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىي قىلىشى ئارقىلىق يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يازغۇچىسى ئاللاھتۇر[8]. ئاللاھ چېركاۋغا سۆز قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتىدۇر. چېركاۋ ئىنجىلنىڭ جانلىق ئاۋازىدۇر[9].
قۇرئان بولسا ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئەڭ ئاخىرقى كىتابىدۇر. ئۇنىڭغا ئىنسان سۆزى ئارىلاشمىغان. چۈنكى ئۇنى قوغداشنى ئاللاھ تەئالا بىۋاسىتە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بۇ ھەقتىكى ئايەت مۇنداق:
«إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ»
«شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى چوقۇم بىز قوغدايمىز»- ھىجر 15/9.
مىليونلارچە مۇسۇلمان يادقا بىلىدىغان ۋە سان-ساناقسىز نۇسخىلىرى بولغان بىر كىتابقا ئىلاۋە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن دىننى ئۆز خاھىشى بويىچە تەرتىپكە سالماقچى بولغانلار ئۇ كىتابنى ئىنسان تۇرمۇشنىڭ سىرتىغا سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا كىتابلارنى قويۇشقا تىرىشقان ۋە ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇھلىرى ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن. مەسىلەن: نۇرچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا رىسالەئى نۇر بۇ ئەسىردە قۇرئاننىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ۋە ئەڭ مۇقەددەس تەپسىرىدۇر. رىسالەئى نۇر ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ۋە قۇرئانغا ئائىتتۇر. قۇرئان ئوقۇلۇپلا تۇرىدىكەن ئۇمۇ ئوقۇلۇپ تۇرىدۇ[10].
سەئىد نۇرسىي مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاننىڭ مەخپىي ھەقىقەتلىرى رىسالەئى نۇر بىلەن بىرلىتە بىزگە نازىل بولماقتىدۇر!! … پەيغەمبەر دەۋرىدە قۇرئاننىڭ ۋەھىي سۈپىتىدە نازىل بولغىنىغا ئوخشاش ھەر ئەسىردە قۇرئاننىڭ ئەرشتىكى ئورنىدىن ۋە مەنىۋىي مۆجىزىسىدىن فەيز[11] ۋە ئىلھام يولى بىلەن ئۇنىڭ مەخپىي ھەقىقەتلىرى ۋە ھەقىقەتلىرىنىڭ كەسكىن دەلىللىرى نازىل بولىدۇ[12].
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، رىسالەئى نۇر قۇرئان نازىل بولغان يەردىن قۇرئان نازىل بولغانغا ئوخشاش ۋەھىي شەكلىدە نازىل بولۇپ، قۇرئاننىڭ مەخپىي قالغان ھەقىقەتلىرىنى ۋە ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ كەسكىن دەلىللىرىنى سەئىد نۇرسىيغا ئېلىپ كەلگەن، دېگەن بولىدۇ. نۇرچىلارنىڭ كۆز قارىشىچە سەئىد نۇرسىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ھېچقانداق قىيىنچىلىققا يولۇقماي ۋە ھېچقانداق جاپامۇ چەكمەي ئۆزلۈكىدىن نۇرلىنىپ كەتكەن ۋە ئالىم بولۇپ قالغان[13].
بۇ سۆزلەر بىر پەيغەمبەرلىك دەۋاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەئىد نۇرسىينىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنمىغان ھەقىقەتلەرنىڭ ئۆزىگە نازىل قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىشى بولسا، ئۆز كىتابىنىڭ قۇرئاندىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقىدىن باشقا بىر مەنا ئىپادىلىمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالامۇ مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ»
«ئى ئەلچى! رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنى تەبلىغ قىلغىن (يەتكۈزگىن)، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قىلمىغان بولىسەن»- مائىدە 5/67.
سەئىد نۇرسىي دەۋا قىلغان ھەقىقەتلەر ئەگەر پەيغەمبىرىمىزگە بىلدۈرۈلسە ئىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئۇممەتكە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىدە بولاتتى ۋە يەتكۈزگەن بولاتتى. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا سەئىد نۇرسىي دەۋا قىلغان ھەقىقەتلەر پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا بىلدۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك. 
سەئىد نۇرسىينىڭ رىسالەئى نۇرنىڭ قۇرئان ئېلىنغان يەردىن ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى دەۋاسى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق:
«رىسالەئى نۇرلار شەرقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلىملىرىدىن ئېلىنغان ياكى غەربنىڭ پەلسەپە ۋە بىلىملىرىدىن ئېلىنغان بىر نۇر ئەمەستۇر. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەن قۇرئاننىڭ شەرقنىڭمۇ، غەربنىڭمۇ ئۈستىدە بولغان ئەرشتىكى ئورنىدىن ئېلىنغان»[14].
سەئىد نۇرسىي تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنۇلارنى سۆزلەيدۇ:
 «رىسالەئى نۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ سۆز، ئوتتۇز ئۈچ مەكتۇپ، ئوتتۇز بىر لەمئالار بۇ زاماندا قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ئايەتلىرىدۇر. يەنى ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىلىرىدۇر. ئۇنىڭ ھەق ۋە ھەقىقەت بولغالىقىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر، قۇرئان ئايەتلىرىدە زىكىر قىلىنغان ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىسپاتلىرىدۇر»[15].
دېمەككى، سەئىد نۇرسىينىڭ يۇقىرىدىكى دەۋاسىغا قارىغاندا قۇرئان تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تەستىقلايدىغان بىر كىتاب بولغاندەك، رىسالەئى نۇرمۇ قۇرئاننى تەستىقلايدىغان بىر كىتابتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ رىسالەئى نۇرنىڭ «ئايەتلىرى» نى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ دەلىلى دەپ قارىغان.
سەئىد نۇرسىي بۇ ھەقتە يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ «سەكىنە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابنىڭ نازىل قىلىنغانلىقىنى، ئۆتمۈش ۋە كېلىچەكنىڭ پۈتۈن ئىلىم ۋە سىرلىرىنىڭ ئۇ كىتاپتا يېزىلغانلىقىنى، ئۇ كىتابتا رىسالەئى نۇرلارغا ئىشارەت قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ[16] ۋە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەزرىتى جەبرائىل سەكىنە ناملىق بىر سەھىپىدە يېزىلغان ئىسمى ئەزەمنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان. ھەرزىتى ئەلى دەيدۇكى، ‹مەن جەبرائىلنى پەقەت ھەسەن-ھۈسەن شەكلىدە كۆردۈم، ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، سەھىپىنى ئالدىم، بۇ ئىسىملارنى شۇ سەھىپىنىڭ ئىچىدە كۆردۈم›». سەئىد نۇرسىي ئىسمى ئەزەم ھەققىدە گەپ قىلىپ بەزى ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېىن مۇنداق دەيدۇ:
 «دۇنيانىڭ باشلىنىشىدىن تا قىيامەتكىچىلىك بارلىق ئىلىملەر ۋە مۇھىم سىرلار بىزگە خۇددى كۆز بىلەن كۆرۈلىدىغان دەرىجىدە ئېچىلدى. كىم نېمىنى سوراشنى خالىسا سورىسۇن، سۆزلىرىمىزدىن شۈبھىلەنگەنلەر خورلۇققا دۇچار بولىدۇ»[17].
 سەئىد نۇرسىينىڭ سۆزىدىن قارىغاندا بۇ شۇنداق بىر سەھىپىكى،  دۇنيانىڭ باشلىنىشىدىن تا قىيامەتكىچىلىك بولغان ئىلىملەر ۋە مۇھىم سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ بىر سەھىپە ئەمەس، ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاب بولۇشى كېرەك. جەبرائىلنىڭ ھەزرىتى ئەلىگە مۇشۇنداق بىر كىتاب بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئۇنى پەيغەمبەر ھېسابلىغانلىق بولىدۇ. ئۇ كىتابتا بار بولغانلىقى سۆزلەنگەن ئىلىم ۋە سىرلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىلمىگەنلىكى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرزىتى ئەلى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىر ماقامغا كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ.
بۇ خىل سەپسەتىلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئورنى يوق. ئاللاھ تەئالا ئۇنداق كۆز قاراشتىكى ئىنسانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ»
 «كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنا[18] بىر پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: ‹بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر› دېگەنلەرگە ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ۋاي!»-بەقەرە 2/79.
سەئىد نۇرسىي رىسالەئى نۇرلارنىڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئەقلىگە كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر نەرسىنى سۆزلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سۆزلەر[19] شەك شۈبھىسىز قۇرئاننىڭ نۇرلۇق جىلۋىسىدۇر. ئىچىدە ئىزاھلاشقا مۇھتاج جايلىرى كەم بولماسلىق بىلەن بىرلىكتە ھەممىسى قۇسۇرسىز ۋە نوقسانسىزدۇر»[20]. «رىسالەئى نۇر بۇ ئەسىردە، بۇ تارىختا بىر «ئۇرۋەتۇلۋۇسقا» دۇر، يەنى ناھايىتى ساغلام، ئۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان بىر زەنجىر ۋە بىر «ھەبلۇللاھ» يەنى ئاللاھنىڭ ئارقىنىدۇر. ئۇنىڭغا قولىنى سۇنغان ۋە مەھكەم يېپىشقان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ»[21].
«ئۇرۋەتۇلۋۇسقا» ۋە «ھەبلۇللاھ» قۇرئانغا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردۇر[22]. سەئىد نۇرسىي كىتابلىرىغا يەنى «رىسالەئى نۇر» ىغا مۇنۇ ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ قوشىدۇ:
«رىسالەئى نۇر شەرىئەت، دۇئا، ھېكمەت، ئىبادەت، ئەمىر ۋە دەۋەت، زىكىر، پىكىر، ھەقىقەت، تەسەۋۋۇپ، مەنتىق، كالام ئىلمى، ئىلاھىيات ئىلمى، سەنئەتكە تەرغىب ئىلمى، بالاغەت ۋە  ۋەھدانىيەتنى ئىسپاتلاش كىتابىدۇر. ئۇ قارشى چىقققۇچىلارنى مات قىلىپ تاشلايدۇ ۋە ئېغىز ئاچقۇزمايدۇ»[23].
رىسالەئى نۇرلاردا كۆپ تەكرار بار. سەئىد نۇرسىي بۇنىڭ قۇرئاندىمۇ بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«قۇرئاندىكى تەكرارنىڭ بىرقانچە ھېكمىتى رەسالەئىن نۇردىمۇ بار[24]. دەرۋەقە، ھەر ۋاقىت قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر سۈرە قۇرئان ھۆكمىدە قوبۇل قىلىنىپ، قىيامەت، تەۋھىد ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىگە ئوخشاش ھادىسىلەر تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەينى شەكىلدە ئىماننىڭ ئىنچىكە ھەقىقەتلىرى ۋە كۈچلۈك دەلىللىرى مېنىڭ خەۋىرىم بولماستىن بىرقانچە رىسالەدە تەكرارلىنىپ قالىدۇ. بۇلار نېمىشقا ماڭا تەكرار يازدۇرۇلدى، دەپ ھەيران قالاتتىم. كېيىن كەسكىن بىر شەكىلدە چۈشەندىمكى، بۇ زاماندا رىسالەئى نۇرغا ھەممە مۇھتاج بولسىمۇ، ھەممە ئادەم ئۇنى تولۇق ئوقۇشقا قادىر بولالمايدۇ، لېكىن مۇھتاج بولغان نەرسىلىرىنى كىچىك بىر رىسالەدىن ئوقۇيالايدۇ»[25].
بۇ ھەقتە كېيىنكى بابلاردا باشقا تەرەپلەردىن تەكرار توختىلىمىز.
 
داۋامى بار……


[1]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 771- پاراگراپ.

[2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 775- پاراگراپ.

[3]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 877، 880، 883- پاراگراپلار.

[4]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 891- پاراگراپ.

[5]– ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە ھەققىدە كېيىنچە توختىلىمىز.

[6]ھەسەن كامىل يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 1996- يىلى 7- ئاي، 125- سان، 31- بەت.

[7]– پاۋلۇس ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەن. كۈنىمىزدىكى ئىنجىلدا پاۋلۇسنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ سائۇل ئىكەنلىكى، (ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13/9) ئەشەددىي بىر خرىستىئان دۈشمىنى بولۇپ يۈرگەن چاغدا، شام يولىدا ئاسماندىن تۇيۇقسىز پارقىرىغان بىر نۇرنىڭ ئەتراپىنى قاپلاپ كەتكەنلىكى، ئىيسانىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغانلىقى (ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرى 9/3-6)، كېيىن ئۇنىڭ ئىيساغا ئىشەنگەنلىكى ۋە چۆمۈلدۈرۈلگەنلىكى (ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرى 9/18 ۋە باشقىلار) ئىپادە قىلىنماقتا. بۇنىڭغا قارىغاندا پاۋلۇس قۇرئان تەرىپ قىلغان ھەۋارىيلاردىن ئەمەستۇر.

[8]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 105- پاراگراپ.

[9]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 79- پاراگراپ

[10]– ئىشاراتۇل ئىجاز، دىياربەكىر سۈلھى جازا مەھكىمىسىگە، 2- جىلد، 1274- بەت.

[11]– فەيز دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى تاشماق، ئېشىپ ئەتراپقا ئاقماق، دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ سوپىلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى مەناسى، ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدىن تېشىپ ئىنسان قەلبىگە ئېقىپ كىرىشى دېمەكتۇر.- شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.

[12]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، يىگىرمە تۆتىنچى ئايەت ۋە ئايەتلەر، ئۈچىنچى نۇقتا، 1- جىلد، 842- بەت. ئىپادىلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ئەسلى مۇنداق: «قۇرئاننىڭ مەخپىي ھەقىقەتلىرى رىسالەئى نۇر بىلەن بىرلىكتە بىزگە نازىل بولماقتا!! تەنزىلۇلكىتاب جۈملىسىنىڭ سەرىھ بىر مەناسى ئەسىر سائادەتتە ۋەھىي سۈرىتى بىلەن كىتابى مۇبىننىڭ نازىل بولغىنىدەك، مەنىۋى ئىشارەسى بىلەنمۇ ھەر ئەسىردە ئۇ كىتابى مۇبىننىڭ مەرتەبەئى ئەرشىييەسىدىن ۋە مۇجىزەئى مەنىۋىييەسىدىن فەيز ۋە ئىلھام يولى بىلەن ئۇنىڭ مەخپىي ھەقىقەتلىرى ۋە ھەقىقەتلىرىنىڭ بۇرھانلىرى چۈشىدۇ، نازىل بولىدۇ…». 

[13]شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، 1- جىلد، 833- بەت. ئىپادىلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ئەسلى مۇنداق: «رەسائىلىننۇر مۇئەللىفى ئاتەشسىز يانىدۇ، تەھسىل ئۈچۈن كۇلپەت ۋە دەرس مۇشەققەتىگە موھتاج بولماستىن ئۆزىچە نۇرلىنىدۇ، ئالىم بولىدۇ».

[14]شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، 1- جىلد، 833- بەت.

[15]شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، يىگىرمە ئىككىنچى ئايەت ۋە ئايەتلەر، 1- جىلد، 841- بەت. ئىپادىلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ئەسلى مۇنداق: «رىسالەئى نۇر دېيىلگەن ئوتتۇز ئۈچ ئەدەد سۆز، ئوتتۇز ئۈچ ئەدەد مەكتۇب ۋە ئوتتۇز بىر ئەدەد لەمئەلەر بۇ زاماندا كىتابى مۇبىندىكى ئايەتلەرنىڭ ئايەتلىرىدۇر. يەنى ھەقائىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، ھەق ۋە ھەقىقەت بولغانلىقىنىڭ بۇرھانلىرىدۇر، ئۇ ئايەتلەردىكى ھەقائىقى ئىمانىييەنىڭ غايەت قۇۋۋەتلىك ھۆججەتلىرىدۇر». 

[16]– سىككەئى تەسدىقى غەيبى، ئوسەككىزىنچى لەمئە، 2- جىلد، 2078- بەت. ئۇ يەردە ئۆتكەن ئىپادە ئەينەن مۇنداق: «رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىغا ۋە ناشىرلىرىغا قارشى ھەزرەتى ئەلىينىڭ ئىشارەتكارانە ۋە تەۋەججۇھكارانە قارىشى ۋە ئىشارەت قىلىشىدۇر».

[17]سىككەئى تەسدىقى غەيبى، ئوسەككىزىنچى لەمئە، 2- جىلد، 2079- بەت.

[18]– ئۇلار بەدىلىگە ئاخىرەتنى بەرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئالغان نەرسىلىرى نېمە بولسا بولسۇن «ئاز» دۇر. «دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ئاخرەتنىڭ يېنىدا بەك ئازدۇر»- (تەۋبە 9/38).

[19]– سۆزلەر رىسالەئى نۇرنىڭ بىر بۆلۈمىدۇر.

[20]– بارلا لاھىقىسى، يىگىرمە يەتتىنچى مەكتۇب ۋە زەيللىرى، 2- جىلد، 1415- بەت.

[21]– شۇئالار، ئونبىرىنچى شۇئا، ئونبىرىنچى مەسىلىنىڭ ھاشىيىسىنىڭ بىر لاھىقىسىدۇر، 1- جىلد، 985- بەت.

[22]– بەقەرە 2/256، ئالى ئىمران 3/103.

[23]– ئەمىرداغ لاھىقىسى، 1- جىلد، 2- بەت،

[24]– يەنى: قۇرئاندا بىر مەسىلىنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشىنىڭ بىرقانچە ھېكمىتى رىسالەئى نۇرلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.

[25]– كاستامونۇ لاھىقىسى، يىگىرمە يەتتىنچى مەكتۇپ، 2- جىلد، 1589- بەت. سىككەئى تەسدىقى غەيبىي، سۆزلەر نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1991، 33- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر