مۇسۇلمانلار

بۇ ئۆسۈمگە گۇناھ بولامدۇ

سوئال:
 كۈنىمىزدە ئۆسۈمدىن خالىي بولماق بەك تەس. سورىماقچى بولغىنىم، ئەگەر بىز مەجبۇرلانغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئۆسۈملەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ رەھمەت.
جاۋاب:
ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. لېكىن قاتتىق مەجبۇرلانغانلىقتىن بەزى ھاراملارنى قىلىپ سالغان مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولمايدۇ. مەسىلەن:
1- قاتتىق ئاچلىقتا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چوشقا گۆشىدىن بىر مىقدار يېيىشىگە روخسەت بېرىلىدۇ. (بەقەرە 2/173، مائىدە 5/3، ئەنئام 6/145، نەھل 16/115- ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
2- كۇپۇر سۆزنى قىلمىسا ھاياتىغا دەخلى يېتىش خەۋپى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا كۇپۇر سۆزنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويۇپ ھاياتىنى قۇتۇزۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ»
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا) كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.
بۇ ئايەتتە قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان، لېكىن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئۆسۈمگە كىرىپ قالغان مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولمايدۇ. مەسىلەن:
باھار ئايلىرىدا زىرائەت ئۇرۇغلۇقلىرى، ئۇغۇتلار، كىۋەزلىك سولياۋلىرى… دېگەندەك ھۆكۈمەت تارقىتىپ پۇلىنى ۋاقتىدا ئالماي كۈزلۈككە مەھسۇلاتنى ساتقاندا تۇتۇپ قالىمىز، دەپ دېھقان مۇسۇلمانلارنى ئۆسۈمگە مەجبۇرلىغان بولسا، ئۇلار بۇنىڭغا كۆڭلىدە نارازى بولۇش شەرتى بىلەن ماقۇل بولسا ۋە ئۇ نەرسىلەرنىڭ پۇللىرىنى مەھسۇلاتنى ساتقاندا ھۆكۈمەت ئۆسۈمى بىلەن تۇتۇپ قالسا، ئۇ دېھقان مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلماسلىق ئىختىيارى يوق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر