مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 9

ب- تاۋىزمدا ۋەسىلە ئېتىقادى
تاۋىزم جوڭگۇنىڭ ئاساسلىق دىنىي ئېتىقادلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دىننىڭ قۇرغۇچىسى لاۋزى بولۇپ، ئۇنىڭ كۇڭزىدىن 53 ياش چوڭ ئىكەنلىكى مەلۇم. لاۋزى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا جۇڭگودىن غەربكە ساياھەتكە چىققان. بارغان يەرلىرىدە مۇقەددەس بىر كىشى سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋىزم كۇڭزى تەلىماتى، بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنلىرىنىڭ ئورتاق تەۋەررۈكىگە ئايلانغان.
ئاللاھ تەئالا ھەر جەمئىيەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَإِنْ مِنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ»
«ئى مۇھەممەد! بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ قۇرئان بىلەن ئەۋەتتۇق. ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتىلمىگەن ھېچبىر ئۈممەت يوقتۇر»- فاتىر 3 /24.
قۇرئاندا ئىسمى زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر مەككىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى رايونلارغا يەنى ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردۇر.
ئاللاھنىڭ كىتابلىرى تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل ۋە قۇرئاندىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنْزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ وَأَنْزَلْنَا الْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ»
 «بىز ئەلچىلىرىمىزنى مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى پەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەرگە كىتابنى ۋە تارازىنى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك بىر كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈك ۋە غالىبتۇر»- ھەدىد 57/25.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تاۋىزمنىڭ ئۆتمۈشىدىمۇ بىر پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر يەتكۈزگەن بىر كىتاب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمىز. ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىمۇسسالاملار بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن مەككە خەلقى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكەن. خرىستىئانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بولسا، ھاياتىنى شېرىككە قارشى كۆرەش قىلىشقا بېغىشلىغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۇقەددەس روھ يەنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنى كېيىن ئاللاھقا شېرىك قىلغان. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ھەممە جەمئىيەتتە بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد ئاساسلىرىدا كۈچلۈك بىر ئاللاھ ئېتىقادى بولغانلىقىنى، ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان ۋەسىلە ئىلاھلار ۋە ئىلاھلاشتۇرۇلغان كىشىلەر بولغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئەھۋال ئىسلامدىن ئىلگىرىكى مەككە جەمئىيىتى بىلەن خرىستىيانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۆرۈلگەن دىننى يېڭى شەكىللەندۈرۈشكە تامامەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىم بۇ ئوخشاشلىقنى ئوتتۇرىغا قويماقتا:
ۋەسىلە ۋە شېرىك 9 1
تاۋىزىمچىلاردا ۋەسىلە ئىلاھلار
1- تاۋ
تاۋ تەبىئەت قانۇنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچى قۇدرەتتۇر. ھۆرمەت ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك ئالىي ھۆكۈمراندۇر. كائىناتنىڭ ئىنتىزامىنى ئۇ بېكىتكەن. ئەتىگىنى تاۋنى ئەسلىگەن كىشى ئاخشىمى ئاسان ئۆلىدۇ[1].
ئۇ ئۇلۇغدۇر، كاتتىدۇر، يەردىكى ئىنسانلارنى باشقۇرىدۇ. يامان كىشىلەر كۆپەيگەندە ھۆكۈمرانلىقى كەسكىنلىشىدۇ. ئۆلۈش ۋە تىرىلىش، شەرەپ ۋە بايلىق ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ[2]. ئۇ ئەزەلىيدۇر، ئەبەدىيدۇر. ھەر يەردە باردۇر، لېكىن بارلىقىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ[3]. ئۇنى زېھنىدە شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغۇچى زىيان تارتىدۇ. ئۇ يارىتىلمىغان، ھەر نەرسىنى ياراتقۇچى ئۇدۇر. ئۆزگەرمەيدۇ، داۋاملىق بار ۋە داۋاملىق تەيياردۇر[4]. ھەر نەرسىنى ئوچۇقچە كۆرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ[5].
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ تاۋ بىلەن ئاللاھنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق.
2- تې
تې تاۋنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى[6]، ئىنساندا ۋە باشقا مەخلۇقاتلاردا كۆرۈنۈش ھالىتى. بارلىق مەۋجۇداتنى تاۋ مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، تې ئوزۇقلاندۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، شەكىل بېرىدۇ ۋە كۈچىنى تولۇقلايدۇ. پۈتۈن مەۋجۇداتت تاۋنى ئۇلۇغلايدۇ، تېنى قەدىرلەيدۇ[7].
3- يىن ياڭ
بۇلار كائىناتنىڭ ئىنتىزامىنى ساقلايدىغان ۋە باشقۇرىدىغان ئىككى چوڭ كۈچنىڭ ئالەمشۇمۇل سىمۋولى. بۇ ئىككى كۈچ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ[8]. ھەممە نەرسە يىن ۋە ياڭنىڭ سىرلىق مۇناسىۋىتى نەتىجىسىدە روھىي ئالەمدىن دۇنياغا چىقىرىلىدۇ. بۇ پرىنسىپنى تاۋ ياراتقان. كېيىن تاۋنىڭ يارىتىش كۈچى يىڭ بىلەن ياڭغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ نۇقتىدا تې بۇ ئىككى كۈچنى بىرلىك ئىچىدە بىر-بىرىگە ماس بىر شەكىلدە تۇتىدۇ[9]
تاۋدىن بىر (تې) تۇغۇلىدۇ، بىردىن ئىككى (يىڭ-ياڭ)[10]، ئىككىدىن ئۈچ، ئۈچتىن ئون مىڭ شەيئى تۇغۇلىدۇ. بارلىق مەۋجۇدات زىددىيەتسىز ھالدا يىننى قانات ئاستىغا ئالىدۇ، ياڭنى باغرىغا باسىدۇ[11].
تاۋنىڭ يارىتىش سۈپىتى تېغا بېرىلگەن. ئۇ بۇنى يىن ۋە ياڭ ئىككىسى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. يارىتىلغان بارلىق نەرسىلەرنى تې كونترول قىلىدۇ.
3- ئۆلۈمسىز روھلار ۋە روھىي كۈچلەر
«تاۋ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان بىرى ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق بىلەن يۇرۇقلۇق، ھايات بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى ئېزىتقۇ چېگرالار ئەمەلدىن قالىدۇ. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئالىي روھلۇق مەۋجۇداتنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەلبىي تەسىرلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە يوقالمايدىغان ھايات كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا ئەبەدىي ھاياتقا يېتىپ بارىدۇ»[12]. «دەرەخلەر ۋە ھايۋانلار، ئىنسانلار ۋە ھاشاراتلار، گۈل- چېچەكلەر ۋە قۇشلار… بۇلار يۇلتۇزلاردىن كائىناتقا ئېقىپ چۈشكەن روھىي كۈچلەرنىڭ جانلىق خىياللىرىدۇر. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ۋە يەر يۈزىدىكى مەخلۇقات بىلەن ئۇچرىشىش ۋە بىرلىشىش ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بېرىدۇ»[13].
4- ئاتا- بوۋىلارنىڭ روھلىرى
ھەر ئائىلە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھلىرىنى ئالاھىدە قوغدىغۇچى دەپ قارايدۇ ۋە ئۆيلىرىدە ئۇلار ئۈچۈن بىر ئورۇن ئايرىپ قويىدۇ[14]. بەزىدە ئاتا-بوۋىلار چاقىرىلىدۇ ۋە مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلىنىدۇ. مازارلار بەرىكەت بەرسۇن دەپ ئېتىزلىقلاردا بولىدۇ. باھار پەسلىدە سۈپۈرۈلىدۇ ۋە نەزىر-چىراق سۇنىلىدۇ[15].
5- دانىشمەنلەر ۋە پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلار
غەيبنى بىلىدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان دانىشمەنلەر، ئۆلمەيدىغان زاتلار ۋە پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلار ئىلاھىي كۈچكە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىدۇر. بۇلارنىڭ ۋەسىلىسى بىلەن مەڭگۈ ياشىغىلى شۇنداقلا ئەبەدىي ھاياتقا يەتكىلى بولىدۇ. بۇلار ئىلاھىي مەۋجۇداتلار بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەسىلىلەردۇر.
بۇلار ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىغا چىقماستىن كائىناتنى بىلىدۇ. دەرىزىدىن قارىماستىن ئاسماننى كۆرىدۇ. بارماستىن بىلىدۇ، قارىماستىن كۆرىدۇ. ئىش قىلماستىن غەلىبە قىلىدۇ[16]. بۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئىزدىگەنلەرنى ئۇلار تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى پاراسەت ۋە ئالىيجانابلىقىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىلاھىي سەلتەنەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندا ئاخىرقى مەنىۋىي ھەقىقەتلەرنىڭ يۆتكىلىشىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇ بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئىلاھىي سەلتەنەتكە يېتىپ بېرىشتا بېسىپ ئۆتكەن يولىدۇر[17].
«… مۇكەممەل يول داۋامىدا مەيدانغا كېلىدىغان ئىلگىرىلەشنىڭ ھەر باسقۇچىدا ئەتە دۇنيا مۈلكىدە ئۈمىدلىك كۆرۈنگەنگە ئەمەس، بۈگۈن مەنىۋىي مۈلكتە مۇھىم بولغانغا ئېتىبار بېرىشنى ئۆگىنىسەن. ئۇ چاغدا سىرلىق ئىشىك ئېچىلىدۇ، سەن چوپچوڭ كائىناتنىڭ باشقۇرمىغان باشقۇرغۇچىلىرىغا، ياراتمىغان ياراتقۇچىلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىسەن»[18].
«بارلىق مۇرشىدلار ۋە تېخنىكلار ئۆتكۈنچىدۇر. ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىش ئىنساننىڭ بارلىقىنىڭ تاۋنىڭ ئىلاھىي ئېنىرگىيىسى بىلەن بىرلىشىشىدىن مەيدانغا كېلىدۇ»[19].
6- رابىتە
«كىم تاۋغا يەتمەكچى بولسا، پەرىشتە سۈپەت ئۇستازلاردىن بىرى بىلەن رابىتە قۇرۇشى لازىم. بۇ كىشى ئۇستازلارنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش قىلىشى، ئىككىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن چۈشەنچىلەرنى توغرىلىشى[20]، باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى، ئىچكى پاكلىقنى ئادا قىلىشى، ئۇستازىنى كېرەكسىز توسالغۇلار بىلەن بىئارام قىلماسلىقى، ئۇستازىنىڭ ئىلاھىي كۈچى بىلەن مەنىۋىي رابىتىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ بارلىق توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، مۇتلەق سەمىمىيەتنى ھەر دائىم مۇھاپىزەت قىلىدۇ. كائىناتنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئەسكە سالىدىغان كەمتەرلىكى، ئىرادىسى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ئۇنى ئىلاھىي نۇر بىلەن تولدۇرىدۇ»[21].
داۋامى بار…


[1]گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 62- بەت.

[2]گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 63- بەت.

[3] يەنەر ئوسمان، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 16- 26- 46- بەتلەر.

[4]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، تەرجىمە قىلغۇچى: ئىسمائىل تاشپىنار، ئامىنە گۈلشاھ جوشقۇن، كاكنۈس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1999، 20-، 92-، 88- ۋە 36- بەتلەر. 

[5]گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 63- بەت.

[6] گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 69-، 70- بەتلەر.

[7]– ژ. س كوپېر، ئەردەمنىڭ نۇرى (تاۋچىلىق)، ئىسمەت زەكى ئەييۇبئوغلۇ تەرجىمىسى، ساي نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1994، 39- بەت.

[8]ئىزىتسۇ توشىكو، تاۋچىلىقتا ئاچقۇچلۇق چۈشەنچىلەر، ئەھمەت يۈكسەل ئۆزئەمرە تەرجىمىسى، كاكنۈس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2001، 164- بەت.

[9]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 65- بەت.

[10]يەنەر ئوسمان، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 60- بەت.

[11]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 51- بەت.

[12]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 52- بەت.

[13]گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 58- بەت.

[14]گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 58- بەت.

[15]يەنەر ئوسمان، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 65- بەت.

[16]يەنەر ئوسمان، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 65- بەت.

[17]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 82- بەت.

[18]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 83- بەت.

[19]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 96- بەت.

[20]– بۇ سۆزنىڭ مەنىسى تەڭرى ۋە تەڭرى ياراتقان نەرسىلەردىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەۋجۇدىيەت بار دېگەن چۈشەنچىنى تاشلاپ، ۋەھدەتۇلۋۇجۇد يەنى تەڭرى ۋە باشقا بارلىق نەرسىلەر بىر، دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەن بولۇشى، دېمەكتۇر.

[21]لياۋزى، بىلىنمىگەن تەلىماتلار (Hua Hu King)، 32- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر