مۇسۇلمانلار

يانفوندا قۇرئان بار

سوئال:
تېلىفوندا تېكىست شەكىلدىكى ۋە ئاۋازلىق فورماتتىكى قۇرئان بار. ئادەتتە دىققەت قىلماپتىمەن، تېلىفون بولغاندىكىن ھاجەتخانىغا كىرىپ قالدىم، كېيىن دوستلىرىم ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دېدى. بىلمەكچى بولغىنىم، شۇ تېلىفون بىلەن ھاجەتخانىغا كىرسەم بولامدۇ؟ ياكى تېلىفوننى باشقا بىر يەرگە قويۇپ قويۇپ ئاندىن كىرەمدىم؟
جاۋاب:
قۇرئان يۈكلەنگەن يانفونلار بىلەن ھاجەتخانىغا كىرىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلغانلىق ياكى قۇرئان كەرىمنى كۆزگە ئىلمىگەنلىك ھېسابلانمايدۇ. يانفوندا ئەسلى مەقسەت ئىنسانلار بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلىشىشتۇر. يانفونغا قۇرئان كەرىم قاچىلاپ پايدىلىنىش ئۇنىڭ قوشۇچە خىزمەتلىرىدىن بىرىدۇر.
يانفون بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلىش يانفوننىڭ ئىگىسى ھەر دائىم ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ قىلىشقا موھتاج بولىدىغان بىر ئىشتۇر. ھاجەتخانىغا كىرگەن ۋاقىتلىرىدا يېنىدا بولمىغان يانفوننىڭ يانفون بولغانلىقىنىڭ پايدىسىمۇ تولۇق بولمايدۇ. بۇنىڭ ئادەتتى ئۈستەل تېلېفونلىرىدىن پەرقى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن يانفونىغا قۇرئان كەرىم قاچىلانغان ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلغانلىق تۇيغۇسى ياكى ئۇنى مەنسىتمىگەنلىك ھېسسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھاجەتخانىغا قۇرئاننى ئەمەس، يانفوننى ئېلىپ كىرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفۇننىڭ ئىچىدىكى قۇرئانغا كىتاب ھالىتىدىكى قۇرئاننىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ. چۈنكى يانفوندىكى قۇرئان ئاۋازدىن ياكى ئېلېكترونلۇق بەلگىلەردىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن ماكىنىنىڭ ئىچىدە بىر يەردە مەخپىيدۇر. شۇڭا ئۇنداق يانفون بىلەن ھاجەتخانىغا كىرگەن كىشى كىتاب ھالىتىدىكى قۇرئاننى ئېلىپ كىرگەن كىشى بىلەن ئوخشاش ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى كىتابنىڭ ھەممىسى قۇرئاندۇر. يانفوننىڭ ھەممىسى قۇرئان ئەمەستۇر.
بۇ قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىيلارنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشى بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. ھالبۇكى، قارىلارنىڭ ئىچىدە قۇرئاننىڭ ھەممىسى بار. لېكىن قارىلار ھاجەتخانىغا قۇرئاننى ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرگەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. باشقىلارمۇ بۇ قارىم ھاجەتخانىغا قۇرئاننى ئېلىپ كىردى دەپ چۈشەنمەيدۇ.
كۈنىمىزدىكى بىنا ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ھاجەتخانىلار بار. ئەگەر ئۇ ئۆيلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بولغان تەقدىردە ئۇ ئۆيلەردىمۇ قۇرئان كەرىم بار. ئۇ ئۆيلەرنىڭ ھاجەتخانىسىدا تەرەت سۇندۇرغانلىق ھەرگىزمۇ ئۇ ئۆيلەردىكى قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق ھېسانلانمايدۇ. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر