مۇسۇلمانلار

چاچنى سېتىشقا بولامدۇ؟

سوئال:
ئادەملەرنىڭ چېچىنى سېتىشقا (ياكى باشقا نەرسىلەرگە تېگىشىشكە) بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ»
 «بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق»- ئىسرا 17/70.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئىنساننىڭ ھەر بىر پارچىسى ھۆرمەتلىكتۇر، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدۇ. چاچنى سېتىش ياكى قالايمىقان يەرگە تاشلىۋېتىش ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان چاچ، تىرناق، تۈك ۋە چىش قاتارلىقلاردەك بەدىنىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى بىر يەرگە كۆمۈۋېتىشى لازىم. بۇ ئۆلۈپ قالغان ئىنساننى دەپنە قىلىۋەتكەن بىلەن ئوخشاشتۇر. شۇنداقلا ئاياغ ئاستى قىلغانلىق ئەمەس، بەلكىدە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر