مۇسۇلمانلار

ئات گۆشى ھالالمۇ؟

سوئال:
ئات گۆشىنى يېگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «ئۇ ھارام، بۇ ھارام» دېگۈچىلەرنىڭ شۇنى بىلىپ قويۇشى كېرەككى: ئاللاھ تەئالا ھالال ياكى ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ»
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل سۈرىسى 116- ئايەت.
دىنىمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە بەزى نەرسىلەرنىڭ ھالاللىقىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ھالال نەرسىلەردىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ، مسىلەن:
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173 – ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115 – ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.
مائىدە سۈرىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ئايەتلىرىدە، پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە مائىدە سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ ۋە يەنە بۇ سۈرىسىنىڭ (مائىدە سۈرىسىنىڭ) 88 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر، نەھل سۈرىسىنىڭ 114 – ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 168 – ئايىتدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ:
«يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلَالًا طَيِّبًا…»
«ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال – پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار…» دەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا يەنە بەقەرە سۈرىسىنىڭ 172 – ئايىتىدە مۇئمىنلارغا خىتاب قىلىپ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ…»
«ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار…» دەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىدە بولسا، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە خىتاب قىلىپ:
«يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ…»
«ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەر (تەييىبات) دىن يەڭلار…» دەيدۇ.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھالال قىلىشتا پاكلىك، ھارام قىلىشتا ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتىدە بىر قىسىم ھارام نەرسىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بولغان «لَحْمَ خِنْزِيرٍ» «چوشقا گۆشى» دىن كېيىن «فَإِنَّهُ رِجْسٌ» «چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، ھارام قىلىشتا پاسكىنىلىق (ناپاكلىق) ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاكلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە «ھالال» زىكىر قىلىندىغان ئايەتلەردە «پاك» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، «ھارام» زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەردە «ناپاك، پاسكىنا» دېگەن سۆزىلەرنىڭ كېلىشى يۇقىرىدىكى مەزمۇننى توغرىلايدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ھوقۇقى
ئاللا تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157 – ئايىتدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ»
«ئۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ». تەھرىم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بولسا:
«يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ»
«ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىسەن؟» دەيدۇ.
بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال قىلىشىنىڭ پاك نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلىشىڭ پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال ياكى ھارام قىلىشتا ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن پرىنسىتىن چىقالمايدىغانلىقىغا ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ھارام دېگەن بولسا ۋە ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش بەرمىگەن بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ. يەنى ھەدىسلەردە ھاراملىقى بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.
ئات گۆشىغا بۇ پىرىنسىپ بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا ئۇنى يېگىلى بولىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئۇنى يېگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەدىسلەر مۇنداق:
فعن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما قال: «نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر عن لحوم الحمر الأهلية ورخص في الخيل»- رواه البخاري (3982) ومسلم (1941) .
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، خەيبەر كۈنى يەرلىك ئېشەكلەرنىڭ گۆشلىرىدىن مەنئى قىلدى. ئاتلار توغرىسىدا رۇخسەت بەردى»- بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
وعن أسماء بنت أبي بكر رضي الله عنهما قالت: «نحَرْنا على عهد النبي صلى الله عليه وسلم فرساً فأكلناه»- رواه البخاري (5191) ومسلم (1942) .
     ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسمائ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) مۇنداق دەيدۇ:
«بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بىر ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يېدۇق»- بۇ ھەدىسنى بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
وعن جابر رضي الله عنه قال: «سافرنا مع رسول الله صلى الله عليه وسلم وكنا نأكل لحم الخيل ونشرب ألبانها» رواه الدارقطني والبيهقي . قال النووي : بإسناد صحيح .
    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سەپەرگە چىققان ئىدۇق. ئۇ ئەسنادا ئاتنىڭ گۆشلىرىنى يەيتتۇق ۋە سۈتلىرىنى ئىچەتتۇق»- بۇ ھەدىسنى دارىقۇتنى، بەيھەقى، رىۋايەت قىلغان. نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە ئات گۆشىنىڭ ھالاللىقى ناھايىتى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا ھېچكىمنىڭ پەرقلىق بىر كۆزقاراش ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق! ئاللاھتىن قورقۇش كېرەك!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر